ئۇزار تورى خەۋىرى: لوپ ناھىيە چاھارباغ يېزا باش گىجا كەنتىدىن ئەل ئىچى سېرىك ئارتىسى ئاتاۋۇلا رۇزىمەممەت، يېقىندا ناھىيەگە قاراشلىق يېزا-بازار ۋە قوشنا ناھىيە-شەھەرلەردىكى يېزا-بازارلارنىڭ بازار كۆندىن پايدېلىنىپ، دارۋازلىق، قالپاق ئويۇنى، موللاق ھەركىتى قاتارلىق قىزىقارلىق، ئامما ياقتۇردىغان سېرىك ئويۇنىنى كۆرسىتىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ قىش پەسىلدىكى مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش بىلەن بىرگە، قوشنا ناھىيە-شەھەرلەردىكى 20 نەپەر دېھقان سېرىك ھەۋەسكارلىرىغا سېرىك ماھارەتلىرىنى ئۆگۈتىپ، ئۇلارغا چىقىش يولى تېپىپ بەردى.
سۈرەتتە ئاتاۋۇللا رۇزىمەممەت خوتەن شەھرى يۇرۇڭقاش بازىردا پەرزەنتلىرى بىلەن بىرگە، سېرىك ئويۇنى كۆرسەتمەكتە