س.لوناردو ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ كېلىشكەن ئەر بولۇپ باھالاندى |

ئىسپانىيە «مالۇكا گېزىتى»توردا ستاتىستىكا ئېلىپ بارغان بولۇپ ،خەلق رايىدىن ئاشكارىلىشىچە :خان جەمەتى مادىرىدت كۇلۇبىدىكى توپ چولپىنى س.لوناردو بولسا ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ كېلىشكەن توپچى بولۇپ باھالانغان .بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشتە 22.2%قوللاش نىسبىتى بىلەن س.لوناردو ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان كېلىشكەن توپچى بولۇپ باھالانغان .لۋلىنتې بىلەن پىكې بولسا ئايرىم -ئايرىم ھالدا ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى بولۇپ باھالانغان.ئۆتكەن نەچچە يىلدىن بىرى س.لوناردو كېلىشكەن ئەر مۇسابىقىدە ئۇدا پىكېغا ئۇتتۇرۇپ كەلگەن بۇ قېتىم بولسا تۇنجى قېتىم پىكېنى يېڭىپ ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ كېلىشكەن توپچى بولۇپ باھالاندى.ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئالتۇن ئاياق مۇكاپاتىدا 62.4%قوللاش نىسبىتى بىلەن ئۇ مىسسى بېسىپ چۈشۈپ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغان بىردىن بىر ئۈمىدلىك ماھىر بولۇپ قالدى.ئەجەبا بۇ يىللىق ياۋروپا مۇنەۋۋەر توپچى مۇكاپاتىدا مىسسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان بولسىمۇ ،ئەمما ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى مەيلى قايسى مۇكاپاتقا ئېرىشىش بولسۇن ئۇنىڭ قوللاش نىسبىتى مىسسنڭكىدىن يۇقىرى بولغان.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-9-3 13:09:22 ئۇقۇلۇشى: 356 قېتىم] |
|