كورىيە تېلىۋېزىيە تىياتىرى «مۇھەببەت شەرتلىرى» ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىش بىلەنلا ياشلارنىڭلا ئەمەس، چوڭلارنىڭمۇ ناھايىتى ياقتۇرىشىغا ئېرىشتى. بۇ فىلىمدە يىنبو رولىنى ئالغان خەن جىيارېنمۇ ئاجايىپ سەبىي، ئوماق، گۈزەل رۇخسارى ۋە تەبىئى رول ئېلىش ماھارىتى بىلەن ھەممىگە تونۇشلۇق چولپانغا ئايلاندى.

يېقىندا ئۇنىڭ گىرىمسىز چۈشكەن تەبىئى سۈرىتى توردا تارقىلىشى بىلەنلا قىزغىن بەس-مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلاندى. ئۇ بۇ ھالىتى تولىمۇ تەبىئى ۋە گۈزەل بولۇپ، ئۇنىڭ قاپقارا يوغان كۆزلىرى كىشىنى تولىمۇ مەپتۇن قىلاتتى. گەرچە بۇ سۈرەت شۇنچە يېقىن ئارلىقتىن تارتىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ يۈزىدىن كىچىككىنە داغ-سەپكۈننىڭ ئىزناسىنى تاپقىلى بولمايىتتى، دىمەك بۇ سۈرەت ئۇنىڭ ھەقىقەتەنمۇ تەبىئى گۈزەللىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى.