ئۇزار تورى خەۋىرى : خوتەن «ئۆز پۈتۈك» مەدەنىيەت تارقىتىش مەسئۇليەت چەكلىك شىركىتنىڭ ئۇيۇشتۇرشى بىلەن 14-فېۋرال لوپ ناھىيەسىنىڭ تىياتىرخانا زالىدا دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك پىسخىك مەسلىھەتچىسى، شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانىسى ئىستىقبال سەھنىسى پىروگىراممىسىنىڭ تەكلىپ پىسىخىك مەسلىھەتچىسى، مىڭ سۆز پىسخىك مەسلىھەت بىرىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئەلى قۇربان مۇئەللىم «پەرزەنتلەرنى قانداق تەربىيەلەيمىز، ئائىلە تۇرمۇشىنى بەرپا قىلىش ئۇسۇللىرى، بېسىمنى قانداق تۈگۈتىش كىرەك» دىگەن ئۈچ تىمىدا ئۆزىنىڭ ئۈنۋىرسال لىكسىيە تىمىسىنى ئەڭ ئاددى ۋە يۇمۇرىستىك تىللار بىلەن لىكسىيە سۆزلەپ، لىكسىيە ئاڭلىغۇچىلارنى چوڭقۇر تەربىيەگە ئىگە قىلدى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە رايۇنىمىزدىكى نۇپۇزلۇق تاراتقۇلاردىن ئۇزار تورى، ۋە سىرداش مېدىيا پەن تېخنكا چەكلىك شىركىتى قاتارلىق ئۇرۇنلار ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى
بۇ قېتىمقى لىكسىيەنى ناھىيە تەۋەسىدىكى تىجارەتچى-كارخانىچىلار،ئوقۇتقۇچىلار، ئاتا-ئانىلار قاتارلىق 800نەپەردىن ئارتۇق ئامما نەخ مەيداندا ئاڭلىدى.
لىكسىيە پائاليتىدىن كۆرۈنىشلەر
خەۋەر تەمىنلىگۈچى : لوپ ناھىيە سامپۇل بازارلىق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە،رادىئو،كىنو-تېلىۋىزىيە مۇلازىمەت مەركىزىدىن: مۇھەممەد ئەلىي ئەنۋەر