ج ك پ نىڭ ئۇنسۇر زىيا سەمىدىنى پارتىيەدىن قوعلاش قارارى
شىنجاڭدابۆلگۈنچىلىكنىڭ ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارىشى كۈرەشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكىنى كۆپچىلىككە بىلدۈرۈپ، تىنچ شارائىتتىمۇ خەۋپ-خەتەرنى ئۇنتۇپ قالماسلىقنى ۋەۋەزىيەتنى ئوبېكتىپ، ئادىل، ئومومىيلىق ۋە ئەقىل نۇقتىسىدىن تۇرۇپ كۆزىتىشى ۋەمۇھاكىمە قىلىشىغا پايدىسى بولسۇن ئۈچۈن، مەزكۇر ماقالە، جۇڭگوكومىنىستىك پارتىيسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ ئورگان ژۇرنىلى بولغان ”ئالغا“ ژۇرنىلىنىڭ 1958-يىللىق 5-سانىدىن ئېلىنىپ شاھتۇر مۇنبىرىگە يوللاندى. ئەينەنلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مەزكۇر ماقالىنىڭ ئەسلى باسمىسىدىكى بەت نومۇرى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە، ئىملا قائىدىسى ۋە تىنىش بەلگىلىرى، مۇھىم سۆز-جۈمىلەرنى ئىشلىتىش جەھەتتىن ئەسلى ئەسەرنىڭ ئەينەنلىكى ساقلاپ قېلىندى.
كامالىي ئېھتىرام بىلەن ئاتتىلادىن!
جۇڭگو كومۇنىستىك پارتىيسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنى
ئوڭچى ئۇنسۇر زىيا سەمىدى، ئىبىراھىم تۇردى، ئابدۇرېھىم ئەيسا ۋە ئابدۇرېھىم سەئىدى ھەم ئابلىز قارىلارنى پارتىيىدىن چىقىرىش توغرىسىداقارار قوبۇل قىلدى(16-بەت) .
جۇڭگوكومۇنىستىك پارتىيسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنى 28-ئاپرېل كۈنى ئوڭچى ئۇنسۇر زىيا سەمىدى، ئىبىراھىم تۇردى، ئابدۇرېھىم ئەيسالارنى ۋە پارتىيگە كىرىۋالغان سىنىپىي يات ئۇنسۇرلار ئابدۇرېھىم سەئىدى،ئابلىز قارىلارنى پارتىيدىن ھەيدەپ چىقىرىش توغرىسىدا قارار قوبۇل قىلدى.
قاراردا مۇنداق دېيىلىدۇ: جۇڭگوكومۇنىستىك پارتىيسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنى جۇڭگو كومۇنىستىك پارتىيسى 8-چاقىرىق مەركىزىي كومىتېتى 3-سانلىق ئومومىي مەجلىسىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىچىدە ئىستىل تۈزۈتۈش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش توغرىسىدىكى قارارىغا ۋە جۇڭگو كومۇنىستىك پارتىيسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئازسانلىق مىللەتلەر ئارىسىدا ئىستىل تۈزۈتىش ھەم سوتسىيالىستىك تەربىيە ئېلىپ بېرىش توغرىسىدىكى يوليورۇغىغا ئاساسەن، يەرلىك مىللەتچىلىككە قارىشى قاتتىق ۋەئەستايىدىل كۈرەش ئېلىپ باردى. يىغىن بىر ئېغىزدىن مۇنداق تونۇشقا كەلدى: 4 ئايدىن ئارتۇقراق داۋام قىلغان كۈرەشتە پاش قىلىنغان ماتېرىياللار زىيا سەمىدى، ئىبىراھىم تۇردى، ئابدۇرېھىم ئەيسا، ئابدۇرېھىم سەئىدى ۋە ئابلىز قارىلارنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرى ئەڭ ئۇچىغا چىققان ئەكسىيەتچى سۆز-ھەرىكەتلەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ئۇلارنىڭ يەرلىك مىللەتچىلىك خاتالىقلىرى ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزۇش، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشقا قارىشى تۇرۇش ۋە توسقۇنلۇق قىلىش، پۇرېلىتارىيات دىكتاتۇرسىغا قارىشى تۇرۇش ۋە ئۇنى ئاجىزلاشتۇرۇش، پارتىيە رەھبەرلىكىگە قارىشى تۇرۇشتەك خەتەرلىك باسقۇچقا يېتىپ، پارتىيە ئىشلىرىغا ۋە ئاپتونوم رايوندىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ مەنپەئەتىگە جىددىي زىيان يەتكۈزدى. يىغىن ئۇلارنىڭ بۇخاتالىقلىرىغا يىغىندا ئېلىپ بېرىلغان پاش قىلىش ۋە تەنقىدلەردىن تاشقىرى، پارتىيەئىنتىزامى ۋە مەركەزنىڭ مۇشۇ توغرىدىكى بەلگىلىمىلىرى بويىچە زۆرۈر ۋە مۇۋاپىق چارىلەرنى كۆرۈپ، پارتىيە ئىنتىزامىنى چىڭىتىش، پارتىيە تەشكىلىنى ساغلاملاشتۇرۇش ۋە شۇنىڭ بىلەن خاتالاشقۇچىلارنىڭ ئۆزىگە ۋە پارتىيىدىكى بارلىق يولداشلارغاتەربىيە بېرىش لازىم، دەپ تونىدى.
قاراردا مۇنۇلار كۆرسىتىلىدۇ: زىياسەمىدى، ئىبىراھىم تۇردى ۋە ئابدۇرېھىم ئەيسالار ئۆتكەن يىلنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىن بۇيان يەرلىك مىللەتچىلەرنىڭ پارتىيىگە قارىشى بىلۇكى بولۇپ شەكىللەنگەن. بۇ بىلۇك يۇقۇردىكى 3 كىشىنى مەركەز قىلغان ھالدا ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى پارچىلايدىغان،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزىدىغان، سوتسىيالىزمغا ۋە پارتىيە رەھبەرلىكىگەقارىشى تۇرىدىغان، خەلق دېمۇكىراتتىك دىكتاتۇرسىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان بىر مۇنچەئەكسىيەتچى ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغان.(17-بەت) .
زىيا سەمىدىنىڭ ئاساسىي ئەكسىيەتچى سۆز-ھەرىكەتلىرى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، ئۇ ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولۇپ كەلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ قۇرۇلۇشىغاقارىشى تۇرۇپ، ئۇيغۇرىستان جۇمھۇريىتىنىڭ قۇرۇلىشىنى تەشەببۇس قىلدى. باش مىنىستىر جۇ ئېنلەينىڭ ئۆتكەن يىلى چىڭداۋدا ئۆتكۈزۈلگەن مىللىي سۆھبەت يىغىنىدا مىللىي ئىشلار توغرىسىدا كۆرسەتكەن يوليورۇقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ كەلدى.“جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ گىراژدانى بولۇش نومۇس“ دەپ، جۇمھۇريەت كۆزقارىشىدىكى كىشىلەرنى ماختىدى ۋە قوللىدى ھەمدە ”مۇنداق كىشىلەردىن 5 مىڭى بولسا، بەكمۇ ياخشى بولاتتى، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپمۇ تۈگۈتەلمەيدۇ“-دېدى. ئۇ ئازسانلىق مىللەتلەر بىلەن خەنزۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىگە ھەمىشە بۆلگۈنچىلىك ۋەبۇزغۇنچىلىق سېلىپ، خەنزۇ كادىرلىرى بىلەن خەنزۇ خەلقىغە ئۆچمەنلىك بىلەن قارىدى ۋە يەكلەپ كەلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى زىددىيەتلەرنى بۇرمىلاپ ”ھازىرقى ئاساسىي زىددىيەت مىللىي زىددىيەت، يەنى خەنزۇلار بىلەن يەرلىك مىللەتلەرئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتتۇر“-دېدى. ئۇ خەنزۇ ئەمگەكچىلەرنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇشقا قاتنىشىشىغا، بولۇپمۇ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيسىنىڭ شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن قارىشى تۇرۇپ ”خەنزۇلار شىنجاڭغا كېلىپ قۇرۇلۇشقا قاتناشسا، خەنزۇلار ئۈچۈنلاپايدىلىق“-دېدى. ئۆزىنىڭ ”مىللىيلاشتۇرۇش“ دەۋاسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مەدەنىيەت نازارىتىدىكى ۋە يازغۇچىلار سويۈزىدىكى خەنزۇ كادىرلارغا زەربەبەردى، ئۇلارنى يەكلىدى، بەزى بۇزۇق ئۇنسۇرلارنى مەدەنىيەت تارماقلىرىغا كىرگۈزدى،پارتىينىڭ رەھبەرلىكىگە ئىزچىل قارىشى تۇرۇپ، پارتىينىڭ ئاساسلىق مەسۇل كادىرلىرىغا ھۇجۇم قىلدى ۋە ھاقارەتلىدى. خەلق ئىچىدىكى يەنى رەھبىرىي كادىرلاربىلەن ئامما ئىچىدىكى زىددىيەتنى بۇرمىلاپ ”پارتىيە بىلەن ئاممائوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت“ دىدى ۋە پارتىيىنى ”سۆزى بىلەن ھەرىكىتى ئوخشىمايدۇ“ دەپ ھاقارەتلىدى. ئۇ زومىگەر پومىشېچىكلارنىڭ پارتىيە ئەزالىرىنى ھاقارەتلەپ توقۇپ چىقارغا قوشۇقىدىن پايدىلىنىپ ”ئاشلىقنىڭ يامىنى دادۇر،ئادەمنىڭ يامىنى كادىر“ دىگەن. ئۇ بىر قانچە يىلدىن بۇيانقى پارتىينىڭ مىللىي ئىشلار ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋاپپىقىيەتلىرىدىن، پارتىينىڭ مىللىي كادىرلارنى تەربىيلەش، ئەمگەك ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا قولغا كەلتۈرگەن مۇۋاپپىقىيەتلىرىدىن كۆز يۇمدى. ئۇنىڭ قەبىھلىكى شۇكى، ئۆتكەن يىلى مايدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەندە باشقا يەرلىك مىللەتچىلەرنى ئۆز ئەتىراپىغا توپلاپ، پىلانلىق، تەشكىللىك ھالدا پارتىيىگە غالجىرانە ھۇجۇم قىلىش بىلەن پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئاغدۇرۇش، خەنزۇ كادىرلىرىنى ھەيدەپ چىقىرىشتەك بۇرژۇئا مىللەتچىلىكى ۋە بۇرژۇئا شەخسىيەتچىلىكىدىن ئىبارەت قارانىيەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولدى. ئۇ سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىشكە ۋە تۆمۉر يولقۇرۇشقا قارشىتۇرۇش بىلەن ”ھازىر يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش كاپراتىپلىرىدا يەر ئاز، ئادەم كۆپ، كوپېراتسىيلىشىش بىلەن يەر مەسىلىسىدە زددىيەت بار“، ”مۇشۇنداق شارائىتتا سوتسىيالىستىك يېزا ئىگىلىكىن ۋۇجۇتقا چىقارغىلى بولمايدۇ“-دېدى. ئۇ يەنە ”تۆمۈر يول شىنجاڭدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرگە بالايى-ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ“-دېدى. ئۇ ئۆزى مەسۇل بولغان مەدنىيەت-سەنئەت تارماقلىرىدا كۈچىنىڭ بېرىچە (18-بەت)يەرلىك مللەتچىلىك زەھەرلىرىنى تارقىتىپ ”شىنجاڭ ئەدەبىيات-سەنئىتى“ژۇرنىلىنىڭ (ھازىرقى ”تارىم“ ژۇرنىلىنىڭ) سىياسى يۆلىنىشىنى ئۆزگەرتىشكەئۇرۇندى. پارتىيىنىڭ مەدەنىيەت، سەنئەت خىزمىتىگە بولغان رەھبەلىكىگە قارىشى تۇردى، دېمۇكىراتىينى بوغۇپ، پارتىيلىك كادىرلارنى، بولۇپمۇئىستىلى توغرا، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى ۋە خەنزۇ پارتىيىلىك كادىرلارنى چەتكەقاقتى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ۋە ئاممىنىڭ ئۆزى ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان نازرىتىگە قارىشى تۇرۇپ، ئۆزى ئۈستىدىن پىكىر بەرگەن يولداشلارغا ھەر دائىم زەربەبەردى ۋە ئۇلاردىن ئۆچ ئالدى. ئۇنىڭ ئىستىلى بۇزۇق، ئەخلاقى ناچار بولۇپ، ئاياللاربىلەن ناتوغرا مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلگەن. ئۇنىڭدا كومۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىغاخاس ھېچ بىر پەزىلەت قالمىغان. بۇ بۇزۇق ئۇنسۇر بۇ قېتىمقى يەرلىك مىللىەتچىلىككەقارىشى كۈرەشتە تۆۋە قىلىپ ئادەم بولۇشنىڭ ئورنىغا باشتىن-ئاخىر ناچار مەيداندابولۇپ، جاھىللىق بىلەن قارىشلىق كۆرسەتتى ۋە ئۆزىنىڭ خاتالىقلىرىنى يوشۇردى، ئۇنىڭ حاتالقلىرىنى پاش قىلغان يولداشلارغا ئۆچمەنلىك بىلەن قارىدى، ھەتتا ئۇلارنى ھاقارەتلىدى شۇنىڭ ۈچۈن يىغىن زىيا سەمىدىنى پارتىيدىن چىقىرىشنى، ئۇنى پارتىيەئىچى-سىرىتىدىكى ھەممە ۋەزىپىلىرىدىن ئېلىپ تاشلاشنى قارار قىلدى.
ئىبىراھىم تۇردنىڭ ئاساسىي ئەكسىيەتچى سۆز-ھەرىكەتلىرى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، ئۇنىڭدا بۇرژۇئامىللەتچىلىك مەپكۈرىسى كۈچلۈك ساقلانغان بولۇپ، ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان شىنجاڭنى بىرپۈتۈن ۋەتەندىن ئايرىپ، مۇستەقىل ”ئۇيغۇر جۇمھۇريىتى“ قۇرۇش غەرىزىدەبولغان. بۇ قارا نىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇكەسكىنلىشىشىنى ئۈمۈت قىلغان. ئۇ پارتىينىڭ مىللىي تېرىتوريىلىك ئاپتونومىيە سىياسىتىگە قارىشى تۇرۇش بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرۇلۇشىغانارازى بولغان. ئاپتونوم رايوننىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ”بۇ پارچىلاپ ئىدارە قىلىش،بۇنىڭ بىلەن مەسىلە ھەل بولمايدۇ“ دىگەن. خەنزۇ كادىرلار بىلەن خەنزۇئەمگەكچىلەرگە ئىنتايىن ئۆچمەنلىك بىلەن قاراپ، دوست بىلەن دۈشمەننى ئايرىمىغان.ھازىرقى خەنزۇ ئەمگەكچىلەر بىلەن ئۆتمۈشتىكى گومىنداڭ ۋە خەنزۇ ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ ھېچبىر پەرقى يوق دەپ، ”مانجۇلار ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ئۆزخەلقىمىز ئىچىدىن چىققان كىشىلەر ئارقىلىق ئېلىپ بارغان بولسا، ھازىر خەنزۇلاربىزگە بىۋاستە ھۆكۈمرانلىق قىلماقتا“ دىگەن. ئۇ ئۆتكەن يىل مايدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنى داۋام قىلىۋاتقان ۋاقىتتا زىياسەمىدىگە ئوخشاش يەرلىك مىللەتچىلەر بىلەن بىللە ئورتاق پىلان بويىچە پارتىيىگەھۇجۇم قىلدى ۋە پارتىيىگە قارىشى ئوق ئاتقۇچى بولۇپ ”شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى ئاساسىي زىددىيەت مىللىي زىددىيەت“، ”جەنۇبىي شىنجاڭدىكى دېھخانلار تېخىچە زاغرىدىن قۇتۇلالمىدى“-دەپ غالجىرلىق بىلەن ۋالاقلىدى.ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيسىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن ھۇجۇم قىلىپ،ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيسى بىلەن دىھخانلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ”قوراللىق دىھخانلار بىلەن قورالسىز دىھخانلارنىڭ زىددىيىتى“،“ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيسى خەنزۇلار ئۈچۈن ئىشلەيدۇ، ئۇنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈچۈن قىلچە پايدىسى يوق“-دىدى. پارتىينىڭ دېمۇكىراتىك ئىسلاھات ۋە سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش ئىشلىرىغا قارىشى تۇرۇپ ”پارتىيە يەر ئىسلاھاتى ۋاقتىدا پومىشىكلاغا قارىشى تۇردى، كېيىن ئۆزگەرتىش دېگەن نام بىلەن كاپىتالىستلارغا قارىشى چىقتى، ھازىر ئوڭچىللارغا، (19-بەت)باي دېھخانلارغا ۋە ھاللىق ئوتتۇرا دېھخانلارغا قارىشى تۇرماقتا“ دىدى. پارتىينىڭ تىنچ تاشقى سىياسىتىنى ”يالغان“، ”ئالدامچىلىق ۋاستىسى“ دەپ بۆھتان چاپلىدى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارىشى سۆزلەرنى تارقاتتى. ئۇ پارتىينىڭ پۇرېلىتارىيات مەيدانىدا ئەمەس، تامامەن ئىچكى-تاشقى ئەكسىيەتچى سىنىپلارنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ سۆز قىلدى. ئۇ ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە قارىشى تۇرغۇچى، خەنزۇ خەلقىغەئۆچمەنلىك بىلەن قارىغۇچى، پارتىينىڭ رەھبەرلىكىگە غالجىرلىق بىلەن ئوچۇقتىن-ئوچۇق قارىشى چىققۇچى يەرلىك مىللەتچىدۇر. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭدا بۇرژۇئا شەخسىيەتچىلىكى كۈچلۈك بولغانلىقتىن، ھەمىشە ئورۇن ۋە تەمىنات دەۋاسىدا بولۇپ كەلدى، ئۇزۇندىن بۇيان خىزمەتنى ياخشى ئىشلىمىدى، ھەتتا خېلى ئىلگىرىلا پارتىيىدىن چىقىپ كېتىش نىيىتىدە بولۇپ كەلدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگەنىسبەتەن چوڭ مىللەتچىلىك كۆز قارىشىدا بولدى. ئۇنىڭ خاتالىقىنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋەدەرىجىسى بويىچە ئۇنىڭغا، ئەلۋەتتە، قاتتىق چارە كۆرۈش لازىم. شۇنىڭ ئۈچۈن يىغىن مۇنداق قارار قىلىدۇ: ئىبىراھىم تۇردىغا پارتىيىدىن چىقىرىش جازاسى بېرىلسۇن. ئۇنى ھازىرقى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق كومىتېتىنىڭ ئەزالىقى، خەلق ئىشلار نازارىتىنىڭ نازىرلىقى، جۇڭگو يازغۇچىلار سويۇزى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق شۆھبىسى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارلىقى ۋەزىپىسىدىن بوشۇتۇش، لېكىن ئۇنىڭ تۆۋە قىلىش نىيىتى بولغاچقا ۋە ئۆزىنى خېلى ئوبدان تەكشۈرگەچكە، شۇنىڭدەك باشقىلارنىڭ خاتالىقلىرىنى پاش قىلغاچقا، ئۇنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسى مەسلىھەت كېڭىشى دائىمىي ھەيئىتىنىڭ ئەزالىقى ۋەزىپىسى ساقلاپ قېلىنىپ، نازىرلىقتىن نازىر ئورۇنباسارلىقىغا چۈشۈرۈش تەكلىپ قىلىنسۇن.
ئابدۇرېھىم ئەيسانىڭ ئاساسىي ئەكسىيەتچى سۆز-ھەرىكەتلىرى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، ئۇ ھەمىشەۋەتەننىڭ بىرلىكىنى پارچىلاش مەقسىدىدە مىللىي بۆلۈنىش ئىغۋالىرىنى تارقىتىپ،“مۇستەقىل ئۇيغۇرىستان جۇمھۇريىتى“ ياكى ”ش ت ج“ قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن. ئۇ پارتىيىگە، پارتىيىنىڭ مىلىي سىياسىتىگە، خەنزۇكادىرلارغا ۋە خەنزۇ خەلقىغە ئىنتايىن ئۆچمەنلىك بىلەن قاراپ، جېنىنىڭ بېرىچەھۇجۇم قىلىپ كەلدى. ئۇ پارتىيىنى ئىنتايىن قەبىھلىك بىلەن قارىلاپ ”پارتىيەچوڭ مىللەتلەرنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى بوزەك قىلىشىغا يول قويىدىغان نەرسە“،ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈچۈن ”بالايى-ئاپەت“ دەپ يۈردى. بۇلتۇر مايدائاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەندە، ئۇ زىياسەمىدى ۋە ئىبىراھىم تۇردىغا ئوخشاشلار بىلەن پارتىيىگە قارىشى بىلوك قۇرۇپ،پارتىيىگە قارىشى بىر مۇنچە قېتىم سۈيىقەستلەردە بولدى ۋە ”ئاچقۇچ كىمنىڭ قولىدا؟“ دېگەن مەسىلىنى قويۇپ، ”خەنزۇلار ھەممە پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت دائرىلىرىدىكى مۇھىم ئورۇنلاردىن چىقسۇن، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسىنى مىللى كادىرلارتاپشۇرىۋالسۇن“-دەپ، ئوچۇقتىن-ئوچۇق ۋالاقلىدى ۋە ”خەنزۇ كادىرلار مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالالمايدۇ، پەقەت ياردەمچىلىك رولىنىلائوينىيالايدۇ“-دەپ يۈردى، شۇنىڭدەك ”خەنزۇ كادىرلارنىڭ بولىشى مىللىي كادىرلارنىڭ ئىشلىشىگە پۇتلىكاشاڭدۇر“، ”خەنزۇلارنىڭ ياردىمىسىزمۇسوتسىيالىزم قۇرۇش مۈمكىن“، ”خەنزۇلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىشى بىلەن بالايى-ئاپەت تۇغۇلماي قالمايدۇ“-دەپ ۋالاقلاپ يۈردى، جۈملىدىن باشقا يەرلىك مىللەتچىلەر بىلەن ھەمنەپەس بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش (20-بەت)ئارمىيىسىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن ھۇجۇم قىلدى. پارتىيە مىللىي سىياسىتىگە بارلىق كۈچى بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، پارتىيىنىڭ مىللىي خىزمەتلەر ساھەسىدىكى پارلاق نەتىجىلىرىنى ئىنكار قىلدى ۋە ”شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى،ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيىلەرنىڭ قۇرۇلغانلىقى بىلەن قۇرۇلمىغانلىقىنىڭ ھېچقانداق پەرقى يوق“، ”ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسى، ئىقتىسادى ۋەمەدەنىيەت جەھەتتىن تېخى باراۋەرلىككە ئېرىشمىدى“، ”شىنجاڭ مىللىي دارامىتىنىڭ 6 دىن 5 قىسىمى خەنزۇلارغا، 6 دىن بىر قىسىمىلا يەرلىك مىللەتلەرگەسەرپ قىلىنماقتا“-دەپ كاپشىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن مەركەزدىن ھوقۇق“تارتىۋالماقچى“ بولدى ۋە شۇڭا ”ئاپتونومىيە ھوقوقىنى پەقەت كۈرەش بىلەنلا قولغا كەلتۈرۈش مۈمكىن، ھوقوقنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ چارىسى: 1) تەلەپ قويۇش؛ 2) تارتىۋېلىشتىن ئىبارەت“-دەپ كەلدى. جۈملىدىن ئۇ باشقا يەرلىك مىللەتچىلەرگە ئوخشاشلا سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىشكە ھۇجۇم قىلىپ، ”يېزائىگىلىكىنى كوپىراتسىيىلەشتۈرۈش بىلەن دېھخانلارنىڭ تۇرمۇشى ياخشىلانمايدۇ“،“جەنۇبىي شىنجاڭدىكى دېھخانلارنىڭ ئالدىدا تۇرغان ئاساسىي مەسىلە قۇرساق مەسىلىسى“، ”قول سانائىتى كوپىراتسىيلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن ئىشلەپچىقىرىش تەرەققى قىلىشنىڭ ئورنىغا ئارقىغا يېنىپ كەتتى“-دېدى. ئۇ ئاشلىقنى بىر تۇتاش سېتىۋېلىش ۋە بىر تۇتاش سېتىش ھەم چارۋا مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش سىياسىتىگىمۇقارىشى چىقتى. مۇندىن تاشقىرى، ئۇ يەنە سوۋېت ئىتتىپاقىغىمۇ تۆھمەت چاپلاپ،جۇڭگو-سوۋېت دوستلۇقىغا زىيانلىق بىمەنە سۆزلەرنى تارقاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىدە سىياس ىجەھەتتىنمۇ نۇرغۇن گۇمانلار بار.
يىغىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئابدۇرېھىم ئەيسانىڭ ئەكسىيەتچى سۆز-ھەرىكەتلىرى ئىنتايىن ئېغىرلىشىپ، قۇتقۇزۇپ قېلىشقا بولمايدىغان دەرىجىگە يەتكەن. ئۇ پارتىيىنىڭ كۆپ يىلدىن بۇيان ئۆزىگە بېرىپ كېلىۋاتقان تەربىيىسى ۋە ئىشەنچىسىنى يەرگە ئۇردى.پارتىيە تەشكىلاتى ۋە مەجلىسكە قاتناشقۇچى يولداشلارنىڭ كېسەلنى داۋلاپ، ئادەمنى قۇتقۇزۇش روھى بىلەن بەرگەن ياردىمىنى رەت قىلدى. ئۇ ئۇچىغا چىققان جاھىللىق بىلەن قىلچە تۆۋە قىلىش نىيىتىدە بولمىدى، ھەتتا پارتىيىدىن ۋە خەلقتىن يۈز ئۆرۈپ،ئۆلگۈچە تۆۋە قىلمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن يىغىن ئاسىي ئابدۇرېھىم ئەيسانى پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، پارتىيە ئىچى ۋە تېشىدىكى بارلىق ۋەزىپىلىرىدىن ھەم ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بوشۇتۇشنى قارار قىلدى.
قارارداپارتىيىگە كۆز بۇياپ كىرىۋالغان سىنىپىي يات ئۇنسۇرلار ئابدۇرېھىم سەئىدى ۋەئابلىز قارىلارنىڭ ئۇچىغا چىققان ئەشەددىي مىللەتچىلەر ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
ئابدۇرېھىم سەئىدىنىڭ ئاساسىي ئەكسىيەتچى سۆز-ھەرىكەتلىرى شۇكى، ئۇ پارتىيىنىڭ مىللىي تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيە سىياسىتىگە قارىشى چىقتى، ۋەتىنىمىزنىڭ بىرلىكىنى بۇزۇش ۋە ”جۇمھۇرىيەت“ قۇرۇشنى مەقسەد قىلغان 6 ماددىلىق ئەكسىيەتچى پىرۇگگىراممىنى ئوتتۇرغا قويدى. ”ئاپتونوم رايوندا مىللەتلەر ئوتتۇرىسىداكېلىشتۈرۈپ بولمايدىغان زىددىيەتلەر تېخى ھەل قىلىنمىدى“-دەپ، خەنزۇكادىرلىرى بىلەن خەنزۇ خەلقىنى ئىنتايىن غالجىرلىق بىلەن يەكلىدى. ئۆزىنىڭ“ئۈرۈمچىنى مىللىيلەشتۈرۈش“ دېگەن بىمەنە جۆيلۈشلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ”ئۈرۈمچى شەھەر ئىچىدىكى چوڭ كوچىلاردا ئولتۇرغان خەنزۇلارنى ئارقاكوچىغا كۆچۈرۈپ، ئارقا كوچىلىرىدا ئولتۇرۇشلۇق ئاز سانلىق مىللەت ئاھالىلىرىنى چوڭ كوچىلارغا يۆتكەش“ نى تەشەببۇس قىلدى ھەم (21-بەت)ئۈرۈمچى شەھىرىدىن بىر قانچە ئون مىڭلىغان خەنزۇلارنى باشقا جايلارغا كۆچۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئاز سانلىق مىللەتلەردىن بىر قانچە ئون مىڭلىغان كىشىلەرنى كۆچۈرۈپ ئەكىلىشكە ئۇرۇندى. ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنى قارىلاپ،“ئىشلەپچىقىرش-قۇرۇلۇش ئارمىيىسى خەلقنىڭ يەر، يايلاق ۋە سۇ مەنبەلىرىنى تارتىۋالدى“-دىدى. ئۆزىنىڭ ”مىللىيلەشتۈرۈش“ مەقسىدىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن دۆلەت ئورۇنلىرى ۋە كارخانا ئورۇنلىرىغا ئاز سانلىق مىللەتلەرئىچىدىكى پومىشېك، باي دېھخان ۋە ئىنقىلاپقا قارىشى ھەم بۇزۇق ئۇنسۇرلار ھەم سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىشكە نارازى بۇرژۇئا ئۇنسۇرلىرىنى خالىغانچە ئورۇنلاشتۇردى،سوتسىيالىزمغا قارىشى تۇرۇپ، ئازاتلىقتىن كېيىنكى بىرقانچە يىلدىن بۇيانقى خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلانغانلىقىدىن كۆز يۇمۇپ ”خەلقنىڭ تۇرمۇشى كۈندىن-كۈنگەناچارلىشىپ كېتىپ بارىدۇ“-دىدى. پارتىيىنىڭ توغرا سىياسىتىگە ۋە شەھەرقۇرۇلۇشىدا ئېرىشىلگەن مۇۋاپىقىيەتلەرگە ھۇجۇم قىلىپ ”تاشقى سودا ئىدارىسى يالغۇز ئېكىسپورت قىلىشنىلا بىلىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا غەمخورلۇق قىلىشنى بىلمىدى“ ۋە ”ئۈرۈمچى شەھىرىدە قۇرۇلغان ئىمارەتلەر خەنزۇلارنىڭ خاھىشى بويىچىلا سېلىندى“-دېدى. بۇلتۇر مايدا چاقىرىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيەكومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا ۋە يىغىندىن ئىلگىرى ھەم كېيىن پارتىيىگەغالجىرلىق بىلەن ھۇجۇم قىلدى ھەم كۆرگەنلا يەردە ئۆزىنىڭ ئەكسىيەتچى مۇھاكىمە ۋەپىروگگىراممىلىرىنى تارقىتىپ يۈردى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە خېلى بىر مەزگىل قالايمىقانچىلىق ۋە جىددىي ئەھۋالنى پەيدا قىلدى، پارتىيىنىڭ مىللىي كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە ئۇلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە قازانغان مۇۋاپپىقىيەتلىرىدىن كۆز يۇمدى، پارتىيىنىڭ ئىستىل تۈزۈتۈش ھەرىكىتىگە قارا چاپلىدى. يىغىندا ئۆزخاتالىقىغا نىسبەتەن باشتىن-ئاياق ئىنتايىن يامان مەيداندا بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن يىغىن ئابدۇرېھىم سەئىدىنى پارتىيىدىن چىقىرىش ۋە پارتىيە ئىچى-تېشىدىكى ھەممەخىزمەتلىرىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىشنى قارار قىلدى.
ئابلىز قارىنىڭ ئەكسىيەتچى سۆز-ھەرىكەتلىرى ئاساسەن شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، ئۇ ئۇزۇندىن بۇيان“جۇمھۇرىيەت“ كۆز قارىشىدا بولۇپ كەلگەن ۋە پارتىيىنىڭ مىللىي تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيە سىياسىتىگە ھۇجۇم قىلىپ، ”ئاپتونوم رايون قۇرۇلغاندىن كېيىن پەقەت ۋىۋىسكىلا ئۆزگەردى، يەنى ئۇيغۇرچە خەت ئۈستىگە چىقتى،خەنزۇچە خەت پەسكە چۈشتى، ئەمىلىيەتتە ھېچقانداق ھوقۇق بولمىدى“-دەپ يۈردى.ئۇ خەنزۇ كادىرلارنى چەتكە قېقىش، ئۆچ كۆرۈش، كەمسىتىش ۋە ئۇلارغا زەربە بېرىشتەھەممە كۈچىنى ئىشلىتىپ: ”خەنزۇلارنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئېزىشى ۋە ئۆچكۆرۈشى ئا ق ش نىڭ نېگىرلارنى ئېزىشى ۋە ئۆچ كۆرۈشىگە ئوخشاش“-دەپ يۈردى. ئۇيەنە ”خەنزۇ كادىرلار بولمىسىمۇ ئىش قىلالايمىز“ دەيدىغان تونۇشلاردابولدى. خەنزۇ خەلقىنىڭ شىنجاڭغا كەلگەنلىكىنى يامان كۆرۈپ، ”خەنزۇلارنىڭ شىنجاڭغا قىلغان ياردىمىنى كۆرمىدىم“ دىدى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى دىخانلارتۇرمۇشىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى ئىنكار قىلىپ: ”دىھخانلارنىڭ تۇرمۇشى ئېغىر،دۆلەت مەبلەغنى ھە دەپ ھەربىي قوشۇنلارغىلا ئىشلىتىۋاتىدۇ“-دىدى. پارتىيىنىڭ مىللىي كارىدلارنى تەربىيلەش ۋە ئۆستۈرۈش جەھەتتىكى نەتىجىلىرىنى ئىنكار قىلىپ:“سودا تارماقلىرى مىللىي كادىرلارنى ئۆستۈرۈشنى پەقەت ئويلىمايدۇ“-دىدى.ئۆتكەن يىلى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن مەجلىسىدە (22-بەت)زىيا سەمىدى باشلىق پارتىيىگە قارىشى بىلۇك بىلەن بىللە پارتىيىگە ھۇجۇم قىلىپ، ناھايتى غالجىرلىق بىلەن: ”ئەگەر جۇڭگوداۋېنگىريە ۋەقەسى بولۇپ قالىدىغان بولسا، مەن ئۇنىڭغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئۆزەمنى ئەڭ ئاۋال تىزىمغا ئالدۇراتتىم“-دىدى. شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ئەخلاقىمۇ ئىنتايىن ناچاربولۇپ، ئۇزۇندىن بۇيان ئىشقا بارماي يۈرگەن. ئۆزىنى تەكشۈرۈشىمۇ سەمىمىي ئەمەس.شۇنىڭ ئۈچۈن يىغىن: ئۇنى پارتىيىدىن چىقىرىشنى ۋە پارتىيە ئىچىدىكى ھەم سىرىتىدىكى بارلىق ۋەزىپىلىرىدىن ئېلىپ تاشلاشنى قارار قىلدى.
مەنبە: جۇڭگوكومىنىستىك پارتىيسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ ئورگان ژۇرنىلى بولغان ”ئالغا“ ژۇرنىلىنىڭ 1958-يىللىق 5-سانىدىن ئېلىندى.
( شاھتۇر مۇنبېرىدىن كۆچۇرۇلدى)
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: ج ك پ نىڭ ئۇنسۇر زىيا سەمىدىنى پارتىيەدىن قوعلاش قارارى