ئامېرىكا پە-تېخنىكا بىلوگىtechcrunch دە خەۋەر قىلىنىشىچە،«غەزەپلەنگەن قۇشقاچ ئويۇنى ئالەم بوشلۇقى نۇسخىسى» تارقىتىلىپ ئۈچ كۈن ئىچىدىلا،چۈشۈرۈلۈش قېتىم سانى 10مىليۇن قېتىمدىن ئېشىپ كەتكەن.
ئىگەللىنىشىچە،Rovio شىركىتى ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرى بۇ ئويۇننى رەسمىي تۈردە تارقاتقان بولۇپ،ئۈچ كۈن ئىچىدە جەمئىي 10مىليۇن قېتىمدىن ئارتۇق چۈشۈرۈلگەن.بۇ سان تېخى ئابونتلار چۈشۈرگەن يېشىۋىتىلگەن نۇسخىسى ۋە 9.99دوللارلىق ئالاھىدە نۇسخىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن.
Rovio شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى Peter Vesterbacka ئالدىنقى ھەپتە بۇ ئويۇن ھەققىدە توختالغاندا،« غەزەپلەنگەن قۇشقاچ ئويۇنى ئالەم بوشلۇقى نۇسخىسى» نىڭ تارقىتىلىشى شىركەت تارىخىدىكى چوڭ ئىش ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.بۇ ئويۇننىڭ چۈشۈرۈلۈش قېتىم سانىنىڭ بۇنداق كۆپ بولۇشى شىركەتنى قاتتىق خۇشال قىلىۋەتكەن.Rovio شىركىتى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئويۇن چۈشۈرۈلۈش قېتىم سانىنىڭ كۆپىيىشى ماس ھالدا تېمىسىدىكى ئويۇنچۇقلارنىڭ سېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ دەپ قارىماقتا.
مەزكۇر ئويۇن تارقىتىلغان كۈنى Peter Vesterbacka نىڭ سۆزلىگەن باياناتى ئاخبارات ۋاستىلىرى تەرىپىدىن Rovio شىركىتى «غەزەپلەنگەن قۇشقاچ ئويۇنى ئالەم بوشلۇقى نۇسخىسى» نىڭ Windows Phone سۇپىسى نەشرىنى تارقاتمايدۇ دەپ تارقىتىلغان،شۇنىڭ بىلەن بۇ بىر ئېغىز گەپ Windows Phone يانفون كارخانىسى بولغان نوكىيانىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويغان.بىراق،ئارقىدىنلا Rovio شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى Mikael Hed يۇقىرىقى باياناتقا تۈزىتىش بىرىپ،شىركەتنىڭ نۆۋەتتە سۇپىسى نەشرىنى تەتقىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئىگەللىنىشىچە،شىركەت 2012-يىلى «غەزەپلەنگەن قۇشقاچ ئويۇنى»نىڭ تېخىمۇ كۆپ خىل نەشرىنى ئېلان قىلىدىكەن.