iPhone5 نىڭ باشقا لايىھىلىرىنىمۇ كۆرۈپ باقايلى |

مىش-مىش پاراڭلاردا iPhone5 گە سۇيۇق ھالەتتىكى بىرىكمە مېتال ئىشلىتىلىدىغانلىقى ، ھەمدە يانفۇن گەۋدىسىنىڭ ئىنتايىن نېپىز ئىكەنلىكى دىيىلگەن ، مۇشۇنىڭغا ئاساسلىنىپ ، Jon Fawcettئىسىملىك بىر لايىھىلىگۈچى iPhone5نىڭ بىر قىسىم ئۇقۇم سۈرەتلىرىنى ئېلان قىلدى . Jon Fawcettلايىھىلىگەن iPhone5نىڭ قېلىنلىقى ئاران 7مىللىمىتىر بولۇپ ، 4سۇڭلۇق ئېكران ئىشلىتىلگەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يانفۇنغا 10مىليون پېكسىللىق كەينى كامىرا ،5مىليون پېكسىللىق ئالدى كامىرا سەپلەنگەن . بۇندىن باشقا ، بۇ iPhone5گە يەنە توغرىسىغا ۋە ئۇزۇنىسىغا بولغان تۆت يوللۇق ئاۋاز ياڭراتقۇ ئىشلىتىلگەن . گەرچە Jon Fawcettئالما شىركىتىنىڭ لايىھىلىگۈچىسى بولمىسىمۇ ، لېكىن ئۇنىڭ ئۇقۇم سۆرەتلىرى كىشىنىڭ كۆزىنى چاقنىتىدۇ ، قېنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.






بۇندىن باشقا ، يېڭى نۇسخىدىكى iPhone5 يېقىن ئارلىقتا ئالاقىلىشىش ( NFC)نى قوللايدۇ ، A5X بىرتەرەپ قىلغۇچىسى ۋە 1Gئىچكى ساقلىغۇچ سەپلىنىدۇ ، كۈچلۈك بولغان تۆت يادرولۇق سۈرەت بىرتەرەپ قىلغۇچىسى سەپلىنىدۇ . iPhone5كە مۇناسىۋەتلىك پاراڭلار ئەزەلدىن توختاپ قالغىنى يوق ، ياخشى يېرى ، ئالما بۇيىل 6-ئايدىكى ئالما ئاچقۇچىلار يىغىنىدا iPhone5كە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى رەسمىي ئاشكارلايدۇ .
[ئاپتورى : مەنبەسى : ۋاقتى : 2012-5-15 11:24:31 كۆرۈلۈشى : 1413 قېتىم] |
|