تۈنجى نۆۋەتلىك جۇڭگۇ ئاسىيا ياۋرۇپا كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە،قەشقەر ۋىلايىتى 145 تۈر بويىچە 57 مىليارد 150 مىڭ يۇەنلىك كېلىشىم تۈرى ئىمزالىدى.
2-سىنتەبىر قەشقەر ۋىلايەتلىك سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گۈلشەن ئەيسا تەڭرىتاغ تورىنىڭ<<ئاسىيا-ياۋرۇپا كۆرگەزمىسى 100 كىشلىك سۆھپەت پروگراممىسى>>غا قاتناشقاندا بۇلارنى ئاشكارلىدى.بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىدە،قەشقەر ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋىلايەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىنى ئۆمەك باشلىقلىقىغا تەيىنلىدى،جەمئىي 212 كىشىنى يەرمەنكىگە قاتناشتى.21 يەرمەنكە ئورنى سېتىۋالدى،بۇنىڭ ئىچىدە كۆرگەزمىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىدىغان كارخانا ۋەكىللىرى 62 كىشى.
قەشقەر ۋىلايىتى ئىمزالىغان تۈرلەر ئاساسلىقى قۇرۇلۇش ماتىرىياللىرى،نېغىت خېمىيە سانائىتى،توقۇمچىلىق،كىيىم-كېچەك،يېزا-ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش،كان مەھسۇلاتلىرىنى تاۋلاش،ماشىنىدا پىششىقلاپ ئىشلەش،ساياھەتچىلىك،سودا ئوبۇرۇتى،ئۆي -مۈلۈك ۋە شەھەرنى ئۇنۋېرىسال ئېچىش قاتارلىق تۈرلەردىن ئىبارەت.كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرغان كارخانا ۋە مەھسۇلاتلاردىن يېزا-ئىگىلىكى،يېزا-ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى، يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلار،چارۋىچىلىق،مىللى قول-ھۆنەر بۇيۇملىرى،ساياھەتچىلىك،داۋالاش ساقلىقنى ساقلاش،كان مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق 9 چوڭ تۈر،311 مەھسۇلات بار.
ئىگىلىنىشچە،2-سىنتەبىر چۈشتىن بۇرۇنغا قەدەر،قەشقەر كۆرگەزمە رايۇنىغا كەلگەن سودىگەرلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىگەن.قەشقەر ئالاھىدە رايۇن سالاھىيىتى بىلەن بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە سودىگەرلەرنىڭ دېققەت-ئېتىبارىنى تارتقان.