2016-يىلى 9-مارت ئۈرۈمچى جىنجياڭ خەلقئارا چوڭ مېھمانخانىسىنىڭ 2-قەۋىتىدىكى يىغىن زالىدا شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبىنىڭ 2016-يىللىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى غەلىبىلىك ھالدا ئېچىلدى.
بۇ قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى، پۇتبول جەمئىيىتى ۋە پۇتبول باشقۇرۇش مەركىزى قاتارلىق ئىدارە-ئورگانلارنىڭ رەھبەرلىرى، مەسئۇللىرى ۋە نوپۇزلۇق تاراتقۇ ۋاستىلىرى، شۇنداقلا ھەر قايسى پۇتبول مەستانىلىرى تەشكىلاتلىرىدىن بولۇپ 100 گە يېقىن مېھمان قەدەم تەشرىپ قىلدى.
ئالدى بىلەن ئۈرۈمچى جۈنتەي ئۆي-زېمىن پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبىنىڭ لىدىرى سۈن ئەيجۈن ئەپەندى كۇلۇبقا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى.
ئارقىدىن رىياسەتچى بۇ پەسىللىك شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى پۇتبول كوماندىسىنىڭ توپچىلار تىزىملىكىنى جاكارلىدى.
ئارقىدىنلا توختام ئىمزالاش ھالقىسى ئېلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبى «شىنجاڭ تەنتەربىيە لاتارىيەسى»، «ياش-ئۆسمۈرلەر كوماندىسى» ۋە «بېيجىڭ ئوۋشۈن تەنتەربىيە مەدەنىيەت پاي ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى» قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن توختام ئىمزالىدى.
رىياسەتچىنىڭ تەكلىپى بىلەن بېيجىڭ ئوۋشۈن تەنتەربىيە مەدەنىيەت پاي ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ياۋ جېنيەن ئەپەندى سۆز قىلدى.
رىياسەتچى شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسىنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىنىڭ 12-مارت مېھمان كوماندا سالاھىيىتىدە شېنجىن كوماندىسى بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقى، شۇنداقلا 4-ئاينىڭ 17-كۈنى تۇنجى مەيدان ساھىبخان مەيداندا رىقابەتچىسىنى كۈتۈۋالىدىغانلىقىنى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، چوڭ ئېكران ئارقىلىق بۇ پەسىللىك مۇسابىقە تىزىملىكىنى كۆپچىلىككە ئېلان قىلدى.
ئەڭ ئاخىرىدا ھەر قايسى رەھبەرلەر بىرگە سەھنىگە چىقىپ «يېڭى مۇسابىقە پەسلىنى قوزغىتىش» ھالقىسىنى تاماملىدى. ئاخىرىدا بىز شىركەت نامىدىن، شۇنداقلا بارلىق شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى پۇتبول كوماندىسىنىڭ مەستانىلىرىگە ۋاكالىتەن شىنجاڭ ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى مۇسابىقىلەردە ئەركەكلەرچە ئىپادىدە بولۇپ، رىقابەتچىسى ئۈستىدىن غالىب كېلىشىگە تىلەكداشلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز.