2016-يىللىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىنىڭ رىياسەتچىلىرى ئېلان قىلىندى
مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات مەركىزى مىكروبىلوگىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2016-يىللىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ ئاساسىي مەيدانىدا جەمئىي ئالتە رىياسەتچى بېكىتىلگەن بولۇپ، ئۇلار جوۋ تاۋ، جۇ جۈن، دوڭ لياۋ، سا بېينىڭ، لى سىسى ۋە نىغمەت ئابدۇراخماندىن ئىبارەت. فۇجيەننىڭ فۇجوۋ تارماق مەيدانىدىكى رىياسەتچىلەر لى گۇيمىڭ، جاۋ لىنشو؛ شەنشى شىئەن تارماق مەيدانىدىكى رىياسەتچىلەر جۇ شۈن، شۈ جيې؛ گۇاڭدۇڭ گۇاڭجوۋ تارماق مەيدانىدىكى رىياسەتچىلەر رېن لۇيۈ، دېڭ لۇ؛ ئىچكى موڭغۇلنىڭ خۇلۇنبۇر تارماق مەيدانىدىكى رىياسەتچىلەر ما يۆ، ئورېنتۇيا قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.