چەتئەل تاراتقۇلىرىدا خەۋەر قىلىنىشىچە،بازار تەھلىل قىلىش ئۇستىسى Mike Walkley بۈگۈن،iPhoneنىڭ سېتىلىش مىقدارى Sprint ۋە AT&T قاتارلىق خەۋەرلىشىش شىركەتلىرى سېتىپ چىقارغان باشقا بارلىق ئەقلىيفونلارنىڭ يىغىندىسىغا تەڭلەشكەنلىكىنى جاكارلىغان،ئۇنىڭ دېيىشىچە بۇ سان يەنەVerizon شىركىتى سېتىپ چىقارغان بارلىق ئاندىروئىد ئەقىلىيفونلىرىنىڭ سانىغا تەڭ ئىكەن.
«بۇنداق زور سىتېلىش مىقدارىنى قولغا كەلتۈرگەن ئەھۋالدا،ئالما شىركىتىنى دۇنيادىكى بازار قىممىتى ئەڭ يۇقىرى شىركەت دىمەسلىككە ھەققىمىز يوق» دەيدۇ Mike Walkley .
گەرچە،بۇ يىل كىرگەندىن بىرى نوكىياLumia 900 يانفونى ۋە سامسۇڭ ئوتتۇرىغا چىقارغان Galaxy تىپىدىكى ئەقلىيفونلارنىڭ سېتىلىشنىڭ ياخشى بولۇشى ئەقلىيفون بازىرىنىڭ ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتكەندەك قىلسىمۇ،بىراق،ئالما شىركىتى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا بەشىنچى ئەۋلاد ئالما يانفونى iPhone 5 نى بازارغا سېلىپ قالسا،ئۇ ھالدا ئەسلىدىن كەسكىن بولۇۋاتقان ئەقلىيفون رىقابىتى تېخىمۇ كۈچىيىپ كىتىدۇ.