تەرجىمانلارغا قارىتىلغان گۇماندا گوللاندىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ خاتالاشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
2013-يىلى 10-سېنتەبىر گوللاندىيەدىكى خەۋەر ۋاسىتىلىرىدە، ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ مەخپىيەتلىكىنى خىتايغا يەتكۈزگەنلىك گۇمانى بىلەن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان ئىككى تەرجىماننىڭ ئەيىبنامىسىدە خاتالىق كۆرۈلگەنلىكى ئېلان قىلىندى.
خەۋەرلەردە ئۇلارنىڭ ئەيىبنامىسىدىكى «دەلىل-ئىسپاتلار يېتەرلىك بولمىغان ۋە ھەتتا خاتالىشىش كۆرۈلگەن»، دېيىلىپلا قالماي، گوللاندىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ مەزكۇر ئەيىبلەنگۈچىلەردىن كەچۈرۈم سورۇغانلىقىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۆز قارىشىچە، 10-سېنتەبىر ئېلان قىلىنغان مەزكۇر خەۋەر، دۆلەتكە قارىتا نارازىلىق ۋە ئىشەنچسىزلىك پەيدا قىلىپلا قالماي، ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇلىرىغا قارىتا ھەم گۇمان پەيدا قىلغان.
ئىنكاس بىلدۈرگەن كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە، بۇ قېتىمقى ئەيىبنامىنىڭ خاتالاشقانلىقىغا قارىتا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقى كۈچلۈكرەك.
ئەمما، دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك شوئارلىرى بىلەن قەد كۆتۈرۈپ كېلىۋاتقان ياۋروپا ئەللىرىدىكى بۇ خىل ئۆزگىرىشچانلىق، ئەيىبلىنىش ئېلان قىلىنغان ئەينى چاغدا ئىنكاس بەرگەن سانسىز كىشىلەردىكى ئېھتىياتچانلىقنى يەنە بىر دەرىجە ئاشۇرۇۋەتكەن بولسا كېرەك، ھەركىم ئۆز كىملىكى بىلەن بۇ ھەقتە ئويلىغانلىرىنى ئوچۇق ئېيتىشتىن يالتايدى. نەتىجىدە، بۇ ھەقتە پىكىر-ئىنكاس ئېلىش ئىمكانى بولماي قالدى.
كىشىلەر شۇ سەۋەبتىن سۈكۈت قىلىشنى ئەۋزەل بىلگەن بولسىمۇ ئەمما، تور بەتلەردىكى نامسىز ئىنكاسلاردا «ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيىنىڭ بايراقدارلىرى يولمىش گوللاندىيە، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قارىتا تۇتۇرۇقسىزلىق قىلدى» دەپ، ئەيىبلەنگەن. تېخىمۇ قىزىقى شۇكى، ھەتتا ئەيىبلەنگۈچى تەرەپمۇ سۈكۈت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بىز مەزكۇر تەرجىمانلارنى زىيارەت قىلغان ۋاقتىمىزدا، زىيارەت قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى. ئۇلار ئەينى چاغدىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ تۇرۇپ، ئەيىبنامىگە قارىتا، خاتالىق بولۇۋاتقانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ گۇناھسىزلىقىنى، تەكشۈرۈلۈشنىڭ نەتىجىسىنى كۈتىدىغانلىقىنى، ئۇ خىل ساتقۇنلۇق قىلمىشى بىلەن شۇغۇللىنىپ قىلىشىنىڭ ھەرگىز مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتقان ئىدى.
مانا ئەمدى، ئارىدىن يېرىم يىل ئۆتكەندە چىقارغان ئاخىرقى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، ئۇلار گۇناھسىز دېيىلىپ، گوللاندىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ مەزكۇر دېلودا خاتالاشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
شۇنىڭ بىلەن يېرىم يىل داۋام قىلغان مەزكۇر ئىككى تەرجىماننىڭ جاسۇسلۇق قىلمىشى ھەققىدىكى بەس-مۇنازىرە، يەنە بىر مەزگىللىك ئۈنسىز دىئالوگقا ئايلاندى. شۇنداقتىمۇ يەنە، ئەينى چاغدىكى ئەيىبلەشلەردىن كېيىن، گوللاندىيەدە سىياسىي پاناھلىق تەلىپىدە جاۋاب ساقلاۋاتقان ۋە ھەتتا ئىلگىرى رەت قىلىنغان يۈزدىن ئارتۇق ئىلتىجاچى ئۇيغۇرلارغا بېرىلگەن سىياسىي پاناھلىق ئىشلىرىدىكى قارارلارغا تەسىر كۆرسىتەمدۇ، يوق؟ دېگەنگە ئوخشاش، بۇ ئىشقا مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك كۆزىتىش ۋە تەھلىل قىلىشلار داۋام قىلماقتا.
مەزكۇر ئىككى تەرجىمان بۇ يىلنىڭ بېشىدا يەنى مارت ئايلىرىدا سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچى ئۇيغۇرلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە بەرگەنلىك بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى. بىز بۇ ھەقتە، رادىئويىمىز ئارقىلىق خەۋەر بەرگەن ئىدۇق. بۇ قېتىم ئۇلارنىڭ ھەققىدىكى ئەيىبنامىنىڭ قالدۇرۇلغانلىقىدىن ئۇچۇر بەردۇق.
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: تەرجىمانلارغا قارىتىلغان گۇماندا گوللاندىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ خاتالاشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى