ئالدى بىلەن قاچىلىماقچى بولغان ئۇيغۇرچە فونىتلارنى بىر يەر مۇندەرىجىگە يىغۋالىمىز.

بىرىنجى قەدەمدە: 终端 گە كىرىپ، sudo nautilus نى ئىجرا قىلىمىز. بۇنىڭ بىلەن بىر كۆزنەك ئىچىلىدۇ، ئاشۇ كۆزنەكتە تۇرۇپ، ubuntu نىڭ فونىت مۇندەرىجىسىگە كىرگەندىن كىيىن، بىر يەرگە يىغۋالغان فونىتلارنى مۇندەرىجىسى بىلەن قوشۇپ Ubuntu نىڭ فونىت مۇندەرىجىسىگە تاشلايمىز (كۆچۈرۈپ چاپلىساقمۇ بولىدۇ). دىققەت:

چوقۇم ئاۋۇ بۇيرۇقنى كىرگۈزگەندىن كىيىن ئىچىلغان كۆزنەكتە تۇرۇپ چاپلاش ئىلىپ بارىمىز، بولمىسا چاپلىغىلى بولمايدۇ.

ئىككىنجى قەدەمدە:

ماۋۇ بۇيرۇقنى 终端 دە ئىجرا قىلىمىز، ئاۋۇ UyghurFonht دىگەننىڭ ئورنىغا ئۆزىڭىز ئۇيغۇرچە فونىت قويغان مۇندەرىجىنىڭ ئىسمىنى ئالماشتۇرۇڭ.

sudo chmod 777 /usr/share/fonts/truetype/uyghurfont/*.ttf

ئۈچىنجى قەدەمدە:

终端 دە fc-cache -f -v بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلساق فونت جەدىۋىلى يىڭىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن فونىت قاچىلاش تاماملاندى!

مەنبە: كۆك كەپتەر تورى

بلوگ ئاپتورى:

مەزكۈر يازما 2011-يىلى 01-ئاينىڭ 08-كۈنى تەرىپىدىن « ماھارەتلەر» سەھىپىگە يوللانغان. باھا يوللىماقچى بولسىڭىز بۇ يەردىن يوللاڭ. ئاپتورنىڭ رۇخسىتىنى ئالغان ھەمدە يازما ئادىرىسىنى ئەسكەرىتكەن ئەھۋالدا باشقا يەرگە يوللىسىڭىز بولىدۇ. +يازما ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
يازما ئەسلى ئادىرىسى: ئۇبۇنتۇغا ئۇيغۇرچە تونۇتۇش
خەتكۈچلەر:

سىز قىزىقىدىغان باشقا يازمىلار



ئىنكاس يوللاش

[باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟]

gravatar

 

رەسىم قىستۇرۇش