Kaspersky تەجرىبىخانىسى جوۋ جىيىلۈننى ئوبراز ۋەكىلى قىلدى - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
بۈگۈن : , بالىلار بايرىمىغا يەنە -311 كۈن بار
| تىزىملىتىش | سېستىمىغا كىرىش | ئىزدەش | تەكلىپ - پىكىر | باش بەت قىلىۋېلىڭ

باش بەت خەلىقئارا
مەملىكەت
شىنجاڭ
مەدىنىيەت
ئىقتىساد
تەنتەربىيە
كۆڭۈل ئېچىش
پەن - تېخنىكا
سۈرەتلىك
 
 
 
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
   ئاۋات خەۋەرلەر

 

Facebook تورىنىڭ مۇل..
iPhone ئىشلەتكۈچىلى..
iPhone5 نىڭ باشقا لا..
مۇئەللىم نەق مەي..
ئەڭ نوچى تاغتۇرا..
Photoshop CS6نى چۈشۈرد..
نوكىيانىڭ ھەشەمە..
بىرىنچى ئەۋلاد iP..

   تەۋسىيە خەۋەرلەر

 

iPhone5 نىڭ باشقا لا..
دۇنيا بويىچە ئەڭ..
بۇ «دوزاخ ئىشىكى..
پاكىستانلىق 16 يا..
iPhone 4S نىڭ ۋاقىتلى..
Facebook نۇرغۇن كىشى..

   ئاۋات خەۋەرلەر

 

پاكىستانلىق 16 ياشلىق كومپىيوتىر ئىنژىنىرى ئال..
ئالىملار ئىنسانلار چاشقاندىن تەدرىجى تەرەققى ق..
دۇنيا بويىچە ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر 10 چوڭ شىركە..
ئۈرۈمچىدە قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى..
ئەڭ نوچى تاغتۇرا iPhone 4S يانفۇنى..
بۇ «دوزاخ ئىشىكى»مۇ ياكى تاشقى پلانىت ئادىمىنى..
ئوباما «قارا بۆلجۈرگەن» دىن بىزار بولغانلىقىنى..
iPhone5 نىڭ باشقا لايىھىلىرىنىمۇ كۆرۈپ باقايلى..
تاشقى پېلانىت ئادىمىنى بايقاش..
iPhone 4S نىڭ ۋاقىتلىق سېتىشتىن توختىشى ھەۋەسك..

 
Kaspersky تەجرىبىخانىسى جوۋ جىيىلۈننى ئوبراز ۋەكىلى قىلدى
  • مەنبە: cnbeta.com
  • 2012-04-05 08:15
  • cnbeta تورىنىڭ 4-ئاينىڭ5-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، Kaspersky تەجرىبىخانىسى تەيۋەنلىك ناخشىچى جوۋ جىيىلۈننى مەھسۇلاتىنىڭ ئاسىيا رايونىدىكى ئوبراز ۋەكىلى قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. Kaspersky تەجرىبىخانىسى مۇنۇلارنى ئېلان قىلغان:« Kaspersky تەجرىبىخانىسى ئوبراز ۋەكىلى جەھەتتە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىۋاتىدۇ، بىر تەيۋەنلىك ناخشىچى جوۋ جىيىلۈننىڭ قوشۇلۇشى بىلەن داڭلىق ماركىمىزنى تېخى ئىندىۋىدۇئاللىققا ئىگە قىلماقچى».
    ئىگىلىنىشىچە، بۇندىن بۇرۇن Kaspersky تەجرىبىخانىسى مەھسۇلاتىنىڭ ئاسىيا رايونىدىكى ئوبراز ۋەكىلى شياڭگاڭلىق دۇنياغا داڭلىق كىنو ئارتىسى چېڭلوڭ ئىكەن.
    spersky تەجرىبىخانىسى  جوۋ جىيىلۈن ھەققىدە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:« ئۇ ئاسىيا ناخشا پادىشاھى بولغاندىن كېيىن، نۇرغۇن كىنولارنى رول ئېلىپ، ئۆزىنىڭ كۆپ قىرلىق تالانتىنى نامايان قىلدى. مەيلى نېمە بولمىسۇن، بىز ئۇنىڭ مۇزىكا ۋە كىنو جەھەتتىكى نەتىجىسىگە كۆز يۇمالمايمىز، ئۇنىڭدا بىر خىل ئىندىۋىدۇئاللىق، باشلامچىلىق روھى بار، بۇ خىل روھ بىلەن تەجرىبىخانىمىزنىڭ تېخنىكا ئېچىش روھى ناھايىتى ماس كېلىدۇ».
    جوۋ جىيىلۈن مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:«Kaspersky بولسا مەن تاللىغان بىردىنبىر تور بىخەتەرلىكى مەھسۇلاتى».

     




     

    Kaspersky ھەققىدە: Kaspersky نىڭ باش شتابى رۇسىيە پايتەختى موسكۋادا بولۇپ، ئۇ خەلقئارادىكى داڭلىق ئۇچۇر بىخەتەرلىكى باشلامچى شىركىتىدۇر. مەزكۇر شىركەت شەخس ۋە شىركەتلەرگە ۋىرۇسخور تەمىنلەيدۇ. ئۇنىڭدىن خايكېرغا قارشى تۇرغۇچ ۋە ئەخلەت ئې-خەتلەرنى تازىلىغۇچ قاتارلىقلارنى تەمىنلەيدۇ. ئۇ بېشىدىن 14 يىللىق ئىسسىق-سوغۇقنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ناھايىتى مول تەجرىبە ۋە يۇقىرى پەن-تېخنىكا ئاساسىغا ئىگە.

     



    جوۋ جىيىلۈن ھەققىدە: ئۇنىڭ ئىنگلىزچە ئىسمى «Jay» بولۇپ، 1979-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى جۇڭگونىڭ تەيۋەندە تۇغۇلغان. ئۇ داڭلىق ناخشىچى ۋە مۇزىكانت. 2000-يىلدىن كېيىن، ئاسىيا مودا مۇزىكا ساھەسىدە ئىنقىلاب خاراكتېرلىك نەتىجە قازانغان  ناخشىچى. ئۇنىڭ پلاستىنكىلىرىنىڭ ئاسىيادىكى سېتىلىش سانى 31 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن.

     



    تورداشلار بەلكىم، «چېڭلوڭ قارى نېمىشقا ئوبراز ۋەكىلى بولمىغاندۇ» دەپ ئويلاپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. 1954-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى تۇغۇلغان چېڭلوڭ يەنە بىر كۈندىن كېيىن 58 ياشقا كىرىدۇ. ئۇ ئالدىنقى قېتىم بىر كىنو ئىشلىۋېتىپ، ئەمدى كىنوچىلىقتىن چېكىنىپ، ئارام ئالغاچ، بۇرۇن ئىشلىگەن كىنولىرىمنى كۆرىمەن، دېگەندەك قىلغان قارىغاندا چېڭلوڭنىڭ بۇ خىل ئىپادىسى Kaspersky نىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ئانچە ماس كەلمەي قالغان بولسا كېرەك.

    [ئاپتورى :   مەنبەسى :   ۋاقتى : 2012-4-6 11:03:01  كۆرۈلۈشى : 559 قېتىم]

     

    شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى  (2010 - 5 - 17)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682