2- ئاينىڭ 13 - كۈنى سەھەردە ، قوبۇقسار ناھىيىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ چاغانكۆل يېزا داۋلان مورتون كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش ، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش ، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى چارۋىچىلار ئۇرغان قار يېغىپ، يول يۈرۈشىگە توسالغۇلارنى ئىلىپ كەلگەنلىكىنى مەلۈم قىلغان تېلېفونىنى تاپشۇرۇپ ئالدى .
2- ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بوراننىڭ تەسىرىدە، داۋلان مودۇن كەنتىدە ماڭدىغان يوللارنى قار بېسىۋېلىپ توسۇلۇپ قالدى.
كەنت ئاھالىسى باتۇر: « بىز ماڭدىغان يوللارنى قار بېسىۋېلىپ توسۇلۇپ، يول يۈرۈشىمىزگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى ، شۇڭلاشقا ئامالسىز، خىزمەت ئەترىتىگە تېلېفون قىلىپ ياردەم تەلەپ قىلدۇق ، كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى تېلېفوننى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، ئۇزاق ئۆتمەيلا كەنت ئىككى كومىتېتى كەلدى» دېدى.
كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى ۋە كەنت ئىككى كومىتېتى نەق مەيدانغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى، تەخمىنەن بىر كىلومېتىر يول توسىلىپ. يولنى كۆرگىلى بولمايتتى. چاغانلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش مەزگىلىدە، قار تازىلاش ماشىنىلىرىنى ئىجارە بېرىش شىركەتلىرىمۇ دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلگەنىدى. ئەڭ ئاخىرىدا خىزمەت ئەترىتى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئادەم كۈچى ئىشلىتىش ئارقىلىق بۇ چارۋىچىلىق رايونىنىڭ يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ بېرىشنى قارار قىلدى.
كەنت ئىككى كومىتېت بەنزىسى ۋە خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا، بەش سائەت جەڭ قىلىش ئارقىلىق، يوللار پۈتۈنلەي راۋانلىشىپ، ئۈچ ئائىلىلىك چارۋىچىنىڭ يول يۈرۈشى كاپالەتكە ئىگە بولدى.