ۋەھشى جىنايەتچى تۇتۇلدى بىچارە ئانا تىزلىنىپ كەچۈرۈم تىلىدى |
2000-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى كەچ سائەت 9 ئەتراپى ئىدى ،19ياشلىق خاڭجۇلۇق قىز جىن جىن بىلەن 18ياشلىق يىگىتى زولى تاماقتىن قايتىپ ۋۇلىنمىن كوچىسدىكى باغچىنى ئايلىنىپ كىتىۋاتاتتى، بىراق ئويلىمىغان يەردىن بۇلارنىڭ ئالدىنى ئىككى پىچاق كۆتۈرگەن لۈكچەك توستى ۋە ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ قېشىدىكى نەق پۇل ۋە موتورۇللا تېلغۇنىنى بۇلاپ كەتتى .قانۇن دوختۇرىنىڭ تەكشۈرۈپ بىكىتىشىدىن ئۆلگۈچى زولىنىڭ 23يېرىگە پىچاق تىقىلىپ جىنجىننىڭ بوينىنى قايتا-قايتا تىلىۋەتكەنلىكى ۋە نەق مەيداندىلا ئۆلگەنلىكى ئىسپاتلاندى .خاڭجۇنىڭ ئەڭ ئاۋات كوچىسىدا بۇنداق ۋەھشى دىلونىڭ يۈز بەرگىنى كىشىلەرنى سارا سىمىگە سالدى .خاڭجۇ ساقچىلىرى پۈتۈن كۈچى بۇدىلونى تەكشۈرۈپ ئۆتكەن يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى قېچىپ يۈرگىلى 10يىل بولغان بۇجىنايەتچىلەرنى جىنەندە زاڭ مال بىلەن تۇتۇپ قوغا ئالدى .ئەينى ۋاقىتتىكى نەق مەيدان ئىسپاتىدىن قارىغاندا نەق مەيداندا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ قېنىدىن باشقا يەنە جىنايەتچىدىنمۇ ئازمىقداردا قان چىقىپ بۇدىلو ئۈچۈن مۇھىم يىپ ئۇچى بولۇپ قالغان ئىكەن .ئىككى كۈندىن كىيىن يەنى دەل بىرجۈپلەر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان كۈنى جىنايەتچىلەر خاڭجۇغا يالاپ قايتۇرۇپ كېلىندى .
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011/4/5 11:03:49 ئۇقۇلۇشى: 1754 قېتىم] |
|