ياشا ۋە ياشىغىلى قوي!
ئېنگىلىز ئوقۇغۇچىلار بىر كۈن روزا تۇتۇپ دوستلرىغا ئۆز قوللىشىنى كۆرسەتتى.
ئايشەمگۈل نۇرئەمەت
2 كۈن ئاۋال تاساددىبىيلىقتىن كۆرگەن مۇنداق بىر خەۋەرنى سىلەر بىلەن ئوراتاقلىشىش مەخسىتىدە بۇ يەردە يوللاپ قويۇشنى توغرا تاپتىم. بەزىدە بىزنىڭ باشقىلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى ئۈچۈن قىلغان كىچىكىنە سەمىمىيتىمىزمۇ بىزنى ئويلاپ باقمىغان خوشاللىققا ئېرىشتۈرشى مۇمكىن. شۇڭا ياشايلى ۋە ياشىغېلى قويايلى.
____________________________________
Elliot Smith, Charlie Wood, Will Horkan, Charlie Hill, Alex Walker, Taylor Brame and Harry Dudding قاتارلىق 7 نەپەر ئەنگلىيىلىك ئوقۇغۇچىلار مۇسۇلمان دوستى ئۆمەر پاتان (Umair Pathan) نىڭ رامىزان تۇتۇشىنى قوللاش يۇزىسىدىن بىر كۇن روزا تۇتتى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن MFG (The Mirfield Free Grammar and Sixth Form) دىكى بارلىق ئەزالار بۇ 7 نەپەر ئوقۇغۇچىلارغا چوڭقۇر ئېھتىرام بىلدۈرىمىز. بۇ بالىلار قىلغان ئىشى توغرىلىق مۇنداق چۈشەنچە بەرگەن:
”رامىزان 18-ئېيۇن باشلىنىشى بىلەن تەڭ بىزنىڭ دوستىمىز ئۆمەرمۇ روزا تۇتۇشقا باشلىدى. بۇنداق قېلىش مۇشكۇل بولسىمۇ، ئۆمەر ساق بىر ھەپتە روزا تۇتالىدى. ئاندىن ھەپتە ئاخىسىدا بىز ئۇنىڭ قىزغىنلىقى سەل سۇسلاپ قالغاندەك ھېس قىلدۇق. بىر نەچچە دوستلىرىمىز بىلەن بۇنى نەزەرگە ئىلىپ، بىز 26-ئېيۇن كۈنى بىر كۈن ئوپچە روزا تۇتۇپ دوستىمىزنى قوللىماقچى ۋە ئۇنىڭ دېنىغا بولغان ھۆرمىتىمىزنى ئىپادىلىمەكچى بولغاندۇق. بۇنداق بولغاندا بىز كەچ سائەت 9 غىچە ھېچنىمە يېمەسلىگىمىز كېرەك ئېدى. شۇ كۇنى مەكتەپكە بېرىشتىن بۇرۇن ئەتىگەنلىك تاماق يېمىدۇق، كېيىنمۇ ھەتتا سۇمۇ ئىچمىدۇق.“
”ئەتىگىنى بىز بىر نەرسە يىمەي-ئىچمەي ئۆتەلىدۇق. ئاندىن چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بولدى. بىز تاماق ئۈستىلىمىزدە ھېچنىمە يوق ھالەتتە كۈچلۈك ئىرادىمىز بىلەن روزىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق. ئۇ كۈنى چۇشتىن كېيىن ھاۋا بەك ئىسسىپ كەتكەنلىكتىن ھىچقانداق ئۇسسۇسلۇق ئىچمەي كۈن ئۆتكۈزۈش بىزگە راستىنلا قېيىن بولدى. ئەمما بىز دوستىمىزنى قوللاش ئۈچۈن يەنە چېدىدۇق. سائەت چۈشتىن كېيىن 5 بولغاندا بىز راستىنلا بەك ھېرىپ كەتكەن ئېدۇق، شۇڭا بەكمۇ قېينالدۇق. بىز ھەممىمىز سائەت 8 دە بىر تېز تاماقخانىدا ئۇچراشتۇق ۋە 9 بولۇشى بىلەنلا ئۆيگە ئېلىپ كېتىپ يېيىش ئۈچۈن پىسا قاتلىمىسى قاتارلىقلارنى بۇيرۇتتۇق. ئاندىن سائەت 9:45 بولىشى بىلەن گۈررىدە تاماقلارغا يۇرۇش قىلدۇق.“
”دوستىمىز ئۆمەر شۇ كۈندىن كېيىن روزىسىنى داۋام قىلىۋەردى. بىز ھەممىمىز ئۇنى ۋە ئۇنىڭدەك روزا تۇتۇۋاتقانلارنى ھۆرمەتلەيمىز. بىز ئۆزىمىز ئۈچۈن شۇنداق تەس كېلدىغان بىر كۈنلۈك سىناقتىن غەلبىلىك ئۆتەلىدۇق! تىخىمۇ مۇھىم بولغىنى، ئەشۇ بىر كۈنلۈك ئەمېلىيتىمىزدىن كىيىن بىز ھەر كۇنىسى روزا تۇتۇشنىڭ قانچىلىك قېيىن بىر ئىش ئېكەنلىگىنى تونۇپ يەتتۇق، ھەمدە دوستىمىز ئۆمەرنى قولىمىزدىن كېلشىچە قوللاۋاتىمىز.“
ئەمىسە ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان دوستى ئۆمەر قانداق تۇيغۇدا بولدى، بۇنى ئۇنىڭ ئۆزىدىن ئاڭلايلى: Umair Pathan مۇنداق دەيدۇ: ”مەن دوسلىرىمنىڭ بىزمۇ ئەتە سەن بىلەن بىللە روزا تۇتىمىز دېگىننى تۇنجى رەت ئاڭلىغاندا بەك ھەيران بولدۇم ۋە ئۇلارنىڭ شۇنداق دەۋاتقىنىغا قەتىي ئېشەنگۈم كەلمىدى. ئەمما ئۇلار ماڭا مەن روزا تۇتقاندا مېنىڭ ئالدىمدا بىر نەرسە يېگىنى ئۈچۈن بىئارام بولغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ماڭا قۇشۇلماقچى بولغېننى ئېيتىشتى. مەن ئۇلارنىڭ پىكرىگە مۇنداقلا قوشۇلدۇم، چۈنكى مەن ئۇلارنى پەقەت شۇنداق دەپ بىر چاخچاق قىلۋاتىدىغۇ دەپلا ئويلاپتىمەن. ئەتىسى ئەتىگەندە مەن ئۇلاردىن (Take 5) دېگەن يەردىن ئازراق يەيدىغان نەرسىلەرنى ئېلىۋالغان/ئېلىۋالمىغانلىقلىرىنى سورىسام، ئۇلار ھەممىسى بىردەك ”ياق، بىز روزا تۇتىۋاتىمىز“ دەپ جاۋاپ بېرىشتى. ئاشۇ گەپنى ئاڭلىغان ۋاقتىمدا مەن ئۇلارنىڭ ئالدىنقى كۈنى ماڭا چاخچاق قىلمىغىننى جەزىملەشتۈردۈمدە، ھۇجۇدۇمنى شۇنداق تىزلا بىر خىل ئىپتىخارلىق ۋە چەكسىز خوشاللىق ئورىۋالدى. ھاياجاندىن ئۆز-ئۆزەمگە مۇنداق دەپ كەتتىم: مۇشنداق مېنى چۈشۈنىدىغان دوستلىرىمنىڭ بولغىنى بىلەن مەن نېمە دېگەن تەلەيلىك ھە؟“
”بۇ دوستلىرىم شۇ روزا تۇتقان كۈنى ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇقتىن بەك قېينالدى، قاخشىغانمۇ بولدى، ئەمما ھەممىسى ئاخىرغىچە بەرداشلىق بېرىپ مېنىڭ ياخشى سەبداشلىرىم بولالىدى. مەن ئۇلارنىڭ مۇشۇنداق بىر ئالاھىدە دوستلۇقى ئۈچۈن بەك سۆيۈندۈم ۋە ئۇلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت دەيمەن.“
خەۋەر مەنبەسى:
http://www.themfg.co.uk/News/Boys-Fast-to-Support-Friend-During-Ramadan/
_______________________
بۇ بىر قىسقا ئەمما تەسىرلىك ھېكايە مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى. ھەر بىرىمىز كۈندۈلۈك ھاياتىمىزدا ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلى بەزىدە چوڭ بەزىدە كىچىك قېيىنچىلىقلارغا دۇچار بولىمىز. ئويلاپ باقساق، باشقىلارنىڭ بىزدىن پەرىقلىق چىراي-شەكلى، تېرىسى، تىل-يېزىقى، ئۆرىپ-ئادەت ۋە ياكى ئېتىقادىنىڭ بولۇشى ئىنتايىن بىر نورمال ئىش بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىنى ئالەمدىكى بارچە مەۋجۇتلۇقنى ئوزىگە لايىق ئۇسۇلدا ياراتقان ۋە ھەممە شەيئىگە ئوز-ئارا تۇقۇنۇشماي ياشاشقا مۇمكىن بولدىغان قانۇنىيەتلەرنى ئاتا قىلغان ھەق تائالانىڭ بىز ئىنسانلارنى مېھىر-مۇھەببەت بىلەن ياشاشقا رېغبەتلەندۇردىغان نېمەتلىرىكەن. شۇڭا ئوخشىمىغان ئادەملەرنى ۋە ياكى ئادەملەر توپىنى ئۇلارنىڭ بىزگە ئوخشىمىغېنى ئۈچۈنلا ياراتماي ياكى ئۆزىمىزدىكى بار نەرسىلەرنى ئۇلارغا تېڭىپ بىزنىلا ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرلىساق، بىكاردىن-بىكار راھەتسىزلىك كەيپىياتى پەيدا قىلىپ، بىز ماڭالايدىغان يوللىرىمىز بارغانچە تارىيىپ، نەپەس ئالدىغان بوشلۇقىمىزمۇ كىچىكلەپ كىتىپ، بارا-بارا نۇرغۇن ئويلىمىغان كۆڭۇلسىزلىكلەرنى يۈدۈپ ياشاشقا مەجبۇر بولىدىكەنمىز. بۇنداق ھاياتنىڭ قانداقمۇ بىر ھوزۇرى بولسۇن؟ باشقىلارنى كەمسىتىش، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاسلىقلىرىنى بىزگە ئوخشىمىسىلا قوبۇل قىلالماي چۇشۇرۇش ۋە مازاق قىلىش بىلەن ئېرشىدىغېنىمىز ئەمىلىيەتتە پەقەت قايتا-قايتا تەكرارلىنىدېغان ئۆچمەنلىك، ئايىغې چىقماس دە-تالاش ھەتتاكى نۇرغۇن جىسمانى ۋە روھى كىسەللىلەر بولۇشى مۇمكىن!
شۇڭا ئېسىمىزدە بولسۇنكى، بىز ياقتۇرغان ۋە ياقتۇرمىغان باشقا مىللەت، باشقا ئىرىق ۋە ياكى باشقا دىن ئادەملىرىنىمۇ بىزنى ياراتقان شۇ بىر ئاللاھ ياراتقان ۋە ئۇ ھىچبىر ئىنسان قىلىپ بولالمايدىغان ياكى ئويلاپ تىگىگە يېتەلمەيدىغان دەرجىدىكى سېخىيلىق بىلەن ھەممىمىزنى مېنى ياخشى كۆردى/كۆرمىدى دەپ ئايرىماي رېزىق بېرىۋىردىكەن. شۇڭا بىز گۈزەل ئەخلاقلىق كىشىلەرنى <لەيفىڭدىن ئۈگۈنۈش ئېيى> بولمىسىمۇ ھەر ۋاقىت قەدىرلەيدىغان، ئوخشىمىغان قاراشلار سەۋەپلىك چىققان بەزى كۆڭۇلسىز ئىشلارنى كەچۈرۋېئىپ ياكى سەۋىر-تاقەت ۋە ئىلمى يوللار بىلەن بەزىلەرنىڭ خاتالىقلىرىنى تونۇۋىلشىغا ۋە توغرىلىشىغا پۇرسەت بېرىشنى ئۈگەنسەكلا، پايدىسى يوق سۆز-چۆچەكلەردىن يېراق بولۇپ، مەنىۋىيتىمىزنى يەنىمۇ يۇكسەكلىككە كۆتىرەلەيدىكەنمىز.
مېنىڭچە يۇقارقى ئوتتۇرا مەكتەپ باللىرىچىلىك بولسىمۇ ئويلىيالايدىغان ۋە كەڭ قورساقلىق بىلەن ئەمەلىدە كۆرسىتىپ ياشىيالايدىغانلار ئارىمىزدا قانچە كۆپ چىقسا نۇرغۇن ئىشلىرىمىزھازىرقىدىنمۇ بەكرەك يۈرۈشۇپ، بەلكى بىزمۇ يۇقارقى ھېكايىدىكى ئۆمەر ۋە ئۇنىڭ دوسلىرىدەك ئويلاپ باقمىغان خوشاللىقلارغا ئېرىشىپ قېلشىمىز تامامەن مۇمكىن. چۈشۈنۈش ۋە باشقىلاردىكى ئۆزىگىچىلىكنى قوبۇل قېلىش بەدىلىگە ھەتتاكى بىزنى دۈشمەن كۆرىدىغانلارنىڭمۇ ئىنسانىتي مىھىر-مۇھەببەت قارشىنى ئويغۇتۇپ ئۇلار بىزنىڭ دوستىمىزغا ئايلانسا، ئەجىبا سىز ۋە مەن بۇنداق ئىنسانى گۇزەللىكنى رەت قىلامدۇق؟!
ئاخىرىدا بارلىق دوستلارنىڭ ئۇلۇغ روزا ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن! ھەممىڭلارغا سالامەتلىك، خاتىرجەملىك ھەم خوشاللىقلار تىلەيمەن!
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: ياشا ۋە ياشىغىلى قوي!