ئۇزار تورى مۇخىبىرى ئابدۇسەمەت ئەمەرنىياز خەۋىرى فوتوسى: 2016-يىلى 5-مارت خوتەن شىخۇ مىھمانخانىسنىڭ 15-قەۋەت يىغىن زالىدا فىرانسىيە توتال سېلىقلاش مايلىرى (جوڭگۇ)شىركىتنىڭ قوللىشى،خوتەن توتال سوداچەكلىك شىركىتىنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن خوتەن ۋېلايىتى بويىچە بىرقېتىملىق كونا ۋاكالەتچىلەرنى مۇكاپاتلاش ۋە يىڭى ۋاكالەتچىلەرنى ئىلمى بولغان ئاپتوموبىل ئاسراش بىلىملىرىدىن خەۋەرلەندۇرۇش ئۈچۈن مۇشۇ ساھادىكى مۇتەخەسىسلەرنى لىكسىيە پائالىيىتىگە ئورۇنلاشتۇردى.
بۇ قېتىمقى ۋاكالەتچىلەر مۇھاكىمە ، مۇكاپاتلاش يېغىنىغا مۇشۇ كەسپتىكى ئۇستاملار ۋە ۋاكالەتچى خېرىدارلاردىن بۇلۇپ 250كە يېقىن ئادەم قاتناشتى.
يىغىن جەريانىدا ۋاكالەتچىلەر ئۆزلىرىنىڭ چۈشەنمىگەن چىگىش بولغان بىر قاتار مەسىللەرنى تەكلىپلىك مۇخەسسلەر بىلەن ئورتاقلاشتى. ۋە سورالغان سۇئاللارغا جاۋاپ بىرىش ئارقلىق مۇكاپاتلاش پائالىيتى ئېلىپ بېرىلىدى.
بۇقېتىمقى لېكسىيە رايۇنىمىزدا مۇشۇساھادىكى تىجارەتچى، رىمونىتخانا مەسئۇللىرىغا ئىلمى تىجارەت قىلىپ، يۇقۇرى ئۈنۈم يارىتىشقا پايدىسى ئىنتايىن زور بولدى ۋە مۇشۇساھادىكى تىجارەتچى، رىمونىتخانا مەسئۇللىرى ئىنتايىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
پائالىيەت ئاخىرىدا خوتەن توتال سودا چەكلىك شىركىتنىڭ قۇرغۇچىسى ئۈمەرجان ئەپەندى نەخ مەيداندا باش شىركەت باھاسىدا مال زاكاس قىلىش ۋە مۇكاپاتلىق مال زاكاس قىلىش پائالىيتىنى ئېلىپ باردى.
ئۇنىڭدىن باشقا بۈگۈنكى پائالىيەتكە ئالدىن كەلگەن 10نەپەر تەلەيلىك مىھمان بىردىن يۇڭ ئەديال
يېغىن مەيدانىغا كەلگەن بارلىق خېرىدارغابىردىن خاتىرە بۇيۇم بىلەن مۇكاپاتلىدى.
بىز ئاخىرىدا ئۇزار تورىدىكى بارلىق ئىشچى خىزمەتچىلەر نامىدىن خوتەن توتال سودا چەكلىك شىركىتنىڭ بۇنڭدىن كىينكى ئىشلىرنىڭ ئۇتۇقلۇق سودىسىنىڭ تېخىمۇ روناق تېپىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئۇزار تورى
شىنجاڭ ئۇزار تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
2016-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى