iPhone ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ ئېقىم مىقدارى ئەڭ كۆپ خورايدىكەن |

تەتقىقات شىركىتى Analysys Masonنىڭ تەھلىلىدە كۆرسىتىلىشىچە ، ئالما iPhone ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ ئېقىم مىقدارى باشقا ھەرقانداق ئەقلىيفوننىڭكىگە قارىغاندا تېخىمۇ تىز خورايدىكەن . بۇ دوكلاتتا ئېقىم مىقدارى ئەڭ جىق خورىغان ئالدىنقى %10ئىشلەتكۈچى ئىچىدە iPhone ئىشلەتكۈچىلىرى %80نى ئىگىلىگەن بولۇپ ، Android، قارا بۆلجۈرگەن ۋە Windows يانفون ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ سانىدىن خېلىلا كۆپ ئىكەن . بۇ دوكلاتتىكى ئېقىم مىقدارىنىڭ خورىشى ئەڭ جىق بولغان %30يانفون ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ ئىچىدە ، iPhone ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ سانى يەنىلا يۇقىرى بولغان ،بۇ نەتىجە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ ، چۈنكى Android يانفونى ئوچۇق سۇپىنى ئىشلىتىدۇ ، ئىشلەتكۈچىلەرنى ئېقىم مىقدارىنى تېخىمۇ ئوڭاي تېخىمۇ زىچ ئىشلىتىشىگە شارائىت ھازىرلىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئالما ئۈسكۈنىلىرى يەنىلا 3G تورىنى ئىشلىتىدۇ ، تور سۈرئىتى 4G تورىنى ئىشلىتىدىغان بىر قىسىم Android يانفۇنلىرىدىن خېلىلا تۆۋەن .Analysys Masonنىڭ تەھلىل دوكلاتى بولسا ، ئامېرىكا ۋە غەربى ياۋروپادىكى 1000دىن ئارتۇق ئۈسكۈنىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئېقىم مىقدارى ھېسابلىغۇچىسى ستاتىستىكا قىلىپ چىققان سانلىق مەلۇمات .
ستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا ، ئېقىم مىقدارىنىڭ خورىشى ئېغىر بولغان ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ ئېقىم مىقدارىنى خوراش نىسبىتى ئەقلىيفون ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېقىم مىقدارى خوراش نىسبىتىنىڭ تۆت ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن . بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئامېرىكا ئەقلىيفون ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ ئېقىم مىقدارىنىڭ خورىشى بىرقەدەر كۆپ ئىكەن ، ئارىدا %30ئىشلەتكۈچىنىڭ ئايلىق ئېقىم مىقدارىنىڭ خورىشى 500MBدىن ئېشىپ ، ياۋروپانىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىدىن %8~%13ئېشىپ كەتكەن . ھازىرچە iPhone ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ ئېقىم مىقدارىنىڭ بۇنچە تىز خورىشىنىڭ سەۋەبى تېخى ئېنىق ئەمەس . بۇ دوكلاتقا ئاساسلانغاندا ، باشقا iPhone ئىشلەتكۈچىلىرىگە سېلىشتۇرغاندا ، iPhone4S نىڭ ئېقىم مىقدارىنىڭ خورىشى تېخىمۇ كۆپ ئىكەن ، SIRI مۇلازىمىتىنىڭ ئايلىق تەلىپىمۇ ئاران نەچچە MBبولغانلىقى ئۈچۈن iPhone4S نىڭ نېمىشقا كۆپ ئېقىم مىقدارى خورىتىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى ئېنىق ئەمەس .
[ئاپتورى : مەنبەسى : ۋاقتى : 2012-6-6 18:20:40 كۆرۈلۈشى : 1199 قېتىم] |
|