يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى
  • خوتەندىكى ھەر مىللەت ئامما چوكانتال بايرىمىدا ۋاڭ ۋېينىڭ قەبرىسىنى سۈپۈردى
  • دىلپاك مۇسۇلمانچە يىمەك - ئىچمەك زاۋۇتى بىلەن شىنجاڭ خۇشئەنبەر خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى ھەمكاشلاشتى
  • ئالتۇن كۆۋرۈك جەنۇبى شىنجاڭ يەرمەنكىسىگە قايسى شىركەتلەر قاتناشتى
  • فۇنۇن مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش شىركىتى ئالتۇن كۆۋرۈك يەرمەنكىسىدە
  • ئاتا بۇلاق شىركىتى ياۋرۇ ئاسىيا ئالتۇن كۆۋرۈك يەرمەنكىسىدە
  • ئەتلەس يۇرتى لوپ ناھىيەسىدە نورۇز بەزمىسى
  • تاشقىن شىركىتى ئالتۇن كۆۋرۈك جەنۇبى شىنجاڭ يەرمەنكىسىدە يارقىن نوقتىغا ئايلاندى
  • لوپ ناھىيە چاھارباغ يېزىسىدا مەدەنىيەت قابىللىرىنى تەربىيەلەش كۇرىسى ئېچىلدى
  • 2016 – يىللىق مەشرەپ مەھسۇلاتى ئېلان قىلىش، يىللىق خۇلاسە يىغىنى
  • يېڭشەھەر يېزا مەركىزى مەكتەپ ئانىلا، ئوقۇتقۇچىلار، ۋە بالىلار بىلەن بىرلىكتە قولنى قولغا تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئالغا ئىلگىرلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى
  • شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبىنىڭ 2016-يىللىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى غەلىبىلىك ھالدا ئېچىلدى
  • لوپ ناھىيىسى «8-مارت» ئاياللار بايرىمىنى تەبرىكلەپ ئاياللار سالاپىتىنى نامايەن قىلىش مودىل مۇسابىقىسى ئۆتكۇزدى
  • لوپ ناھىيە چاھارباغ يېزىسىدا«8-مارت » ئاياللار بايرىمىنى تەبرىكلەش مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى قىززىپ كەتتى
  • توتال سېلىقلاش مايلىرى 2016-يىللىق ۋاكالەتچىلەر مۇھاكىمە ،مۇكاپاتلاش يېغىنى مۇۋاپىقيەتلىك ئېچىلدى
  • لوپ ناھىيە ھاڭگىيا يېزىلىق ئەلنەغمىچىلەر ئەتىرىتى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى مول مەزمۇنغا ئىگە قىلماقتا
  • يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى

    «كائىنات» قوي يۇڭى گىلەم زاۋۇتىنىڭ يۇپۇق ئېچىش مۇراسىمى

    مەنبە :ئۇزار تورى       يوللىغۇچى : غۇجىئابدۇللا       يوللانغان ۋاقىت :2016-01-31

          1-ئاينىڭ 26-كۈنى،كەچتە،خوتەن ۋىلايەتلىك تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى ئاشپەز تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ  زىياپەت زالى ئەزىز مېھمانلار بىلەن لىق تولغانىدى.خوتەن ۋىلايىتىدىكى شۇنداقلا ئۈرۈمچىدىكى ئالىم-مۇتەخەسسىسىلەر،مىللىي كارخانىچىلار،ھەر ساھە زاتلاردىن بولۇپ 500 دىن ئارتۇق ئادەم بۇ يەرگە جەم بولۇپ خوتەن «كائىنات»خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى تەييارلىغان «كائىنات» قوي يۇڭى گىلەم زاۋۇتىنىڭ يۇپۇق ئېچىش مۇراسىمى ،«كائىنات»شىركىتىنىڭ 2015-يىللىق خىزمەت خۇلاسە يىغىنى،«كائىنات»تۇنجى نۆۋەتلىك كارخانىچىلار ھەمكارلىق مۇنبىرى،«كائىنات»چوڭ خېرىدارلارغا تەشەككۈر ئېيتىش لېكسىيە پائالىيىتىگە داخىل بولدى.

    پائالىيەت ئالدى بىلەن «كائىنات» شىركىتىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئورۇنلىشىدىكى «كائىنات»مارشى بىلەن باشلاندى.

    پائالىيەتتە خوتەن «كائىنات»خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ لېدىرى ئىمىنجان ئوبۇلقاسىم تەبرىك سۆزى قىلدى.تارماق شىركەتلەرتنىڭ مەسئۇللىرى خىزمىتىدىن دوكلاد بەردى.

    خوتەن «كائىنات»خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى 2010-يىلى قۇرۇلغان ئائىلە ئىلىكتىر سايمانلىرى كارخانىسى ئىدى.كىيىنچە خوتەن شەھىرىنىڭ ئاۋات رەستىسى بولغان گۈلباغدا 4000 كىۋادراتمېتىرلىق «كائىنات» ئىلىكتىر ئۈسكۈنلىرى سودا مەيدانى ھەم 4000 كىۋادراتمېتىرلىق «كائىنات» ئۆي جاھازىلىرى سودا مەيدانى قۇرۇپ،سۈپەت،مۇلازىمەتتە خېرىدارلارنىڭ رازى بولۇش نىسبىتىنى %99 گە يەتكۈزۈپ خوتەن ۋىلايىتىدىكى يۈكسىلىۋاتقان كارخانىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.ھەر قايسى ناھىيە-شەھەرلەر ھەم يېزا-بازارلاردا زەنجىرسىمان سېتىش نوقتىسىدىن 10 نى قۇردى،ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ھەم ئىش كۈتۈپ تۇرغان 130 نەپەر ياشنى ئىش ئورۇنلاشتۇردى.

    پائالىيەتتە «كائىنات» نىڭ بۈگۈنى ئۈچۈن ئەجىر-مېھنەت سىڭدۈرگەن بىر تۈركۈم سەمەرىلىك خىزمەتچىلەر دەرىجە بويىچە تارتۇقلاندى.توك قازان،دوخۇپكىدىن باشلاپ تۇلۇق ئاپتوماتىك كىرئالغۇ، 6-ئەۋلات «ئالما» تېلېفونى ،خەينەن-سەنياغا ھەم تۈركىيە-دوبەيگە ساياھەت قىلىش پۇرسىتى قاتارلىق بىر-بىرىدىن كاتتا مۇكاپاتلار خىزمەتچىلەرنىڭ قەلبىدە ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇلىرىنى ئويغاتتى،چېھرىدە بەخىت نۇرلىرىنى جىلۋىلەندۈردى،سورۇن ئەھلى ئۇلارنىڭ شان-شەرىپىنى قۇتلۇقلىدى. «كائىنات»نىڭ ياخشى ھەمكارلاشقۇچىلىرىغا سەنئەتلىك خوتەن گېلىمى سوۋغا قىلىندى.

    پائالىيەتتە خوتەن ناھىيەسىنىڭ توساللا يېزا كەنتىگە جايلاشقان ،30 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان،ھەر كۈنى 300 كىۋادرات مېتىر خوتەن گېلىمى توقۇيالايدىغان،180 ياشنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىگەن «كائىنات» قوي يۇڭى گېلىمى زاۋۇتىنىڭ يۇپۇقى ئېچىلدى.

    «كائىنات»تۇنجى نۆۋەتلىك كارخانىچىلار ھەمكارلىق مۇنبىرى پائالىيىتدە شىنجاڭ «تاشقىن »خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى ،شىنجاڭ «بايرام» تور سودا شىركىتى قاتارلىق كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى بىرلىكتە دوستلۇق ئورناتتى ھەمدە بىرلىكتە دوستلۇق چەمبىرىكىنى قوزغاتتى.

    شىنجاڭ «تاشقىن »خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ لېدىرى مۇھەممەت تۇرسۇن «يېڭىچە كارخانىلار ھەمكارلىق ئەندىزىسى ھەم دۆلەتنىڭ يېڭىچە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى» دېگەن تېمىدا؛شىنجاڭ« ئىزدەن» كارخانا مەسلىھەتچىلىك ئورنىنىڭ مەسئۇلى مۇھەممەت سۇلايمان  «كارخانىلارنىڭ يېڭى بازار ئىستىراتىگىيەسى ۋە 2016-يىللىق ئىقتىسادىي ۋەزىيەتتە كارخانىلارنىڭ چىقىش يولى» دېگەن تېمىدا؛شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، شىنجاڭ «بايرام» تور سودا شىركىتىنىڭ دېرىكتورى، دوكتۇر ئابدۇراخمان «2016 -يىللىق يېڭى تور سودا ئۇقۇمى ۋە بۇنىڭدىن كىيىنكى دەۋىر قايسى تەرەپكە قاراپ ماڭىدۇ؟»دېگەن تېمىدا؛ تونۇلغان ناتىق،ئاتاقلىق پىسخولوگ ئەلى قۇربان مۇئەللىم «كارخانا ئوبرازى،كارخانا باشقۇرۇش ۋە خېرىدارلار پىسخىكىسى» دېگەن تىمىدا ھەسەلدەك تاتلىق لېكسىيە سۆزلەپ كارخانىچىلار ھەم ھەر ساھە كىشىلەرگە مول بىلىم بەخىش ئەتتى.ئالقىش-سادالار ئۈزۈلمدى.

    پائالىيەتتە يەنە بىر ياخشى ئىش روياپقا چىقتى: خوتەن ناھىيەسىنىڭ لايقا يېزىسىدىكى ياش دېھقان مەتتوختى ئېزىزىنىڭ گۆدەك بالىسىنىڭ كۆزىنى داۋالىتىش ئۈچۈن «ئەل ئابىدە» خوتەن خەيرى-ساخاۋەت فوندىنىڭ جەمىيەتتىن 42 مىڭ يۈەن ياردەم توپلىغانلىقىنى بىلگەن مەيداندىكى كارخانىچىلار ھەم ھەر ساھە ئامما بۇ نارىسىدەنىڭ يورۇق دۇنيانى كۆرۈشى ئۈچۈن نەق مەيداندا 35مىڭ 45 يۈەن ئىئانە قىلدى.

    پائالىيەت داۋامىدا ھەم ئاخىرىدا خوتەن ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكى ،قاراقاش ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكىدىن كەلگەن ئارتىستلار ھەمدە خوتەن شەھەرلىك ياش-ئۆسمۈرلەر پائالىيەت مەركىزىدىن    كەلگەن كىچىك دوستلار سەرخىل ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنداپ سورۇن ئەھلىگە ئىستېتىك زوق بېغىشلىدى.

    ئەنجۈمەنگە داخىل بولغان چوڭ-كىچىك مېھمانلار بۇ ئىلىم-مەرىپەت سورۇنىدىن مەمنۇن بولدى،مۇشۇنداق كىشى كۆڭلىنى سۆيۈندۈرىدىغان خەيىرلىك ئىشلارنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.



     غۇجىئابدۇللا مەمىتىمىن (18309036625)

    (قاراقاش ناھىيەلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن)

    پوچتا نومۇرى: 848100

    霍加阿卜杜拉•麦麦提敏(18309036625)

    QQ :2250111670

    邮政号码:848100

    墨玉县古则路 五 号(墨玉县广播电视台)

    يېڭى خەۋەر كۈرۈش 336-280  ئاستى ئېلان ئورنى
    مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
    • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
    • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
    • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
    • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
    • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
      يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز