ئۇزار تورى خەۋىرى : 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى خوتەن تېخنىك ئىشچىلار مەكتپى رىستۇرانىنىڭ 2-قەۋىتىدە ئابلاجان سەنئەت تەربىيلەش مەكتىۋى خوتەن تارماق مەكتىپى ئېچىلىش مۇراسىمى داغدۇغلۇق ئۆتكۈزۈلدى.
بۈگۈنكى بۇ كاتتا پائالىيەتكە ئەل سۆيگەن سەنئەتكارلىمىز دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك ئارتىس ئابدۇكېرەم ئابلىز، مودا ئېقىم ناخىشچىسى ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسنىڭ رىژسسورى مۇختەر بوغرا ، ئىنتىل مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابلەت ئابدۇللا، كۈيىچى مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتنىڭ قۇرغۇچىسى مەمتىمىن ئابدۇجىلىل ، ئەلچىن مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شركىتنىڭ قۇرغۇچىسى كۆزگە كۈرۈنگەن داڭلىق سېھرگەرلىك شاھزاادىسى ئەنۋەر ئازاد ئەلچىن DSP ئۇسسۇل گۇرۇپسىنىڭ قۇرغۇچىسى فۇرقەت مۇئەللىم، شۇنداقلار باللىرىم سودا چەكلىك شىركىتنىڭ قۇرغۇچىسى ، ئابلاجان سەنئەت تەربىيلەش مەكتىپى خوتەن تارماق مەكتىپىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى ئالىمجان ئەپەندى ۋە ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە كەسىپداشلىرى جەمىيئەت ئەربابلىرى ۋە ھەر ساھە رەھبەرلەر ئېچلىش مۇراسىمىدىكى لىنتا كىسشكە قاتناشتى.
پائالىيەت داۋامىدا يەنە ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ، ئابدۇكېرەم ئابلىز، مۇختەر بۇغرا، ئابلەت ئابدۇللا قاتارلىقلار نەخ مەيداندا ناخشا ئۇقۇدى ۋە تەبىرىك سۆزى قىلدى، بۇ پائالىيەتكە ھەر ساھە ھەر كەسپىتىن كەلگەن خەلىق ئاممىسىدىن 500 گە يېقىن كىشى قاتناشقان بۇلۇپ پائاليەت باشتىن ئاخىرى ناھايىتى قىزغىن كەيپىياتتا داۋاملاشتى.
بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان تاراتقۇلاردىن ئۇزار تورى، ئۇيغار مەدەنىيتى قاتارلىق نۇپۇزلۇق ئاخبارات ۋاستىللىرى ئايرىم ئايرىم ھالدا مەخسۇس خەۋەر ئىشلىدى.
پائالىيەت ئاياغلاشقاندىن كىين ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ، ئابدۇكېرەم ئابلىز، مۇختەر بۇغرا، ئابلەت ئابدۇللا، ئەنۋەر ئازات ئەلچىن، نىجات نىياز، فۇرقەت مۇئەللىم، ۋە ئالىمجان ئەپەندى قاتارلىقلار ئابلاجان سەنئەت تەربىيلەش مەكتپىدە زىيارەتتە بولدى.
بىز ئاخىرىدا ئۇزار تورىمز نامىدىن ئابلاجان سەنئەت تەربىيلەش بازىسى خوتەن تارماق مەكتىپىنىڭ بۇنىڭدىن كىينكى ئىشلىرىغا زور ئۇتۇق ۋە نەتىجىلەرنى تىلەيمىز.