ئۇزار تورىنىڭ تەكلىپلىك مۇخپىرى ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋرى، فوتوسى: 10-مارت چۈشتىن كېيىن، كورلا شەھەر يېڭشەھەر يېزا مەركىزى مەكتەپ ئانىلا، ئوقۇتقۇچىلار، ۋە بالىلار بىلەن بىرلىكتە قولنى قولغا تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئالغا ئىلگىرلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. پائالىيەتكە ئانىلار، ئوقۇتقۇچىلار ۋە بالىلاردىن بولۇپ 80 نەپەر كىشى قاتناشتى.
پائالىيەتنىڭ ئاساسىي تېمىسى <<قىزىقارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق چوڭقۇرلايمىز، ھەم مۇستەھكەملەيمىز>> دىگەن تېمىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئالدى بىلەن ئانىلارنىڭ كۆزىنى ئېتىپ، ئۆز پەرزەنتلىرىنى تېپىش، پەرزەنتلەرنىڭ كۆزىنى ئېتىپ، ئۆز ئانىلىرىنى تېپىش، ۋە ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ، بىر تەكشىلىكتە ئالدىغا قاراپ ئۆردەكچىلەپ مېڭىش، قاتارلىق قىزىقارلىق ئويۇنلارنى ئويناش ئارقىلىق، ئانا بالىلار بىر بىرىگە تەڭ كۆڭۈل بۆلۈش، بىر بىرى بىلەن بولغان ئارلىقنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ، مېھرى مۇھەببەتنى كۈچەيتىش، ۋە بىر بىرىگە ياردەمدە بولۇپ، ئۆز ئارا ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە كۆرەش قىلىپ، ئاخىرقى غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.
پائالىيەت داۋامىدا، بالىلار ئۆز ئانىلىرىغا بېغىشلاپ يېزىپ چىققان ھېكايە، نەسىر، ۋە شېئىرلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى. پائالىيەتتە يەنە، <<بالىلار ھوقۇق ئەھدىنامىسى>> دىن سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزەر دائىرىسى يەنىمۇ چوۇڭقۇرلاشتۇرۇلدى.
ئاخىرىدا يېڭشەھەر يېزا مەركىزى مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋە مەكتەپ سەنئەت كۇرژىكىدىكى ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە مەزمۇنى مول بولغان ئەدەبىي-سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنداپ، پائالىيەت كەيپىياتىنى يۇقۇرى دولقۇنغا كۆتۈردى.