شىنلاڭ ۋە تېڭشۈن مىكرو بىلوگىنىڭ پىكىر بېرىش ئىقتىدارى ۋاقىتلىق تاقالدى - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
بۈگۈن : , بالىلار بايرىمىغا يەنە -311 كۈن بار
| تىزىملىتىش | سېستىمىغا كىرىش | ئىزدەش | تەكلىپ - پىكىر | باش بەت قىلىۋېلىڭ

باش بەت خەلىقئارا
مەملىكەت
شىنجاڭ
مەدىنىيەت
ئىقتىساد
تەنتەربىيە
كۆڭۈل ئېچىش
پەن - تېخنىكا
سۈرەتلىك
 
 
 
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
   ئاۋات خەۋەرلەر

 

Facebook تورىنىڭ مۇل..
iPhone ئىشلەتكۈچىلى..
iPhone5 نىڭ باشقا لا..
مۇئەللىم نەق مەي..
ئەڭ نوچى تاغتۇرا..
Photoshop CS6نى چۈشۈرد..
نوكىيانىڭ ھەشەمە..
بىرىنچى ئەۋلاد iP..

   تەۋسىيە خەۋەرلەر

 

iPhone5 نىڭ باشقا لا..
دۇنيا بويىچە ئەڭ..
بۇ «دوزاخ ئىشىكى..
پاكىستانلىق 16 يا..
iPhone 4S نىڭ ۋاقىتلى..
Facebook نۇرغۇن كىشى..

   ئاۋات خەۋەرلەر

 

پاكىستانلىق 16 ياشلىق كومپىيوتىر ئىنژىنىرى ئال..
ئالىملار ئىنسانلار چاشقاندىن تەدرىجى تەرەققى ق..
دۇنيا بويىچە ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر 10 چوڭ شىركە..
ئۈرۈمچىدە قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى..
ئەڭ نوچى تاغتۇرا iPhone 4S يانفۇنى..
بۇ «دوزاخ ئىشىكى»مۇ ياكى تاشقى پلانىت ئادىمىنى..
ئوباما «قارا بۆلجۈرگەن» دىن بىزار بولغانلىقىنى..
iPhone5 نىڭ باشقا لايىھىلىرىنىمۇ كۆرۈپ باقايلى..
تاشقى پېلانىت ئادىمىنى بايقاش..
iPhone 4S نىڭ ۋاقىتلىق سېتىشتىن توختىشى ھەۋەسك..

 
شىنلاڭ ۋە تېڭشۈن مىكرو بىلوگىنىڭ پىكىر بېرىش ئىقتىدارى ۋاقىتلىق تاقالدى
  • مەنبە: www.techweb.com.cn
  • 2012-04-01 06:26
  • TechWeb تورىنىڭ بېيجىڭ ۋاقتى 3-ئاينىڭ 31-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شىنلاڭ مىكرو بىلوگى بىلەن تېڭشۈن مىكرو بىلوگى بۈگۈن ئەتىگەندە ئايرىم -ئايرىم ھالدا مۇنۇلارنى ئېلان قىلغان:«3-ئاينىڭ 31-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8:00 دىن 4-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8:00 گىچە بولغان ۋاقىتتا مىكرو بىلوگنىڭ پىكىر بېرىش ئىقتىدارى يېقىندىن بىرى مىكرو بىلوگدا كۆپ كۆزگە كۆرۈلگەن ئىغۋا تارقىتىش قاتارلىق قانۇنسىز ۋە زىيانلىق ئۇچۇرلار سەۋەبىدىن تاقىلىدۇ».
    ئىككى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىم ئۇلارنىڭ قانۇنسىز ۋە زىيانلىق ئۇچۇرلارنى تازىلىشى كەڭ دوستلارغا تېخىمۇ ياخشى بولغان پىكىر ئالماشتۇرۇش مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىش ئىكەن.
    تۆۋەندىكىسى شىنلاڭ مىكرو بىلوگىنىڭ باياناتى:
    مىكرو بىلوگ ئەزالىرى:
    يېقىندا مىكرو بىلوگىدا ئىغۋا تارقىتىش قاتارلىق قانۇنسىز ۋە زىيانلىق ئۇچۇرلار ئاۋۇپ قالدى. بىز بۇلارنى تازىلاش ئۈچۈن، 3-ئاينىڭ 31-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8:00 دىن 4-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8:00 گىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە مىكرو بىلوگنىڭ پىكىر بېرىش ئىقتىدارىنى تاقىماقچى. بىز بۇ ئۇچۇرلارنى تازىلاپ بولغاندىن كېيىن، پىكىر بېرىش ئىقتىدارىنى ئېچىۋېتىمىز. بىزنىڭ بۇ ئۇچۇرلارنى تازىلاشتىكى مەقسىتىمىز كۆپچىلىككە تېخىمۇ ياخشى پىكىر ئالماشتۇرىدىغان مۇھىت ھازىرلاپ بېرىشتۇر، كەڭ ئابونتلارنىڭ توغرا چۈشىنىشى ۋە كەچۈرۈشىنى سورايمىز».
    شىنلاڭ مىكرو بىلوگ
    2012-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى
    تۆۋەندىكىسى تېڭشۈن مىكرو بىلوگىنىڭ باياناتى:
    ئابونت دوستلار:
    يېقىنقى مەزگىللەردە،  ئىغۋا تارقىتىشتەك قانۇنسىز، زىيانلىق ئۇچۇرلار مىكرو بىلوگ ئارقىلىق تارقىلىپ، يامان ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلدى. شۇڭلاشقا تور بېكىتىمىز 3-ئاينىڭ 31-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8:00 دىن 4-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8:00 گىچە بولغان ئارىلىقتا مىكرو بىلوگقا پىكىر يوللاش ئىقتىدارىنى تاقاپ، بۇ خىلدىكى ئۇچۇرلارنى يىغىپ بىر تەرەپ قىلىشىنى قارار قىلدى. شۇ سەۋەبلىك سىلەرگە قۇلايسىزلىق ئېلىپ كەلگەن بولساق، چۈشىنىشىڭلارنى سورايمىز.

    تېڭشۈن تورى
    2012-يىلى3-ئاينىڭ 31-كۈنى

    [ئاپتورى :   مەنبەسى :   ۋاقتى : 2012-4-2 0:29:32  كۆرۈلۈشى : 308 قېتىم]

     

    شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى  (2010 - 5 - 17)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682