ئۇزار تورى مەخسۇس خەۋىرى: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى لوپ ناھيىسىنىڭ ئاۋات يىرىگە جايلاشقان لوپ ناھىيە ۋەنجىيالې قۇرۇلۇش ئونۋېرسال بىناسى ئالىدىدا «خوتەن ئۆزپۈتۈك مەدەنىيەت تارقىتىش مەسئۇلىيەت چەكلىك شىركىتى » نىڭ ئېچلىش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغنى داغدۇغلۇق ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ پائالىيەتكە لوپ ناھيلىك خەلىق ھۈكۈمىتى، مائارىپ ئىدارسى، ھەرقايسى شىركەتلەرنىڭ ۋەكلى ، ئۇزار تورى ، تەڭرىتاغ تورى مۇخبىرلىرى ۋە ھەرقايسى شەھەر ۋە يېزا بازاردىن كەلگەن كەسپىداشلار ۋە قوللىغۇچىلار ئالاھىيدە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
بۇ مۇراسىمىغا ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ دىكتورى يېڭى ناۋا پىروگىراممىسنىڭ رىياسەتچىسى ئىسھاق سۇلايمان رىياسەتچىلىك قىلدى.
ئۇنىڭدىن باشقا پائالىيەتكە خوتەن ئۆزپۈتۈك مەدەنىيەت تارقىتىش مەسئۇلىيەت چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئادىلجان تۇرسۇنىياز ئۆزپۈتۈك نىڭ خىزمەتداشلىرى قوللىغۇچىللرى ۋە باشقا كەسپىداشلىرىدىن ۋە جەمىيئەت ئەربابلىرىدىن بۇلۇپ 700 غا يېقىن ئادەم قاتناشتى.
ئادىلجاننىڭ كەسپىداشلىرى نەخ مەيداندا ئادىلجانغا ئۆزنىڭ ئەجىر ئەمگەك مىۋىلىرىدىن كۈڭۈل سوۋغسىنى سوۋغات قىلدى. ئادىلجانمۇ شىركەتنىڭ كىينكى پىلانلىرى بۇيىچە سەھنىدە مۇھىم سۆزلەرنى قىلدى.
پائالىيەتكە تەكلىپ قىلىنغان رايۇنىمىزدا تەسىر كۈچى بار بولغان ياش يىتىلۋاتقان ناخشىچىلار شەھىنىدە ئۆزنىڭ شوخ لېرىك كۈيلىرى بىلەن كەڭ مۇراسىم قاتناشچىللىرىنىڭ كەيپىياتنى يۇقرى كۈتۈرۋەتتى ، ھەمدە پائالىيەتتىن كىين شىركەتكە چىقىپ ئادىلجاننىڭ ئىجادىيەتلىرى كۆرگەزمىسىگە تەكلىپ قىلىندى.
نەخ مەيداندىكى پائالىيەت تارتىلغان كۈرۈنۈشلىرى
خوتەن ئۆزپۈتۈك مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى دىيارىمىزنىڭ مەدەنىيەت سەنئەت ئىشلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇشنى نىشان قىلغان مەدەنىيەت سەنئەت ساھەسىدە يول ئېچىپ ئىلگىرلەۋاتقان باشلامچى شىركەت بۇلۇپ شىركىتمىز ساقلاش قىممىتى يۇقىرى بولغان خوتەن قەغىزىگە يېزىلغان خەتتاتلىق ئەسەرلىرى ۋە رەسساملىق ئەسەرلىرىنى تەلەپ بۇيىچە ئىشلەش خەتتاتلىقتا ئىشلىتىدىغان كىرەم خوجا رەڭلىرى ھەرخىل تۈردىكى ھۆسىنخەت قەلەم، قەغەز گۈزەلسەنئەت ماتىرىياللىرىنى سېتىش كۆرگەزمىلەرنى لاھىيلەش ۋە تەشكىللەش شىركەتلەرنىڭ ھەرخىل ئېلان ماركىللىرىنى لاھىيلەش داڭلىق رەسساملارنىڭ خەتتاتلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ۋاكالىتەن سېتىش تەلەپكە ئاساسەن رەسىم سىزىش تەشۋىقات تام رەسىمى سىزىش تەشۋىقات فىلىمى ئىشلەش، مەدەنىيەت ھەم ئۇقۇش بۇيۇملىرىنى ئىشلەپ بازارغا سېلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
بىز ئاخىرىدا ئۇزار تورى ۋە كۆكلەن سىتودىيەسى نامىدىن خوتەن ئۆزپۈتۈك مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ روناق تېپىشىنى ۋە ياخىشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز.
::::::::::::::: ئۇزار تورى :::::::::::::::
فوتوگىراف : ئابدۇسەمەت ئەمەرنىياز
2016-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى
شىنجاڭ خوتەن ئۇزار تور تېخنىكا ئىشخانىسى