باۋما ئامرىكىدا241مىڭ دانە كاشىلا كۆرۈلگەن ماشىنىنى يىغىۋالىدىكەن |
شىنخۇا تورى چېكاكو9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى تېلىگراممىسىدا دېيىلىشىچە ، ئامرىكا دۆلەت تاشيول قاتناش بىخەتەرلىكى باشقۇرۇش ئىدارىسى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى توردا ، ماشىنا ئارقا چىرىقى سۈپەت كاشىلىسى سەۋەبىدىن ،باۋما ماشىنا شىركىتى ئامركىداتەخمىنەن 241 مىڭ دانە 3تىپلىق ماشىنىنى يىغىۋالماقچى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان .
باۋما شىركىتى پىلان ئىچىدىكى يىغىۋالماقچى بولغان ماشىنا تىپلىرى : 2002-يىلىدىن2005-يىلىغىچە ئىشلەپ چىقىرىلغان ، يېڭى تىپلىق 325I ، 325XI、330I ۋە 330XI قاتارلىقلار ئىكەن .
باۋما شىركىتىنىڭ دېيىشىچە ، بۇ قېتىمقى يىغىۋېلىنىدىغان ماشىنىلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ تورمۇز چىرىقى ، بۇرۇلۇش چىرىقى ،ۋە ئارقا چىراقلىرى پەقەتلا ئارلىقتا توختاپ-توختاپ ئىشلەش خۇسۇسىيىتىنى ئۆتەپ ، ئارقىدىكى ماشىنىلارغا قارىتا بەلگە بېرىش خۇسۇسىيىتىنى ھەقىقىي تۈردە ئەمەلگە ئاشۇرالماي ، قاتناش بىخەتەرلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن .
باۋما شىركىتى خەۋەر باياناتچىسى ئەندېلىيىسى لەنپۇكانىڭ دېيىشىچە ، بۇ قېتىمقى يىغىۋېلىشى پەقەتلا ئامرىكا بازىرىدا چەكلىنىدىغان بولۇپ ، تا ھازىرغىچە بۇ سۈپەت كاشىلىسى سەۋەبىدىن يۈزبەرگەن قاتناش ھادىسىلىرى كۆرۈلۈپ باقماپتۇ .
باۋما شىركىتى مەسىلە كۆرۈلگەن ماشىنىلارنى يىغىۋېلىشتا ئومۇمىي سانىنىڭ 20پىرسەنتى ئەمەلگە ئاشۇرىلىدىغان بولۇپ ، بۇقېتىمقى يىغىۋېلىش 2011-يىلى10-ئايدىن باشلاپ ئىشقا ئاشۇرىلىدىكەن . شۇنداقلا تىجارەتچى تەرەپ ھەقسىز تەكشۈرۈپ ئوڭشاش ئېلىپ بارىدىكەن .
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-9-3 12:57:53 ئۇقۇلۇشى: 587 قېتىم] |
|