2013-يىللىق تۈركىيە خاندەلىكىگە تىزىملىتىش باشلىنىدۇ

قەدىرلىك ئوقۇغۇچىلار!

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرلىقى چەتئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر ئىدارىسىدىكى مۇتەخەسىسلەردىن ئۇقۇشىمىزچە، 2013-يىللىق مۇكاپاتلىق ئوقۇشقا تىزىملاش 2 باسقۇچ بويىچە بولىدىكەن ۋە تىزىملاش بۇلتۇرقىغا قارىغاندا بۇرۇنراق بولىدىكەن. 2012-يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش جەريانىدىكى تەجرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلىگەن ھالدا، ئوقۇماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلارغا ۋاقىتدا ۋە ئېنىق تەپسىلى ئۇچۇر بېرىدىكەن.

ئالدى بىلەن ئاسپىرانتلىق ۋە دوكتورلۇقتا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تىزىملايدىكەن. تىزىملىتىش ۋاقتى 3-ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بولىدىكەن.

تولۇق كۇرۇستا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تىزىملاش بولسا، 5-ئاينىڭ 15- كۈنىدىن باشلاپ 6-ئايىنىڭ 15- كۈنىگىچە بولىدىكەن. بۇ سەۋەپتىن ناھايىتى جىددى تاييارلىق قىلىۋىتىپتۇ.

بۇ يىل  ئاسپىرانتلىق ۋە دوكتورلۇقتا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش نىسپىتى، تولۇق كۇرۇستا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلانى قوبۇل قىلىش نىسبىتىگە قارىغاندا يۇقىرى بولىدىكەن  ۋە نەتىجىلىرى  7- ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئېلان قىلىنىدىكەن.

تىزىملاشقا باشلىغاندا، ئوقۇغچىلار تۆۋەندىكى توردىن بىۋاسىتە تىزىملاتسا بولىدىكەن.

http://www.turkiyeburslari.gov.tr/

http://ytb.gov.tr/

بۇ ئۇچۇرنى تۈركىيىدە ئوقۇماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزۈپ قويۇشۇڭلارنى ۋە تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىپ قويۇشۇڭلارنى ئالاھىدە ئۆتىنىمىز.

ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىشلىرى كومىتېتى