شىنخۇا تورىنىڭ 4-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرى، كاكا (Kaká، بۇ ئىسىم پورتۇگالىيەچە)نىڭ سۆيۈملۈك قىزى ئىسابېللا (Isabella) نىڭ دۇنياغا كېلىشىگە ئەگىشىپ، بۇ بىرازىلىيە پۇتبول چولپىنىنىڭ ئائىسلىدە تۆت جان بار بولدى. ئۇلار كاكا، ئايالى كارولىنې (Caroline)، تېخى ئۈچ ياشقا توشمىغان ئوغلى لۇكا (Luka) ۋە يېڭىدىن دۇنياغا كۆز ئاچقان قىزى ئىسابېللادىن ئىبارەت. يېقىندا، كاكا بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ رەسىملىرى جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشكەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن ھەقىقەتەن بىر بەخىتلىك ئائىلىنىڭ ھىدى كېلىپ تۇرىدۇ.
تەھرىر ئىلاۋىسى: كاكا خان جەمەتى مادرىد پۇتبول كۇلۇبىدىكى بىرازىلىيەنىڭ كەسپىي پۇتبول تەنھەرىكەتچىسى، ئۇ 2007-يىلى AC مىلانغا باشچىلىق قىلىپ ياۋروپا چېمپىيونلۇقنى لوڭقىسىغا ئېرىشكەن. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ نۇرغۇن ئالاھىدە نەتىجىلىرىگە تايىنىپ، 2007-يىلى ياۋروپا ئالتۇن توپ مۇكاپاتى ۋە FIFA دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى بولۇپ باھالانغان. ئۇ بۈگۈنكى دۇنيا پۇتبول مۇنبىرىدە ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچىلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.