1-قېتىملىق خەلقئارالىق ئىجتىمائىي پەنلەر ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنى

قەدىرلىك ئوقۇغۇچىلار،

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۈنىۋىرسىتىتى بىلەن تۈركىيە دۆلەتلىك تاشقى تۈركىيە ۋە قېرىنداشلار بىرلىكى ئىدارىسىنىڭ بىرلىكتە ئورۇنلاشۇتۇرىشى بىلەن، 1-قېتىملىق خەلقئارالىق ئىجتىمائىي پەنلەر ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنى ئۆتكۈزۈلمەكچى. ماقالىسى قوبۇل قىلىنغان يازغۇچىلارنىڭ بارلىق چىقىمى يېغىننى ئورۇنلاشتۇرغان ئورگانلار تەرىپىدىن تۆلەنمەكچى. مۇھاكىمە يېغىننىڭ دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ،  ئىجتىمائىي پەنلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق تېما بولسا بولىۋاىرىدكەن. شۇڭا بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ پۇرسەتتىن بەھرىمان بولىشىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمىز.

1-قېتىملىق خەلقئارالىق ئىجتىمائىي پەنلەر ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنى پۈتۈنلەي ھەقسىز بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك مۇھىم كۈنلەر:
تىزىملىتىش ۋاقتى: ماقالىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى (ئابسىتراكت)، 3-ئاينىڭ 1- كۈنىدىن بۇرۇن تورغا يوللىنىشنى كېرەك.
تاللانغان ماقالىلار:3- ئاينىڭ 15-كۈنى توردىن ئېلان قىلىنىدۇ.
ماقالىنىڭ تولۇق مەزمۇنى: 4- ئاينىڭ 15- كۈنىگىچە يەنە توردىن يوللىشى كېرەك.
مۇھاكىمە يېغىنى 5- ئاينىڭ 16-17 كۈنلىرى ئۆتكۈزىلىدۇ.
تور ئادىرېس: http://uokongresi.org

ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىشلىرى كومىتېتى