قەشقەر مارالبېشى ناھىيىسىدە قانلىق توقۇنۇش ۋەقەسى يۈز بەردى
قەشقەر مارالبېشى ناھىيىسىدە قانلىق توقۇنۇش ۋەقەسى يۈز بەردى
ئىستىقلال رادىئوسى خەۋىرى : خىتاي ئىشغالى ئاستىدىكى شەرقى تۈركىستاننىڭ قەشقەر شەھىرى مارالبىشى ناھىيىسىدە 23- ئاپرېل سەيشەنبە كۈنى، قانلىق توقۇنۇش ۋەقەسى يۈز بەردى.
تور ئاخباراتلىرىدا ئېلان قىلىنىشچە، شەرقى تۈركىستاننىڭ قەشقەر شەھىرىدە يۈز بەرگەن بۇ قېتىمقى قانلىق توقۇنۇشتا، 21 دىن ئارتۇ ق كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
مەيدانغا كەلگەن توقۇنۇشتا خىتاي خادىملىرى ۋە ساقچىلاردىن ئىبارەت 15 كىشنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
شەرقى تۈركىستاننىڭ غەربىدىكى قەشقەر شەھىرىدە قورال ئاۋازى ئاڭلانغانلىقى ۋە ۋەقە يۈز بەرگەن رايۇنغا ساقچىلارنىڭ باستۇرۇپ بېرىشى بىلەن توقۇنۇش ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
ئۆلگەنلەر سانىغا دائىر ھەر خىل مەلۇمات ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ 11 نەپىرىنىڭ ئۇيغۇر، 15 نەپىرىنىڭ خىتاي، 2 نەپىرىنىڭ موڭغۇل ئىكەنلىكى ۋە 2 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ يارىلاندۇرۇلغانلىقى ۋە 8 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
مۇسلىم
http://www.istiqlaltv.com
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: قەشقەر مارالبېشى ناھىيىسىدە قانلىق توقۇنۇش ۋەقەسى يۈز بەردى