تەۋسىيە
خەۋەرلەر |
|
توپنى ياخشى ئوينىغا.. | NBA ئىككى تەرەپ سۆھبى.. | پائۇل باشقىلارنىڭ ك.. | ۋاسكىتبول چولپىنى ج.. | كوبى ئىتالىيە توپ م.. | جۇڭگو ئامېرىكا مائا.. | كىنۇ ئارتىسى ئەنجىل.. | شاكىرا يۈزسىزلىك قى.. | |
|
|
خاياۋ ئالتىنچى دورىگەرلىك زاۋۇتى سۈپەتسىز سۇلىرىنى يىغىۋالدى |

خاياۋ گۇرۇھى 6-دورا ياساش زاۋۇتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە ،مەزكۇر زاۋۇت ئىشلەپ چىقارغان <ساپتىن ساپ>تۆۋەن ئىشقارلىق ئىچىملىك سۈيى تەركىبىدىن بىرومىك ئىشقارلىق كىسلاتاسى بايقالغانلىقى سەۋەبىدىن ، ھازىر24مىڭ دانە ئىچىملىك سۇنىڭ يېرىمى يىغىۋېلىندى ، يەنە قالغان 10مىڭ دانە ئىچىملىك سۈيى يەنىلا تەكشۈرۈپ يىغىۋېلىنىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتىدۇ . دۆلەت سۈپەت تەكشۈرۈش ئىدارىسى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى ئېلان قىلغان قۇتىلىق ئىچىملىك سۇلارنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىسىگە ئاساسەن ،بۇيىل 3-ئاينىڭ 11-كۈنى ئىشلەپ چىقىرىلغان خاياۋ 6-دورىگەرلىك زاۋۇتى ئەشلەپ چىقارغان <ساپتىن ساپ>ئىچىملىك سۈيى تەركىبىدىن بىرومىك ئىشقارلىق كىسلاتاسى بايقىلىپ جەمىيەتنىڭ دېققەت ئېتىبارىنى تارتقان. ئالتىنجى ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا خاربىن شەھەرلىك سۈپەت تېخنىكا نازارەت بۆلۈمى ، خاياۋ گۇۇرۇھى ئالتىنجى دورىگەرلىك گۇرۇھىنىڭ <ساپتىن ساپ>سۈيىگە ئاساسەن ئۇدا ئۈچ قېتىم ئارىلاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا ، ئىككى قېتىملىقى سۈپەت ئۆلچىمىگە يەتكەن ، بىراق 6-ئاينىڭ 4-كۈنى ئىشلەپ چىقىرىلغان سۇلارنىڭ بىرومىك ئىشقارلىق ماددىسى بەلگىلەنگەن ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن .سۈپەت تەكشۈرۈش ئىدارىلىرى كېيىنكى 21 مىڭ دانە قۇتىلىق سۇغا نىسبەتەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ بازارغا سېلىنىشتىن ساقلىغان . خاياۋ گۇرۇھى ئالتىنجى دورا زاۋۇتىنىڭ مۇئاۋىن زاۋۇت باشلىقى جىنشۈەنيۈ ، دەسلەپكى مۇلاھىزىدىن كېيىن ،سۇ تەركىبىدىكى بىرومىك ئىشقارلىق كىسلاتانىڭ ئېشىپ كېتىشىدىكى سەۋەپ ياز كۈنىدىكى تېمپىراتۇرانىڭ يۇقىرىلىقى سۇ تەركىبىدىكى ئوزۇننىڭ ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىغان . ئوزۇن بىرخىل ئۈنۈملۈك دېزىنفىكسىيە ماددىسى بولۇپ ،بىرومىك كىسلاتا بولسا ، ئوزۇننىڭ مىكروپ ئۆلتۈرۈش جەريانىدا ئىشلەپ چىقارغان ماددىسى ئىكەن . تەپسىلاتلارغا ئاساسلىنىشىچە ، خاياۋ گۇرۇھى ئالتىنچى دورىگەرلىك زاۋۇتى 6-ئايدىن كېيىن <ساپتىن ساپ>ئىشقارلىق ئىچىملىك سۈيىنى ئىشلەپ چىقىرىشنى توختىتىپ ، رەتلىگەن . شۇنداقلا ئىزچىل تۈردە ھادىسىنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ ، ئاممىغا جاۋاب قايتۇرماقچى بولغان .خاياۋ گۇرۇھى 6-دورا ياساش زاۋۇتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە ،مەزكۇر زاۋۇت ئىشلەپ چىقارغان <ساپتىن ساپ>تۆۋەن ئىشقارلىق ئىچىملىك سۈيى تەركىبىدىن بىرومىك ئىشقارلىق كىسلاتاسى بايقالغانلىقى سەۋەبىدىن ، ھازىر24مىڭ دانە ئىچىملىك سۇنىڭ يېرىمى يىغىۋېلىندى ، يەنە قالغان 10مىڭ دانە ئىچىملىك سۈيى يەنىلا تەكشۈرۈپ يىغىۋېلىنىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ . دۆلەت سۈپەت تەكشۈرۈش ئىدارىسى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى ئېلان قىلغان قۇتىلىق ئىچىملىك سۇلارنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن ،بۇ يىل 3-ئاينىڭ 11-كۈنى ئىشلەپ چىقىرىلغان خاياۋ 6-دورىگەرلىك زاۋۇتى ئىشلەپ چىقارغان <ساپتىن ساپ>ئىچىملىك سۈيى تەركىبىدىن بىرومىك ئىشقارلىق كىسلاتاسى بايقىلىپ جەمئىيەتنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى تارتقان. ئالتىنچى ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا خاربىن شەھەرلىك سۈپەت تېخنىكا نازارەت بۆلۈمى ، خاياۋ گۇرۇھى ئالتىنچى دورىگەرلىك گۇرۇھىنىڭ <ساپتىن ساپ>سۈيىگە ئاساسەن ئۇدا ئۈچ قېتىم ئارىلاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا ، ئىككى قېتىملىقى سۈپەت ئۆلچىمىگە يەتكەن ، بىراق 6-ئاينىڭ 4-كۈنى ئىشلەپ چىقىرىلغان سۇلارنىڭ بىرومىك ئىشقارلىق ماددىسى بەلگىلەنگەن ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن .سۈپەت تەكشۈرۈش ئىدارىلىرى كېيىنكى 21 مىڭ دانە قۇتىلىق سۇغا نىسبەتەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ بازارغا سېلىنىشتىن ساقلىغان . خاياۋ گۇرۇھى ئالتىنچى دورا زاۋۇتىنىڭ مۇئاۋىن زاۋۇت باشلىقى جىنشۈەنيۈ ، دەسلەپكى مۇلاھىزىدىن كېيىن ،سۇ تەركىبىدىكى بىرومىك ئىشقارلىق كىسلاتانىڭ ئېشىپ كېتىشىدىكى سەۋەب ياز كۈنىدىكى تېمپېراتۇرىنىڭ يۇقىرىلىقى سۇ تەركىبىدىكى ئوزوننىڭ ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىغان . ئوزون بىرخىل ئۈنۈملۈك دېزىنفېكسىيە ماددىسى بولۇپ ،بىرومىك كىسلاتا بولسا ، ئوزوننىڭ مىكروب ئۆلتۈرۈش جەريانىدا ئىشلەپ چىقارغان ماددىسى ئىكەن . تەپسىلاتلارغا ئاساسلىنىشىچە ، خاياۋ گۇرۇھى ئالتىنچى دورىگەرلىك زاۋۇتى 6-ئايدىن كېيىن <ساپتىن ساپ>ئىشقارلىق ئىچىملىك سۈيىنى ئىشلەپ چىقىرىشنى توختىتىپ ، رەتلىگەن . شۇنداقلا ئىزچىل تۈردە ھادىسىنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ ، ئاممىغا جاۋاب قايتۇرماقچى بولغان .
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-9-3 12:56:09 ئۇقۇلۇشى: 168 قېتىم] |
|
|
|
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
يېڭى جوڭگو قۇرۇل.. | يېڭىلىق يارىتىش .. | قىززىقارلىق سۇلي.. | «دۇنيا مودىل قىز.. | شەنشى ئالاھىدە ب.. | سەنيادىن قوزغالغ.. | مۆجىزە يۈز بەردى.. | كىلىستىيانو. لون.. | پەخىرلىك ئوغلانم.. | ئاتا-ئانا ئاجرىش.. | خۇجىنتاۋ ئامېرىك.. | گىرۋائېسنىڭ رېيا.. |
|
|
|
شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى (2010 - 5 -
17)
, ئالاقىلىشىش
تىلىفۇنى : 13139663453
, 新ICP备10001556号 |
|