يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى
  • خوتەندىكى ھەر مىللەت ئامما چوكانتال بايرىمىدا ۋاڭ ۋېينىڭ قەبرىسىنى سۈپۈردى
  • دىلپاك مۇسۇلمانچە يىمەك - ئىچمەك زاۋۇتى بىلەن شىنجاڭ خۇشئەنبەر خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى ھەمكاشلاشتى
  • ئالتۇن كۆۋرۈك جەنۇبى شىنجاڭ يەرمەنكىسىگە قايسى شىركەتلەر قاتناشتى
  • فۇنۇن مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش شىركىتى ئالتۇن كۆۋرۈك يەرمەنكىسىدە
  • ئاتا بۇلاق شىركىتى ياۋرۇ ئاسىيا ئالتۇن كۆۋرۈك يەرمەنكىسىدە
  • ئەتلەس يۇرتى لوپ ناھىيەسىدە نورۇز بەزمىسى
  • تاشقىن شىركىتى ئالتۇن كۆۋرۈك جەنۇبى شىنجاڭ يەرمەنكىسىدە يارقىن نوقتىغا ئايلاندى
  • لوپ ناھىيە چاھارباغ يېزىسىدا مەدەنىيەت قابىللىرىنى تەربىيەلەش كۇرىسى ئېچىلدى
  • 2016 – يىللىق مەشرەپ مەھسۇلاتى ئېلان قىلىش، يىللىق خۇلاسە يىغىنى
  • يېڭشەھەر يېزا مەركىزى مەكتەپ ئانىلا، ئوقۇتقۇچىلار، ۋە بالىلار بىلەن بىرلىكتە قولنى قولغا تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئالغا ئىلگىرلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى
  • شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبىنىڭ 2016-يىللىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى غەلىبىلىك ھالدا ئېچىلدى
  • لوپ ناھىيىسى «8-مارت» ئاياللار بايرىمىنى تەبرىكلەپ ئاياللار سالاپىتىنى نامايەن قىلىش مودىل مۇسابىقىسى ئۆتكۇزدى
  • لوپ ناھىيە چاھارباغ يېزىسىدا«8-مارت » ئاياللار بايرىمىنى تەبرىكلەش مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى قىززىپ كەتتى
  • توتال سېلىقلاش مايلىرى 2016-يىللىق ۋاكالەتچىلەر مۇھاكىمە ،مۇكاپاتلاش يېغىنى مۇۋاپىقيەتلىك ئېچىلدى
  • لوپ ناھىيە ھاڭگىيا يېزىلىق ئەلنەغمىچىلەر ئەتىرىتى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى مول مەزمۇنغا ئىگە قىلماقتا
  • يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى

    شىنجاڭلىق تۆت ئۇيغۇر يىگىت خېنەندە ۋەقەگە يولۇققان يارىدارنى قۇتقۇزۇۋالدى

    مەنبە :تەڭرىتاغ تورى       يوللىغۇچى : شىرئەلى       يوللانغان ۋاقىت :2016-02-28


    رەسىمدە : ياردارلارنى قۇتۇلدۇرغان 4 شىنجاڭلىق يىگىتلەر ۋە مىسرانىم تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابابەكىرى مۇختەر مىسرانىم 

    مۇشۇ خەۋەرگە مۇناسىۋەتلىك فىلىم 

       

    تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: 23-فېۋرال، شىنلاڭ مىكروبىلوگىدا شىنجاڭلىق تۆت نەپەر ئۇيغۇر يىگىتنىڭ خېنەن ئۆلكىسى شىنياڭ شەھىرى لوشەن ناھىيەسىدە قاتناش ۋەقەسىدە يارىلانغان يارىدارنى جىددىي قۇتقۇزۇۋاتقان بىر بۆلەك سىن كۆرۈنۈش ئېلان قىلىنغان بولۇپ، نۇرغۇن قېتىملاپ تارقىتىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تورداشلار ئۇلارغا ‹‹يۈرەك›› بەرگەن.

        بۇ بىر مىنۇتقىمۇ يەتمىگەن قىسقا سىن كۆرۈنۈشىدە، بىر قارا رەڭلىك جىپ ماشىنا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ يېرىم دائىرىلىك ماشىنا يولىدا توغرىسىغا توختاپ قالغان بولۇپ، ماشىنىنىڭ ئوڭ ئىشىكى ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران بولغان، تۆت نەپەر ئۇيغۇر يىگىت تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېتىپ كېلىپ يارىدارنى قۇتقۇزۇپ، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكلەرگە ياردەملىشىپ ساقچىغا مەلۇم قىلىپ، قۇتقۇزۇش ماشىنىسى تەلەپ قىلىۋاتاتتى، يەنە توختىماي يارىدارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتاتتى.

        بۇ سىن كۆرۈنۈشى ئاشكارىلىنىشى بىلەن، پۈتۈن مەملىكەتتىك بارلىق تورداشلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ھەمدە بەس-بەستە تارقاتقان، تورداشلار بەس-بەستە باش بارمىقىنى چىقىرىپ: ‹‹شىنجاڭلىق يىگىتلەر قالتىسكەنسىلەر، بىر نەچچە ئۇيغۇر يىگىتى قالتىسكەن، ياخشى، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان شىنجاڭلىقلارنى ئالقىشلايمىز›› دېگەندەك مەدھىيە سۆزلىرىنى ياغدۇرۇۋەتكەنىدى.

        25-فېۋرال، مۇخبىر قاتناش ۋەقەسىدە نەق مەيداندا بولغۇچى، يارىدارنىڭ ئۆيىدىكىلىرىدىن ۋاڭ ئەپەندى بىلەن ئالاقىلاشتى. ئۇنىڭ مۇخبىرغا دېيىشىچە، شۇ كۈنى ئۇلار بىر ئائىلە كىشىلىرى خېنەندىن ئىچكى موڭغۇلدىكى ئۆيىگە قايتقان، ماشىنىنى ئايالى ھەيدىگەن بولۇپ، يېرىم يولدا لوشەن ناھىيەسىدىكى جۇگەن دەرياسى كۆۋرۈكىگە كەلگەندە، ماشىنا تۇيۇقسىز يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنىڭ رېشاتكىسىغا سوقۇلۇپ كېتىپ، ماشىنا يانچە بولۇپ قالغان. ماشىنا ھەيدىگە ئايال نەق مەيداندا ھوشىدىن كەتكەن، 10 ياشلىق ئوغلىمۇ يارىلانغىنىدىن توختىماي يىغلىغان.

        ۋاڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى: شۇ چاغدىكى ئەھۋال بەك جىددىي بولۇپ، بالا يولنىڭ ياقىسىغا چىقىپ قالغانىدى، مەن ماشىنىدىكى ھوشسىز ياتقان ئايالىمنى تارتىپ چىقاردىم، كاللام قۇپقۇرۇق، نېمە قىلارىمنى بىلمەيلا قالغانىدىم. ئاشۇ بىر نەچچە ئۇيغۇر يىگىتى توختاپ ماشىنىدىن چۈشۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېتىپ كېلىپ ياردەم كېرەك-كېرەك ئەمەسلىكىنى سورىدى ھەمدە شۇ ھامان 120 جىددىي قۇتقۇزۇشقا تېلېفون قىلدى. ھازىر ئويلىسام، ھېلىمۇ ياخشى ئۇلار بار ئىكەن، بولمىسا ئايالىم بىلەن بالامنى بۇنچىۋالا تېز دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارالمىغان بولاتتۇق.

        ئىگىلىنىشىچە، ۋاڭ ئەپەندىمنىڭ ئايالى ۋە بالىسى لوشەن ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى داۋالىنىۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتە كېسەللىك ئەھۋالى مۇقىملاشقان، دوختۇرخانىدا يەنە بىر نەچچە كۈن كۆزىتىلگەندىن كېيىن ئۆيىگە قايتىپ كۈتۈنسە بولىدىكەن. ۋاڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى: ‹‹ئايالىم بىلەن بالامنىڭ ئەھۋالى مۇقىملاشقاندىلا، ئاندىن ئۇلارنى ئېسىمگە ئاپتىمەن، ئۇلارغا رەھمەت ئېيتاي دېسەممۇ تېلېفون نومۇرىنىمۇ قالدۇرماپتۇ، ھازىر ئاشۇ بىر نەچچە ياخشى نىيەتلىك شىنجاڭلىق يىگىتكە رەھمەت ئېيتىۋالسام دەيمەن.››

        ئارقىدىن، مۇخبىر خېنەن ئۆلكىسى شىنياڭ شەھەرلىك يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى خەلق ساقچىلىرىدىن ئىگىلىشىچە، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قاتناش ساقچىلىرىنىڭ دەلىللىشى ئارقىلىق،، شۇ چاغدا ئۇلار نەق مەيدانغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، يېرىم يولدا ئۈچ نەپەر شىنجاڭلىق يىگىتنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەرتىپنى ساقلاپ ھەمدە يارىدارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، قاتناش ساقچىلىرى ۋە دوختۇرلارنىڭ يېتىپ كېلىشىنى ساقلاۋاتقانلىقىنى كۆرگەن، ئۇلار نەق مەيداندىكى كىشىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغاندىن كېيىن. نەق مەيداندىن ئۈن-تىنسىزلا كېتىپ قالغان. بۇ ئۈچەيلەننىڭ ھەيدىۋالغىنى نومۇر تاختىسى ئاسمىغان يېڭى ماشىنا بولغاچقا، ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق ئۇچۇر قالمىغان. شىنياڭ شەھەرلىك يۇقىرى سۈرئەتلىك قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى خەلق ساقچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ قىزغىنلىق بىلەن ياخشى ئىش قىلسىمۇ، نامىنى قالدۇرماسلىقتىن ئىبارەت پەزىلىتى ئادەمنىڭ قايىللىقىنى قوزغايدۇ، ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدۇ. بۇ ساقچى مۇنداق دېدى: سىلەرنىڭ خەۋىرىڭلار ئارقىلىق، بۇ ئۇيغۇر يىگىتلىرىنى تاپالىساق، ئۇلارنىڭ بۇ ئىشىنى تېخىمۇ كۆپ تەشۋىق قىلىمىز.

    يېڭى خەۋەر كۈرۈش 336-280  ئاستى ئېلان ئورنى
    مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
    • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
    • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
    • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
    • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
    • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
      يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز