دولان قويىنىڭ ئەڭ قىممىتى |

گىلىيە كۈندىلىك خەۋەرلەر 9-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرى،جوڭگۇ بايلىرىنىڭ يېڭى ئەتىۋارلىق ھايۋىنىغا يېڭى تۈر قوشۇلدى،ئۇ بولسىمۇ شىنجاڭ قەشقەرنىڭ قىممەت باھالىق دولان قويى.قوي باققۇچىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە،بۇنداق قويدىن يەرشارىدا پەقەتلا 1000تۇياق بولۇپ،ئەڭ قىممەت بىرى 1مىليون 400مىڭ فونىستىرلىڭ ،تەخمىنەن 14مىليون يۈەن بولغان. ئاقسۇ شەھەر ئىچىدىكى 48ياشلىق باقمىچى لىيۇ فېڭخۇا مۇنداق دېدى:نۇرغۇنلىغان چوڭ خوجايىنلار ئېسىل ماشىنىلارنى ھەيدەپ كېلىپ،دولان قويىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن،ماشىنىنىڭ كەينى ئورۇندۇقىغا ئېلىپ ماڭىدۇ.بۇ خوجايىنلار ئۈرۈمچىدىن كەلگەن موسۇلمانلار بولۇپ،قوي ئېلىپ-سېتىپ باي بولۇشقان،قىممەت قويلارنى سېتىۋېلىپ ئەتىۋارلىق ھايۋان قىلىۋېلىشنى ئويلايدۇ. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە،دولان قويىنىڭ ناھايتى چوڭ ئەگمەك بۇرنى بار،ئۇزۇن،چوڭ قۇلىقى ساڭگىلاپ تۇرىدۇ،ئۇلارنىڭ ئاچا قۇيرىقى بار.دولان قويى شىنجاڭ قەشقەردىن كېلىپ چىققان،ئۆسۈشى تىز،گۆشى كۆپلىگى بىلەن دۇنياغا داڭلىق.ھازىر ئۇلار قىممەت باھالىق ئەتىۋارلىق ھايۋان بولۇپ قالغان.لىيۇ فېڭخۇانىڭ دېيىشىچە،دولان قويىنىڭ باھاسى سورتىغا ئاساسەن بېكىتىلىدىكەن.يۇڭلىرى قانچە قارا،قۇلىقى شۇنچە ئۇزۇن،قاڭشىرى شۇنچە ئەگمەك،يۇڭلىرى قاپقارا،قۇيرىقى ئاق بولغانلىرى ئەڭ ياخشىسى بولىدىكەن. لىيۇ فېڭخۇا :ئۆتكەن يىلى مەن 320تۇياق ئادەتتىكى قويلارنى ساتتىم،بىراق پۇللار بىر تۇياق دولان قويى سېتىۋېلىشقا يەتمىدى.2009-يىلى،مەن دولان قويى باقمىچىلىقى بىلەن شوغۇللىنىپ،25مىڭ يۈەنگە بىر جۈپ دولان قويى سېتىۋالدىم.ئىككىنچى يىلى 250مىڭ يۈەنگە ئالىدىغان ئادەم چىقتى،ھەم باھاسى بارغانسىرى ئۆرلەۋاتىدۇ.سورتى ئەڭ ياخشى قولان قوينىڭ ھەربىر ئۈلۈش ئىسپىرمىسىنى 300مىڭ يۈەنگە ساتقىلى بولىدۇ، دېدى. خەۋەر قىلىنىشىچە،ئەنگلىيەدىكى ئەڭ قىممەت قوي ئاران 8ئايلىق بولغان ئەنگلىيە تېكسىل قويى بولۇپ،2009-يىلى شوتلاندىيىدىكى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىشتا 231مىڭ فوندستېرلىڭ،تەخمىنەن 2مىليون 310مىڭ يۈەنگە سېتىلغان . مەنبە: news.sina.com.cn
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/9/29 13:32:20 ئۇقۇلۇشى: 204 قېتىم] |
|