ئۇيغۇر تىلىدا ئەجداد، ئەۋلات، ئۇرۇغ، تۇغقان ناملىرى
ئەجداد = ئۆ زدىن بۇرۇنقى ئاتا بوۋا
ئەۋلات = ئۆزدىن كىيىنكى بالا جاقا
ئۇرۇغ = ئۆز بىلەن ئاتا نەسىللىك يەنى ئۇرۇغداش
تۇغقان = ئۆز بىلەن ئانا نەسللىك يەنى قانداش
ئۆز = دادا، بىرىنجى ئەۋلاد
چوڭ دادا = ئۆزگە نېسبەتەن ئىككىنجى ئەجداد
ئاتا = ئۆزگە نېسبەتەن ئۈچىنجى ئەجداد
بابا = ئۆزگە نېسبەتەن تۆتىنجى ئەجداد
ئەجۇم = ئۆزگە نېسبەتەن بەشىنجى ئەجداد
قاڭ = ئۆزگە نېسبەتەن ئالتىنجى ئەجداد
ئاغۇن = ئۆزگە نېسبەتەن يەتتىنجى ئەجداد يەنى ئۇلۇغ بابا
بالا= دادا بولغان ئۆزگە نېسبەتەن ئىككىنجى ئەۋلاد
نەۋرە = ئۆزگە نېسبەتەن ئۈچىنچى ئەۋلاد
ئەۋرە = ئۆزگە نېسبەتەن تۆتىنجى ئەۋلاد
چەۋرە = ئۆزگە نېسبەتەن بەشىنجى ئەۋلاد
پەينەۋرە = ئۆزگە نېسبەتەن ئالتىنجى ئەۋلاد
كۈكۈنەۋرە = ئۆزگە نېسبەتەن يەتتىنجى ئەۋلاد
ئۆز = بىرىنجى ئەۋلاد ئۆز
ئانا = ئۆزگە نېسبەتەن ئىككىنجى ئەۋلاد
موما = ئۆزگە نېسبەتەن ئۈچىنچى ئەۋلاد
ئۇلۇغ موما = ئۆزگە نېسبەتەن تۆتىنجى ئەۋلاد
بوي موما = ئۆزگە نېسبەتەن بەشىنجى ئەۋلاد
ئەجۇم موما = ئۆزگە نېسبەتەن ئالتىنجى ئەۋلاد
ئۆگە موما = ئۆزگە نېسبەتەن يەتتىنجى ئەۋلاد
داداغا، داداغى= دادىنىڭ ئاغا ياكى ئىنىلىرى
ئاتاغا، ئاتاغى= ئاتا نىڭ ئاغا ياكى ئىنىلىرى
باباغا، باباغى= تۆتىنجى ئەۋلاد ئەجدادنىڭ ئاغا ياكى ئىنىلىرى
ئاپاغا، ئاپاغى= دادانىڭ ئاچا-سېڭىللىرى، ھامما =ئەممە
ئۆز= ئۆ زى
ئانا= ئۆزنىڭ ئانىسى
موما= ئانانىڭ ئانىسى
ئۇلۇغ موما=مومانىڭ ئانىسى
بوي موما= ئۇلۇغ مومانىڭ ئانىسى
ئەجۇم موما= ئۇلۇغ مومانىڭ ئانىسى
ئۆگە= ئۇلۇغ مومانىڭ ئانىسى
موماغا=مومانىڭ ئاغىسى
موماغى=مومانىڭ ئىنىسى
ئېگەموما=مومانىڭ ئاچىسى
ئىجى موما=مومانىڭ سىڭلىسى
ئاكا، ئۇكا=نەسىلداش ياكى قانداش ئەرلەر
ئاچا، سېڭىل=نەسىلداش ياكى قانداش ئاياللار
ئىككىزەك = بىر قوساقتىن تۇغۇلغان قوشكېزەك
ئىمىلدەش= بىر ئانىنى ئەمگەن ئەر ياكى ئايال
ئەتەگە= بالا باققۇچى ئەر
ئەنەگە= بالا باققۇچى ئايال
ئۆگەي= دادا ياكى ئانانىڭ بىرىگە يات بالا
تاغىئانا= تاغىنىڭ خوتۇنلىرى، ئايلا
قۇدا، قېيىن بۇيان = تويلاشقان ئوغۇل قىزنىڭ ئاتا ئانىلىرى
قوش قودا = ھەر ئىككى ئوغول قىزى ئۆز ئارا تويلاشقان ئاتا ئانىلار
قېيناغۇن= قېيىنئاتا ياكى قېيىنئانانىڭ ئاتا ئانىلىرى
قېينئاتا= تويلاشقان ئوغۇل ياكى قىزنىڭ دادىسى
قېينئانا= تويلاشقان ئوغۇل ياكى قىزنىڭ ئانىسى
قېيناغا = تويلاشقان ئەر ياكى خوتۇننىڭ ئاغىنلىرى
يۇرچ= تويلاشقان ئەر ياكى خوتۇننىڭ ئىنىلىرى
كېيوغۇل= قى زىنىڭ ئېرى
كېلىن= ئوغلىنىڭ خوتۇنى
يەڭگە= ئاكا ياكى ئاغانىڭ خوتۇنى
باجا= تويلاشقان ئەرنىڭ ئاچا سىڭىللىرىنىڭ ئېرى
تۇل= ئېرى يو ئايال
بويتا =خوتۇنى يو ئەر
چوكان، سىكىلەك، قۇدۇز = ئەرگە تەگكەن ياش ئايال
جۇۋان=پارسچە سۆز
يېتىم= ئاتا ياكى ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن بالا
قارا يېتىم= ئاتا ئانىلىرى ئۆلۈپ كەتكەن بالا
ئوبۇشقا= ياشانغان ئەر
ئوراغۇت= ياشانغان ئايال
كىشى= ئەرگە نېسبەتەن ئۆز ئايالى ياكى ئايالغا نېسبەتەن ئۆز ئېرى
كۈدەن= بالىغا ئىسىم قويۇش مۇراسىمى
گۈل قويغۇ= قىز ئوغۇللىرى ئۈچۈن لايىق تاللاش مۇراسىمى –
قاڭداش= ئەجدادلىرى نەسىلداشلار
بويداش= سوي قەبىلىسى بى رلەر –
ئاغۇنلار= ئەجداد يېلتىزى ئىپتىدائى جەمئىيەتتىن باشلانغانلار
ئوغۇشلار= ئەجدادىنىڭ ئېزىنى باسقانلار
ئەل كۈن= ئاھالە، جامائەت،خەلقىئالەم
ئەل يۇرت= يۇرت ئەھلى، جامائەت
ئۆز= ئۆز خەلق
ئۆزگە= يات خەلق
ئىمرەم= يۇرت ئىچىدىن بىر ئورتا ئىش ئۈچۈن توپلانغان خەلق
تۇغيان= نامايىش، كۈچ كۆرسۈتۈش
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: ئۇيغۇر تىلىدا ئەجداد، ئەۋلات، ئۇرۇغ، تۇغقان ناملىرى