ئامېرىكىدىكى بەزى چوڭ بانكىلار ھۆكۈمەت تەرىپىدىن سوتلىنىدىكەن |
شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى:9-ئاينىڭ 2-كۈنى نيويۇرك تور گېزىتىدە ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر خەۋەر ئېلان قىلىنغان بولۇپ،ئامېرىكا تۆۋەن قەرز بېرىش بازىرىنى تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىدىغان ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئولتۇراق ئۆي-مۈلۈك ئىدارىسى ھازىر ئامېرىكىدىكى ئون چوڭ بانكا ئۈستىدىن فېدېراتسىيە سوتىغا ئەرز قىلىشقا تەييارلىنىۋېتىپتۇ،ئۇلار ئامېرىكىدىكى چوڭ بانكىلار ئۆي-مۈلۈك باھاسى ئەڭ يۇقىرى باھا نۇقتىسىغا چىققاندا تۆۋەن قەرزگە نىسبەتەن سۈپەت ئۆلچىمى ھەقىقىي بولمىدى دەپ ئەيىبلەيدىكەن. دوكلاتتا دېيىلىشىچە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئولتۇراق ئۆي-مۈلۈك ئىدارىسى بىرنەچچە كۈن جەريانىدا فېدېراتسىيە سوتىغا رەسىمى ئەرز قىلىشنى باشلاپتۇ،ئۇلار ئەرز قىلغان بانكىلار ئامېرىكا بانكىسى،موگېىن بانكىسى ۋە دېيىجى بانكىسى قاتارلىقلار بولۇپ،تەلەپ قىلغان تۆلەم پۇل نەچچە ئون مىليارد دوللارغا يېتىدىكەن. دوكلاتتا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئولتۇراق ئۆي-مۈلۈك ئىدارىسى، بۇ بانكىلارنى تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز بەرگەن ۋاقىتتا،قەرز بېرىش قانۇنىدىكى تەلەپلەرنى قاتتىق تەكشۈرمىگەن،ھەمدە قەرز ئالغۇچىلارنىڭ ئالغان سوممىسىنى كۆپەيتىپ خاتا مەلۇم قىلغان ۋە قەرز ئالغۇچىلارنى ئېنىق بولغان سانلىق قىممەت بىلەن تەمىنلىمىگەن،شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك ئىقتىسادى ئىشلەپچىقىرىشقا توسالغۇ پەيدا قىلغان دەپ قارايدىكەن.ئۇنىڭدىن كېيىن كۆپ قەرز ئالغۇچىلارنىڭ قەرزنى قايتۇرۇش ئىمكانىيىتى بولمىغاچقا،تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرزنىڭ قىممىتىنى تۆۋەنلىتىۋەتكەن ھەمدە مەبلەغ سالغۇچىلارغا نۇرغۇن زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ دوكلاتقا نىسبەتەن،ئامېرىكا بانكىسى،موگېىن بانكىسى ۋە دېيىجى بانكىسى قاتارلىقلار ھېچقانداق نارازىلىق پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويمىدى.ئەمما مەبلەغ سالغۇچىلار ئەنسىرەپ،ئەگەر بانكا بۇ قېتىمقى سوتتا ئەيىبلىنىپ،بەلگىلەنگەن نەچچە ئون مىليارد تۆلەم پۇلنى تۆلىسە،بانكىنىڭ كەلگۈسىدىكى كىرىمىگە ناھايىتى زور تەسىر يېتىدۇ،شۇنداقلا ئىقتىسادى كرىزىستا ئاران-ئاران باش كۆتۈرۈۋاتقان ئامېرىكا بانكىلارغا نىسبەتەن بۇ تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز چوڭ زىيان بولىدۇ دەپ كۆرسەتتى.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-9-3 13:12:16 ئۇقۇلۇشى: 485 قېتىم] |
|