خەلقئارا لىنىيەسى مەخسۇس خەۋىرى: ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 25-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە دېيىشىلىچە، ئامېرىكا پەن-تېخنىكا ئالىملىرى ئالدىنقى كۈنى، ئىنسانلار بىر خىل 160 مىليون يىللار ئىلگىرى ئورمانلىقتا مېڭىپ يۈرىيدىغان، چاشقانغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان جانلىقتىن تەدرىجىي تەرەققىي قىلغان دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يۇرا دەۋرىدە دىنوزاۋىر يەر شارىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان مەزگىلدە، بۇ خىل Juramaia sinensis دەپ ئاتىلىدىغان چاشقانغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان جانلىق، جۇڭگونىڭ شىمالى قىسمىدىكى لىياۋنىڭ ئۆلكىسى چېگرىسى ئىچىدە ياشاشقا باشلىغان. ئالىملار تاشقا ئايلانغان جەسەت تولۇق بولمىغان سۆڭەڭ، باش قىسىم ئىسكىلىتى ھمدە باشقا ھالقىلىق قىسىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بايقىغان. تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ يۇرا دەۋرىدىن قالغان تاشقا ئايلانغان جەسەت يەنە مۇكەممەل بولغان چىش ۋە ئالدى پۇت سۆڭەكنىمۇ ساقلاپ قالغان. بۇ ئالىملار بايقىغان ئەڭ قەدىمقى «ھەقىقى سۈت ئەمگۈچى ھايۋان» (eutherians) نىڭ تاشقا ئايلانغان جىسمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، بۇ خىلدىكى ھايۋانلاردىن كالا، چاشقان، مايمۇن، شىر، يولۋاس، ئىت، ئات، كىت قاتارلىقلار بار.
ئامېرىكا پىتتىسبۇرگ شەھىرىدىكى دۆلەتلىك تارىخ مۇزىيىنىڭ قەدىمكى جانلىقلار مۇتەخخەسسىسى جېشىلو مۇنداق دەيدي: «بۇ خىل 160 مىليون يىللار ئىلگىرى ياشىغان جانلىق، بارلىق سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ ئەجدادى بولۇپ سانىلىدۇ، بۇ ئىنسانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.»