ۋىنگىرىيە كەك تەنگەر تىل كولىجى

 

قەدىرلىك قېرىنداشلار،

ۋىنگىرىيەنىڭ پايتەختى بۇداپېشت شەھىرىدە ئىنگىلىز ۋە ۋىنگىر تىللىرى ئۆگىتىدىغان ۋە ئۈنىۋىرىستىتلارغا تەييارلىق كۇرسى بېرىدىغان  كولىج ئېچىلىپتۇ. بۇ كولىجىنىڭ ئۈرۈمچى، قىرغىزىستان ۋە مالايسىيا قاتالىق شەھەر ۋە دۆلەتلەردە تەمسىلچىسى بار ئىكەن، يېقىندا يانە، تۈركىيە ۋە قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ تەمسىلچىسى ئېچىلىدىكەن. ئوقۇش پۇلى، دەرس پىروگراممى ۋە بارلىق رەسمىيەتلىرى ناھايىتى ئېنىق بۇلۇپ، كولىجنىڭ رەسىم توربىتىدە ئېلان قىلىنىپتۇ. بۇ سەۋەپتىن، ئادەم ئالدايدىغان ياكى قاقتى سوقتى قىلىدىغان ئىشى بولمايدىكەن. ھەممە رەسمىيەتلەرنى تەمسىلچىسى ياكى بىۋاسەتە مەكتەپ بىلەن ئالاقە قىلىپ ھەل قىلسا بولىدىكەن. بۇ سەۋەپتىن، شارائىتى بولغان ۋە ياۋروپادا ئوقۇشنى ئارزۇ قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ پۇرسەتتىن بەھرىمان بولۇپ قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. چۈنكى تىل ئوقۇشى تاماملانغاندىن كېيىن، ياۋروپا ياكى ۋىنگىرىيەدە خىلمۇ-خىل كەسىپلەردە، تولۇق كۇرس، ئاسپىرانت ۋە دوكتورلۇق كەسىپلىرىگە ئىلتىماس قىلالايدىكەن.

تېخىمۇ تەپسىلى ئۇچۇرلارنى ئىگىلەش ئۈچۈن، كولىجىنىڭ تورىدىكى ئالاقىلىشىش ئادرىسىگە خەت يېزىڭ، ياكى سىز تۇرۇشلۇق جايلاردىكى مەكتەپ تەمسىلچىسى بىلەن كۆرۈشۈڭ.

مەكتەپنىڭ تور ئادرېسى: http://kektenger.com/

ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىشلىرى كومىتېتى