ھاۋىي «مېسسى - دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى توپچى» دېدى |
سىنا تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى خەۋىرى، بارسېلونا كوماندىسىدىكى ئىسپانىيەلىك پۇتبولچى ھاۋىي مۇنداق دېدى:« بارسېلونا بولسا يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيانقى دۇنيا پۇتبولچىلىق ساھەسىدىكى ئەڭ ياخشى پۇتبول كوماندىسى، مېسسى بولسا دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى توپچى». ئۇ گېرمانىيە «رەسىم گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا، مۇنداق دېدى:«تارىختا بىر قانچىلىغان ناھايىتى كۆزگە كۆرۈنگەن كوماندىلار ئۆتكەن، ئەمما يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى كوماندا بارسېلونا». ئۇنىڭ سەپدىشى مېسسى توغرىلىقى سورالغىنىدا، ئۇ مۇنداق دېدى:«مېسسى تارىختىكى ئەڭ ياخشى توپچى، ئۇ بايرى، مارادونا، ۋە كرۇيفلارنىڭ ھەممىسىدىن مۇنەۋۋەر، بىز ئۇنى قوغدىشىمىز كېرەك، ئۇ بىزگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر ئۇ بولمىسا، بىز ھەرگىزمۇ بۈگۈنىدەك يۇقىرى سەۋىيىگە يېتەلمىگەن بولاتتۇق». ئاخىرىدا ئۇ، بارسېلونا ياۋروپا چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشتە يولۇققان ئىككى رەقىبى خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى بىلەن مانچېستېر بىرلەشمىسىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېگەن:« خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى بىز ئۇچرىغان يېڭىش ئەڭ قېيىن بولغان رەقىبدۇر، بۇ بۇلارنىڭ مۇسابىقەنى ياخشى ئوينايدىغانلىقى بولماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ مۇسابىقەگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى ئويلايدىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ ئىككى كوماندىسىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرگەندە، مەن مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ ئۇسلۇبىنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىمەن، ياخشى كۆرۈش دەرىجەم خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىدىن 1000 ھەسسە ئۈستۈن تۇرىدۇ. ئەگەر ئۇلار توپنى تېخىمۇ ياخشى ئويناشقا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كۆڭۈل قويغان بولسا، مۇسابىقە تېخىمۇ مەنىلىك بولغان بولاتتى».
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/6/9 20:18:13 ئۇقۇلۇشى: 374 قېتىم] |
|