دالىيەن نېغىت تارماق شىركىتىگە ئوت كەتتى |
مەنبە: news.sxrb.com
2011-09-02 04:57
شىنخۇا ئاگېنتلىقى دالىيەن 29-ئاۋغۇست تېلېگراممىسى: 29-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن ، سائەت 10:00 لار ئەتراپىدا ، جۇڭگو نېفىتچىلىكى دالىيەن نېفىت-خىمىيە تارماق شىركىتىنىڭ زاۋۇت رايونىدىكى 875-نومۇرلۇق دېزىل تۇڭىغا تۇيۇقسىز ئوت كەتكەن . ئوت سائەت 13 دىن 20 ئۆتكەندە ئوت پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈۋېلىنغان ، ئادەم ئۆلۈش، يارىلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمىگەن.ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن شەھەرلىك ھۆكۈمەت دەرھال جىددى ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش لاھىيىسى تۈزۈپ،ئوت ئۆچۇرۇش خادىملىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۇرۇپ،قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ئاتلانغان.نۆۋەتتە ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ئىچكىرلەپ تەكشۈرۈلمەكتە.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-9-3 12:56:52 ئۇقۇلۇشى: 341 قېتىم] |
|