خان جەمەتى مادرېد غەلبە قىلدى، C رونالدو، كاكا، بېنزىما بىردىن توپ ئۇردى |

بېيجىڭ ۋاقتى 28-سىنتەبىر سەھەر، ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسى ئىككىنچى ئايلانمىسىنىڭ گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە خان جەمەتى مادېرد بوناۋۇ توپ مەيدانىدا گوللاندىيىنىڭ كۈچلۈك كوماندىسى ئاجاكىسنى كۈتىۋالدى. C رونالدو، كاكالار بىردىن توپ كىرگۈزۈپ، ئاخىرىدا بېنزىمامۇ ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىكى تۇنجى توپىنى كىرگۈزدى ۋە خان جەمەتى مادرېد 3-0 نەتىجە بىلەن ئاجاكىس كوماندىسىنى يەڭدى، شۇنداقلا ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسىدىكى ئۇدا ئىككى ئايلانما غەلبىنى قولغا كەلتۈردى.
بۇ ئىككى كوماندا ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدىمۇ گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئۇچرىشىپ، خان جەمەتى مادرېد ئىككى ئايلانمىدا رەقىبىنى يەڭگەن. مورىنىئو ئاۋۋالقىدەكلا مۇسابىقىدىن توختىتىلغان، كاۋاللو يارسى ساقىيىپ مەيدانغا چۈشكەن بولۇپ، ئۈزىل، بېنزىما، خېدىلا دەسلەپكى سەپ شەكلىدە مەيدانغا چۈشتى، ئاۋېلويا دەسلەپكى ئايلانمىدا قىزىل كارتا جازاسىغا ئۇچرىغان ماسەيلونىڭ ئورنىغا سول بېك توردى.
مۇسابىقە باشلىنىپ 24 مىنوت بولغاندا راموس چەكلەنگەن رايوندا توپنى تارتىۋېلىپ، ئۈزىلگە بەردى ئۈزىل توپنى ئوڭ قاناتقا تاشلىدى، بېنزىما چەكلەنگەن رايوننىڭ ئوڭ تەرىپىدىن توغرىسىغا توپ تاشلىدى، C رونالدو پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ بىر توپ ئۇرىۋالدى؛ 41 مىنوت بولغاندا، C رونالدو ئالدىنقى مەيدان سول تەرەپتىن قارشى تەرەپنىڭ ئۇزۇن پېسىنى بۇزۇپ تارتىۋالدى، يالغاندىن توپ ئۇرغان قىياپەتتە، كاكاغا پاس بەردى، كاكا چەكلەنگەن رايۇننىڭ سىرتىدىن پەس توپ ئۇرۇپ، ۋارىتارغا كىرگۈزىۋەتتى؛ 48 مىنوت بولغاندا خان جەمەتى مادرېد كوماندىسى داۋاملىق ماسلىشىپ، ئالونسۇ ئارقا مەيداندىن ئۇزۇن پاس بەردى، كاكا چەكلەنگەن رايوننىڭ سول تەرىپىدىن ئارىدىكى بوشلۇقتىن پايدىلىنىپ، بېنزىماغا پاس بەردى، ۋە بېنزىما ئادەم يوق ۋارىتارغا توپنى ئاسانلا كىرگۈزدى، شۇنداق قىلىپ بۇ ئايلانمىدا خان جەمەتى مادرېد 3-0 نەتىجە بىلەن گوللاندىيىنىڭ زەردار كولۇبى ئاجاكىسنى يەڭدى.
مەنبە: sports.qq.com
2011-09-28 07:54
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/9/28 16:18:51 ئۇقۇلۇشى: 116 قېتىم] |
|