سوخۇ تورى IT قانىلىنىڭ بېيجىڭ ۋاقتى 3-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرى، چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، پەن-تېخنىكا تور بېكىتى iMore نىڭ بىر خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن:« ئالما شىركىتى يېڭى بىر ئەۋلاد iPhone نى بۇ يىل كۈز پەسلىدە ئېلان قىلىدۇ، بۇ مەھسۇلات 4G LTE تورىنى قوللايدۇ. نۆۋەتتە بىز مەزكۇر مەھسۇلاتنىڭ ئېلان قىلىنىدىغان كونكرېت ۋاقتىنى بىلمەيمىز، ئەمما بىر قىسىم خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ iPhone غا 3.5 سۇڭلۇق ئېكران سەپلىنىدىغان بولۇپ، مەزكۇر مەھسۇلاتنىڭ ھەجمى تېخىمۇ كىچىكلىشى مۇمكىن ئىكەن. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يېڭى بىر ئەۋلاد iPhone ئۆز قەرەلىدە 4G LTE تورىنى قوللايدىكەن. گەرچە ئۇنىڭ ئېلان قىلىنىدىغان ئېنىق ۋاقتى تېخىچە قاراڭغۇ بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بۇ يىل كۈز پەسىلدە ئېلان قىلىنىدىكەن. ئاخىرىدا مەزكۇر خەۋەرنى ئاشكارىلىغۇچى ئالما شىركىتىنىڭ يېڭى ئەۋلاد iPhone غىمۇ يەنىلا 3.5 سۇڭلۇق ئېكران ئىشلىتىدىغانلىقىنىمۇ ئاشكارىلىغان. ئۇنىڭدىن باشقا iMore نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېڭى بىر ئەۋلاد iPhone غا مىكرو تىپتىكى ئاساسىي ئۇلىغۇچ سەپلىنىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ھەجمى كىچىكلىشى مۇمكىن ئىكەن. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، iMore تور بېكىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئېلان قىلغان بىر قىسىم خەۋەرلىرى خېلىلا ئەقىلگە ئۇيغۇن بولغان. مەسىلەن، مەزكۇر تور بېكەت ئېلان قىلغان « يېڭى iPad نىڭ ئېلان قىلىنىش ۋاقتى ۋە مەزكۇر مەھسۇلاتنىڭ 4G LTE تورىنى قوللايدىغانلىقى» پۈتۈنلەي راست چىققان.
مەنبە: it.sohu.com
شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى (2010 - 5 - 17) , خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn , ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928 , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453 , 新ICP备10201682号