يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى

«سۈن ۋۇكۇڭ»نىڭ چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە چىقالمايدىغانلىقى تورداشلارنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى

مەنبە :نۇر تورى       يوللىغۇچى : ئۇزارجان       يوللانغان ۋاقىت :2016-01-28

1-ئاينىڭ 26-كۈنى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى چاغانلىق كېچىلىكىنى رېپېتىتسىيە قىلدى. رېپېتىتسىيەدىن كېيىن سۈن ۋۇكۇڭنىڭ رولىنى ئالغۇچى ليۇ شياۋلىڭتوڭنىڭ مايمۇن يىلى چاغانلىق كېچىلىكىدىكى نومۇرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى توردا تارقالدى ۋە تورداشلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقى قوزغىدى. خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان زور ساندىكى تورداشلار مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى چاغانلىق كېچىلىكى ۋە كېچىكلىكنىڭ رېژىسسورىنىڭ مىكرو بلوگىدا سۆز قالدۇرۇپ بۇ قاراردىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى، مايمۇن يىلى چاغانلىق كېچىلىكىدە ليۇ شياۋلىڭتوڭنىڭ ئالاھىدە نومۇرىنى كۆرۈشنى تولىمۇ خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

27-يانۋار تاراتقۇلار ليۇ شياۋلىڭتوڭ بىلەن ئالاقىلاشتى، ليۇ شياۋلىڭتوڭنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىپ بېرىشىچە ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ پروگراممىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلمىغان بولماستىن، ئۇ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ھېچقانداق تەكلىپنامىسىنى تاپشۇرۇپ ئالمىغان.  بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە بۇ ئىككى كۈندىن بۇيان مىكرو بولوگىدا تورداشلارنىڭ قالدۇرغان سۆزلىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆرگەن ھەم ناھايىتى تەسىرلەنگەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە ئۇ ھازىرقى ياشلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە بۇنداق كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، تىياتىر مەدەنىيىتىگە بۇنداق قىزىقىشى ۋە ھېسسىياتىنىڭ بارلىقىنى ئويلاپ باقمىغان ئىكەن.

«مەن ئۆزۈم مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خىزمەتچىسى، ئەگەر مېنى چاغانلىق كېچىلىككە چىقارسا مەن ئەلۋەتتە بۇنى قوبۇل قىلىمەن. ئەگەر چىقالمسىمام بۇ پۈتۈن كېچىلىكنى ئويلىشىپ چىقارغان قارار بولىدۇ، بۇنى ھەم ھۆرمەت قىلىمەن. مەن تاماشىبىنلارنىڭ مېنىڭ كېچىلىككە چىقىش چىقماسلىقىمغا بەك ئالاھىدە دىققەت قىلىپ كەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن. كۆپچىلىكنىڭ ماڭا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە رەھمەت. بۇ يىل مايمۇن يىلى، بۇيىل مېنىڭ «غەربكە ساياھەت» ۋە سۈن ۋۇكۇڭغا ئالاقىدار نۇرغۇن خىزمەتلىرىم بار. كۆپچىلىك مېنى باشقا ئەسەرلىرىمنى كۆرەلەيدۇ».

ليۇ شياۋلىڭتوڭ 1986-يىلى قويۇلغان «غەربكە ساياھەت»تىن كېيىن جامائەتچىلىككە تونۇلغان، شۇنىڭدىن كېيىنكى مايمۇن يىلللىق چاغان كېچىلىكلىرىنىڭ ھەممىسىدە نومۇر ئورۇنلىغان. ھازىرغىچە مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى نېمە ئۈچۈن ليۇ شياۋلىڭتوڭنى كېچلىككە تەكلىپ قىلمىغانلىقى توغرۇلۇق ئىپادە بىلدۈرمىدى. 

يېڭى خەۋەر كۈرۈش 336-280  ئاستى ئېلان ئورنى
مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز