لوپ ناھىيەسى خوتەن ۋىلايىتنىڭ 8-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەركەت يېغىنى پائالىيتىگە ياخشى تەييارلىق قىلماقتا
ئۇزار تورى خەۋىرى: خوتەن ۋىلايىتىنىڭ 2016-يىللىق كېرىيە ناھىيەسىدە ئۆتكۈزىلىدىغان 8-نۆۋەتلىك ئازسانلىق مىللەتلەر ئەنئەنۋى تەنھەركەت يېنىغىنى پائالىيتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن لوپ ناھىيە دېھقان-چارۋىچىلار ۋەكىللەر كوماندىسى 25-فېۋرال ئەتتىگەن كېرىيە ناھىيەسىگە كېلىپ، بۇ قېتىمقى مۇسابىقە پائالىيتىدە ياخشى نەتىجە قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مۇسابىقە مەشىق تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلىدى.
ئىگىلىنىشىچە؛ بۇ قېتىمقى مۇسابىقە پائالىيتى 27-فېۋرال رەسىمى باشلىنىدىغان بۇلۇپ، تۆت كۈن داۋاملىشىدىكەن. مۇسابىقە پائالىيتىگە لوپ ناھىيە ۋەكىللەر كوماندىسىدىن 68 نەپەر تەنھەركەت ماھىرى قاتنىشىدىغان بۇلۇپ، «ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش ، مىللىيچە چېلىشىش، تەپكۈچ تېپىش، ياغاچ پۇتتا يۈگۈرۈش، بوقىچىلاپ ئارقان تارتىشىش، ئېلەنگۈچ» قاتارلىق 10 تۈر بويىچە مۇسابىقە قاتنىشىدىكەن. .
سۈرەتتە: مۇسابىقە مەيدان ۋە مۇسابىقە تەييارلىق كۆرۈنىشلەر.