چەتئەل تاراتقۇلىرىدا خەۋەر قىلىنىشىچە،ئىجتىمائىي ئالاقە تورىFacebook نىڭ مۇلازىمىتى 2 سائەت توختاپ قالغان بولۇپ،نۇرغۇنلىغان ئەزالار زىيارەت قىلالمىغان. كۆپلىگەن ئابونتلارنىڭ دېيىشىچە،مەزكۇر تور بېكەت مۇلازىمىتى مۇقىم بولمىغانلىقتىن،نورمال زىيارەت قىلىشقا بولمىغان.ئۇنىڭ ئۈستىگە،باش بەت ئېچىلغان تەقدىردىمۇ،سۈرئىتى دەرىجىدىن تاشقىرى ئاستا بولغان. Facebook شىركىتى بۇ ئىش ئۈچۈن ئابونتلاردىن كەچۈرۈم سورىغان بولۇپ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىپ بولغانلىقىنى جاكارلىغان.Facebook تورىغا كىرەلمەسلىك مەسىلىسى ئابونتلار تەرىپىدىن ،خەۋەر تورلىرى ۋە بىلوگلاردا بەس-بەستە خەۋەر قىلىنىپ،قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەنلىكى ئىپادىلەنگەن.«Facebook تورىنىڭ ئىپادىسى ئۇنىڭ پايچىكىغا ئوخشاشلا،بارغانسېرى چۈشۈپ كېتىۋاتىدۇ» دەيدۇ بىر ئابونت ئۆزىنىڭTwitter بېتىدە.ئىگىلىنىشىچە، Facebook تور بېكىتى تەخمىنەن 2 سائەت ئەتراپىدا توختاپ قالغان.ئاڭلاشلارغا قارىغاندا،بۇ ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىشىغاAnonymous ناملىق بىر خايكېرلار تەشكىلاتى سەۋەبچى ئىكەن.بىراق،Anonymous تەرەپ بۇ ئىشقا قارىتا ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «بىز نۇرغۇن قېتىم ئىپادە بىلدۈردۇق،ھەرگىزمۇFacebook قا ھۇجۇم قىلمايدۇ،بىز نېمە ئۈچۈن كىشىلەرگە ئۇچۇر يەتكۈزىدىغان تور بېكەتكە ھۇجۇم قىلغۇدەكمىز؟»بىر تۈرلۈك باياناتتا،Facebook قىسمەن ئابونتلار تور بېكىتىمىزنى زىيارەت قىلغاندا مەسىلە كۆرۈلگەن،بىراق،نۆۋەتتە بۇ مەسىلىلەر ئاللىقاچان ھەل بولدى دېگەن.بىراق،شىركەت نۆۋەتتە بۇ مەسىلىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى ئېنىق كۆرسەتمىگەن.Facebook تور بېكىتى ئەزەلدىنلا مۇقىملىقى بىلەن ئابونتلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ كەلگەن.5-ئاينىڭ18-كۈنى Facebook نىڭ پايچېكى بازارغا سېلىنغاندىن كىيىن،ئىپادىسى ئىنتايىن ناچار بولغان.نۆۋەتتە،Facebook شىركىتى نازارەت تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈشى ئاستىدا ئىكەن.ئىگىلىنىشىچە،Facebook شىركىتىنىڭ پايچېكى بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان، تەخمىنەن %23 تۆۋەنلەپ كەتكەن.
شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى (2010 - 5 - 17) , خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn , ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928 , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453 , 新ICP备10201682号