ۋېلىۋاي ۋە ئۇنىڭ بەرپاكارلىق ئىشلىرى
ۋېلىۋاي (ۋەلىباي)
باغ ئۆسەك بويىدا قەد كۆتىرىپ تۇرغان گۆزەل ياركەنت شەھىرىنىڭ ئۆزىگە خاس تارىخى بار. ئۇ خەلقىمىزنىڭ ئۇزۇن ژىللىق تارىخىنىڭ يارقىن بىر سەھىپىسى. ئەندى بۇ شەھەر توغرىلىق گەپ قىلىدىغان بولساق، ئالدى بىلەن تەدبىرچان، پەم-پاراسەتلىك، ئىسلاھاتچى ۋېلىۋاي يولداشېۋنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنىدۇ. ئەندى ۋېلىۋاي ھەققىدە سۆز قوزغىلىدىغان بولسا، بىردىن ياركەنت شەھىرى كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ. چۈنكى سۆلىتى چىرايلىق شەھەرنىڭ تارىخى ئەينە شۇ بۈيۈك ئىنساننىڭ پائالىيىتى بىلەن چەمبەرچاس باغلىق. ئۆتكەن ژىلى ئاتاقلىق ئىسلاھاتچىنىڭ تۇغۇلغىنىغا 175 ژىل بولدى. شۇڭلاشقا ئۇ توغرىلىق قىسقىچە توختىلىپ ئۆتسەم ئارتۇقلۇق قىلماس.
ۋېلىۋاي كىم؟ ئۇ قەيەردە تۇغۇلغان؟ ئەۋلاتلىرى بارمۇ؟ ئۇنىڭ خەلىق ئۈچۈن قالدۇرغان قانداق مىراسى، بەرپاكارلىق ئىشلىرى بار؟ موشۇ سوئاللار ئەتراپىدا خېلە ئىزدەندىم. ۋېلىۋاينىڭ قىزى — دۇرنىساخان ئانا ياركەنت تەۋەسىنىڭ كۆكتال يېزىسىدا ياشاپ، 1962-ژىلى ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇ ياقنى كۆرگەن، بىراق دەقەمدە ئولتىرىپ سۆھبەتلەشمىگەن بولساممۇ، ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى بىلەن قويۇق ئارىلاشتىم.
ئۇ ياقنىڭ يولدىشى قاسىمخان سۇفىيانوۋ ۋېلىۋايغا يات ئەمەس. ۋېلىۋاي كىچىك چېغىدا دادىسى ۋاپات بولۇپ، ژىتىم قالىدۇ. تۇل قالغان ئانىسى كېيىنىرەك ئاقكەنتلىك سۇفىيا دېگەن يۈزبېشىغا تۇرمۇشقا چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن قاسىمخان، تېيىپخان، ئەمەتخان ئىسىملىق ئۈچ ئوغۇل دۇنىياغا كېلىدۇ. بىراق تېيىپخان ۋە ئەمەتخان ياش ۋاقتىدا ۋاپات بولۇپ كېتىدۇ. بالاغەتكە يەتكەن قاسىمخاننى دۇرنىساخانغا چېتىپ قويىدۇ. قاسىمخان كىچىگىدىنلا زېرەك، تىرىشچان بالا بولۇپ، بىلىم-يېڭىلىققا ئىنتىلىدۇ. دەسلەپ مەدرىسىدە، ئاندىن پەنىي مەكتەپلەردە بىلىم ئالىدۇ. ۋېلىۋاي ئۇنى پېتېربۇرگتا ئوقۇتقان دېگەن گەپمۇ بار.
ساۋاتلىق قاسىمخان بۇ تەۋەدە كېڭەش ھاكىمىيىتى ئورنىتىلغاندىن كېيىن دەسلەپ سوت رەئىسى، پىۋو زاۋودىنىڭ بۇخگالتېرى ۋە پېدتېخنىكۇمدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەيدۇ. مەرىپەت يولىدا قىزغىنلىق بىلەن ئىشلەۋاتقان ژىللىرى، تەقىپلەشنىڭ دەھشەتلىك بورىنى باشلىنىپ كېتىدۇدە، ئۇمۇ تۇتقۇنغا ئېلىنىدۇ.
1937-ژىلى 3-نويابردا ئالمۇتا ۋىلايەتلىك ئۇنكۋد ترىبۇنالى تەرىپىدىن سوتلىنىپ، 1937-ژىلى 4-نويابردا ئېتىلغان. 1958-ژىلى 13-مارتتا تالدىقورغان ۋىلايەتلىك سوتىنىڭ قارارىغا بېنائەن ئاقلانغان.
قاسىمخان بىلەن دۇرنىساخاندىن ئالتە پەرزەنت قالغان ئېدى. ئۇلارمۇ تەقىپلەشنىڭ ئازاۋىنى كۆپ تارتتى. ئاندىن كۆكتال يېزىسىغا ئورۇنلىشىپ، شۇ يەردە ئەمگەك قىلىپ، ھاياتتىن ئۆتتى. بۈگۈنكى كۈندە ۋېلىۋاينىڭ ئەۋلاتلىرى ئالمۇتا، ژامبۇل، تاشكەنت شەھەرلىرىدە ئىستىقامەت قىلىۋاتىدۇ.
ۋېلىۋاي يولداشېۋنىڭ تۇغۇلغان يېرى، ژىلى ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس، ھەرخىل تەخمىنلەر ئېيتىلىپ ژۈرىدۇ. ئۇنىڭ نەۋرىسى رۇقىيەم ھەدە سۇفىيانوۋادىن ھايات ۋاقتىدا بۇ ھەققىدە سورىغىنىمدا: «ئانىمىزنىڭ «بوۋاڭلارنىڭ تېگى-تەكتى خونىخايلىق» دېگەن سۆزى يادىمدا ساقلىنىپ قاپتۇ. ئۇ قايسى خونىخاي؟ شۇنى سوراپ، ئېنىق بىلىۋالمىغان ئېكەنمىز» دەپ ئېيتقان ئېدى. بۇ سۆزنىڭمۇ جېنى بار ئېكەن.
بۈيۈك يازغۇچى زىيا سەمەدىنىڭ «ئىستەك ۋە قىسمەت» رومانىنىڭ بىرىنچى قىسمىدا مۇنداق دېگەن جۈملىلەرنى ئوقۇدۇم: «…ئىلى ئۇيغۇرلىرىدىن چىققان ئەڭ نوپۇسلۇق ۋە ئىناۋەتلىك باي، ھەمدە پادىشا روسسىياسى ۋە مەنچىن ئىمپېرىياسى ئالدىدا ھۆرمەت-ئېتىۋارغا سازاۋەر بولغان ئاتاقلىق ئەرباپ ۋېلىۋاي يولداشېۋ خونىخايلىق بولۇپ، مېنىڭ بوۋىلىرىم: سەمەت قازى، ئىمىرھەمزە قازى، ھوسمان بولۇسلار بىلەن نەۋرە قېرىنداش ئېكەنلىگى تۈپەيلى خونىخايلىقلارغا يان بېسىش تەبىئىي ھالەت، ئەلۋەتتە». ئۇنىڭغا ئاساسلانساق، ۋېلىۋاي ياركەنت تەۋەسىدىكى خونىخاي ئەمەس، ئىلى تەۋەسىدىكى خونىخاي مازارى كەنتىدە تۇغۇلغان بولسا كېرەك. ئۇنىڭ 1838-ژىلى دۇنىياغا كەلگەنلىگى ۋە 1915-ژىلى ياركەنت شەھىرىدە ۋاپات بولغانلىغى ھەققىدە مەلۇماتلار بار.
ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى ۋېلى، ئاتىسىدىن ئەتىگەن ئايرىلغان ئۇ ئانىسىنىڭ تەربىيىسىدە بولۇپ، كىچىگىدىنلا تۇرمۇش ئېغىرچىلىقلىرىنى بېشىدىن كەچۈرۈپ، ئوقەتكە پىشىدۇ. شەھەرگە ئېشەك ھارۋۇ بىلەن ئوتۇن توشۇپ، تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە دالادا ئاپپاق ساقاللىق خىزىر بوۋاي يولۇقۇپ، دۇئاسىنى بەرگەن ئېكەن، دېگەن ئەپسانىمۇ بار. ھەر ھالدا ئۇ ئۆزىنىڭ ئەمگەكسۆيگۈچلۈگى، پەم-پاراسىتى تۈپەيلى تۇرمۇش شارائىتىنى تېز يولغا قويۇۋالىدۇ. 1871-ژىلى غۇلجىنى رۇس ئەسكەرلىرى ئىشغال قىلىۋالغاندىن كېيىن بۇ يەرگە كەلگەن رۇس، تاتار ۋە باشقا سودىگەرلەر بىلەن مۇناسىۋەت باغلاپ، ئىش-ئوقىتى تېخىمۇ ياخشىلىنىشقا باشلايدۇ. بارا-بارا كەڭ-تاشا ئېتىزلىقلىرى، مىڭلىغان مېلى، ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرى، بانكىسى بار كۆرنەكلىك، بايلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ، ئىسمى يەتتىسۇغا كەڭ تونۇلىدۇ.
1881-ژىلى 12-فېۋرالدىكى «پېتېربۇرگ كېلىشىمى» بويىچە ئۇيغۇر سۇلتانلىغىنىڭ روسسىياگە قاراشلىق قىسمىدىن باشقا يېرى چىنلارغا قايتۇرۇلۇپ بېرىلدىدە، تۇرمۇش ئەھۋال كەسكىنلىشىپ، زورلۇق، خورلاش كۈچەيدى. شۇڭلاشقا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يەتتىسۇغا كۆچۈش گەپلىرى تارىلىدۇ. بۇنىڭغا پادىشا روسسىياسى ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىمۇ مەنپىيەتدار ئېدى. بۇ ئىشنى تۈركستاننىڭ گېنېرال-گۇبېرناتورى ئا.ۋ. كولپاكوۋسكىي ئۆز قولىغا ئالىدۇ. ئۇ تاشكەنتتىن ياركەنت تەۋەسىنىڭ ئالتۇنەمەل يېرىگە كېلىپ، ۋ.يولداشېۋ بىلەن ئۇچرىشىپ، سۆھبەتلىشىدۇ، ئۇنىڭدىن ئۇيغۇرلارنى يەتتىسۇغا كۆچىرىپ چىقىشقا ياردەم قىلىشنى قەتъئىي ئىلتىماس قىلىدۇ. ئەگەر بۇ مەسىلە مۇۋاپپەقىيەتلىك ھەل قىلىنىدىغان بولسا، يولداشېۋقا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۆلەنمەي كېلىۋاتقان بىر مىللىئون سەككىز يۈز سومىنى ئۈندۈرۈۋېلىشىغا رۇس ھۆكۈمىتىنىڭ ياردەملىشىدىغانلىغىنى ئېيتىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئىلى ئۇيغۇرلىرىنى يەتتىسۇغا كۆچىرىش تەييارلىغى باشلىنىپ كېتىدۇ.
بۇ ياقتىمۇ ئۇنىڭغا تەييارلىق ئىشلىرى قىزغىن قولغا ئېلىنىدۇ، مەخسۇس كومىسسىيا قۇرۇلۇپ، پائالىيەت ژۈرگۈزىدۇ. سىردەرىيا ۋىلايىتى ئەسكەرلىرىنىڭ قوماندانى، گېنېرال-مايور ئا.يا. فرېدى كېلەچەك ياركەنت ئۇئېزىنىڭ مەركىزىنى سېلىشقا جاۋاپكەر بولۇپ تايىنلىنىدۇ. كەڭ-تاشا مەيدان نىشانغا ئېلىنىپ، ئەتراپلىق تەكشۈرۈلىدۇ، شەھەرنى ئۆسەك دەرىياسىنىڭ بويىغا سېلىش مۇۋاپىق دەپ تېپىلىدۇ، لايىھىسى كېلەچەكنى كۆزدە تۇتقان ھالدا تۈزىلىدۇ. شەھەرنى بەرپا قىلىش توغرىلىق دەسلەپكى ھۆججەت 1881-ژىلى 7-سېنتيابردا تىركەلگەن ئېكەن. فرېدى ئۆزىنىڭ گېنېرال-گۇبېرناتورغا يازغان خېتىدە «ئۆسەككە 1500 ئائىلىنىڭ كۆچۈپ كەلگۈسى كېلىدۇ. ئاساسىي خەلىق ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە 400 ئائىلە رۇس، تاتار، تۇڭگان ۋە باشقا مىللەتلەردىن بولۇپ، بارلىغى 1900 ئائىلە كۆچۈپ كېلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى…» دەپ يازغان.
شۇنداق قىلىپ، ئۇلۇق كۆچ-كۆچ 1882-ژىلى باشلىنىپ، ئىككى ژىل داۋام قىلىدۇ. دەسلەپكىلەردىن بولۇپ ۋېلىۋاي ئۆزى بىلەن بىللە 45 مىڭدىن ئوشۇق ئادەمنى ئىلى دىيارىدىن ياركەنتكە ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ كۆچ-كۆچتە ۋېلىۋاي ئاساسىي رول ئوينايدۇ. كەلگەن ھەربىر ئائىلىگە ئالتە دېسياتىنىدىن يەر ئاجرىتىلىپ بېرىلدى. ئۇ يەرلەردە كۆچمەنلەر ئاشلىق، كۆكتات، قوغۇن-تاۋۇز ۋە باشقا زىرائەتلەرنى ئۆستۈرۈپ، مېۋىلىك باغلارنى بەرپا قىلىپ، چاپسانلا گۈلىستانلىققا ئايلاندۇردى. شەھەر قوينىدا تۇرۇشلۇق ئۆيلەر، بېنالار، بازارلار، دۇكانلار ۋە باشقىلار سېلىنىپ، شۇنداقلا ئۆسەك ۋادىسىدا سەكسەنگە يېقىن يېزا بىلەن مەھەللە بەرپا قىلىنىپ، تېز ئاۋاتلاشتى، ئۈچ چوڭ ئۆستەڭ قېزىلدى، نۇرغۇنلىغان ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرى ئىشقا قوشۇلدى. بۇ جەھەتتىن ۋېلىۋاينىڭ سىڭەرگەن ئەمگىگى بېباھا. ۋادىدىكى بەرپاكارلىق ژىراقلارغىمۇ يەتتى. ئارىدىن ئون بەش ژىل ئۆتكەندە «نوۋوئې ۋرېميا» ژۇرنالى ئۆزىنىڭ 1900-ژىلقى ئىيۇلь ئېيىدىكى سانىدا: «غۇلجا كۆچمەنلىرىدە بىز ھەقىقىي ئەمگەك ئادەملىرىنىڭ ساغلام ۋە پاك ھاياتىنى كۆردۇق. ئىختىسادىي جەھەتتىن ئۇلار ناھايىتى زور كۈچنى تەشكىل قىلىدۇ. قېدىمىي زامانلاردىن بېرى كۈن نۇرىدا كۆيۈپ، قاغجىراپ ياتقان چۆللۈكلەر… ئەندى ئەسىرلىك ئۇيقىسىدىن ئويغىنىپ، گۈللەنگەن ۋادىغا ئايلاندى»، دەپ يازدى.
كەڭ-تاشا ۋادىدا ئۆزلەشتۈرۈلگەن يەرگە ئاساسەن ۋېلىۋاي ئېگىدارچىلىق قىلىپ، ژۇقۇرى ھوسۇل ئېلىنغان ژىللىرى ئۇنىڭ ساڭلىرىغا ئىككى يۈز مىڭ پۇتتىن ئوشۇق ئاشلىق قۇيۇلاتتى. بۇ ئاشلىقنى يەتتىسۇ، تاشكەنت ۋە باشقا يەرلەرگە سېتىپلا قالماي، ھەتتا چەت ئەللەرگىمۇ چىقىراتتى. پادىشا ئەسكەرلىرىنى ئاشلىق بىلەن تەمىنلەشكە ياردەملەشتى. شۇنداقلا ۋېلىۋاي ئۆز مەبلىغىنىڭ خېلە قىسمىنى ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرىنى تەرەققىي ئەتكۈزۈشكە، جۈملىدىن كان سانائىتىگە، ئالتۇن چىقىرىشقا سەرىپ قىلدى. ئۇنىڭ بېۋاسىتە تەشەببۇسى ۋە مەبلىغى ھېساۋىغا ئىلى دەرىياسىدا كېمە يولى ئېچىلدى، يەنى 1893-ژىلى 14-ماي كۈنى 20 مىڭ پۇت ئاشلىق بېسىلغان كېمە غۇلجىغا ئاتلاندى.
ۋېلىۋاي يولداشېۋ خەلقىمىزنىڭ، ژۇتنىڭ مەدەنىيىتىنى كۆتىرىشكىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلدى. جۈملىدىن ئۇ بىرەر ھاشامەتلىك مەدرىسە سېلىشنى ئارمان قىلىپ ژۈرەتتى. بۇ توغرىلىق ئۆز ۋاقتىدا مېچىت-مەدرىسىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن مالىك بالغابائېۋ «قېدىمىي ياركەنت ھەم ۋېلىۋاي مەدرىسىسى» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدا: «…شەھەردىكى مۇسۇلمان زىيالىلىرى بىلەن ئاقساقاللىرى باش قوشۇپ، شەھەرنىڭ مەركىزىدە باشلانغۇچ دەرىجىدە بىلىم بېرىدىغان مەدرىسە سېلىش قارارىغا كەلدى. ئاخىرى 1887-ژىلى 20-مايدا يەتتىسۇ گېنېرال-گۇبېرناتورىغا ياركەنت شەھىرىدە مەدرىسە سېلىش ئۈچۈن رۇخسەت سوراپ كەلگۈسى مەدرىسىنىڭ بارلىق قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى ژۈرگۈزۈشنى بوينىغا ئالغان ياركەنت شەھىرىنىڭ سودىگەرى، ئوتتۇز ياشلاردىكى ۋېلاخۇن يولداشېۋ ئېدى…» دەپ يازىدۇ («ئۇيغۇر ئاۋازى»، 9-نويابر 1996). ئەندى كۆرنەكلىك شائىر رەخمېتوللا نۇرپېئىسوۋ ئۆزىنىڭ «ژاركېنت ئاتائۇژادزدا غانا…» دېگەن ماقالىسىدىكى مونۇ قۇرلارنى ئوقۇپ كۆرەيلى. «Жаркент атауы жадымызда ғана…» дегән мақалисидики мону қурларни оқуп көрәйли. «…Жаркент шаһарының байырғы турғыны, ұйғыр халқының бірегей перзенті, заманына сай дәулет жия білген Уәли Йолдашев. Ол өзі көзі ашық, арғы-бергіні көрген адам болған. Сауда-саттық жолымен Ташкент, Хива, Бухара, Самарқанд жағына да, Қытай жеріне де барып, көп саяхаттап, сейіл құрып өткен адам. Барған жерлеріндегі сәулетті, салтанатты ғимараттар, мавзолей, мешіттер оның қиялын тербеп, өзі де осындай сәулет-сарай жасатуды армандаған. Оның осы игі ниетін жүзеге асыруға қитай сәулетшісі Хон Пик қол үшін беріп, көмектеседі. Келісім-шартпен мойнына алған жумысын тез-ақ бітіріп тастайды. Сөйтіп өткен ғасырдың жартысында Уәли бай мешіті дүниеге келеді» («Лениншіл жас» 1989-ж. 17-февраль).. مۇئەللىپلەر بۇ ماقالىلىرىنى ئارخىۋ ھۆججەتلىرىگە، ھەقىقەتكە تايىنىپ يازغانلىغى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.
ئەندى ئالمۇتا ۋىلايەتلىك «ژېتіسۇ» گېزىتىنىڭ ئۆتكەن ژىلقى 26-نويابرьدىكى سانىدا بېسىلغان «Жаркенттің бойтұмары» سەرلەۋھىلىك ماقالىنى ئوقۇپ رەللە بولدۇم. ئۇنىڭدا: «1896-жылы Жаркент қаласына үлкен мешіт-мәдресе салуды жергілікті мусылмандар ойластырады. Өйткені, Ұлы Жібек жолының бойында іргесі жаңадан қаланған Жаркент шаһарына мешіт керек еді. 1886-жылы мусылмандардың алғашқы құрылтайы өтіп, шебер іздеуді, немен салуды, қалай тұрғызуды, мешіттің қанша бөлімнен туратыны туралы мәлімет жинақталады. Сол кезде қазақтың жақсылар мен жайсаңдары, байлары мен билері бул өңірде ондай шебердің жоқтығын ескеріп Қытайда аты дүркіреп шыға бастаған Хон Пик атты шеберге қолқа салады. Сол түста 37-38 жастағы шебер келісім береді…» دەپ يېزىلغان ئېكەن. ئەپسۇس، مەزكۈر ماقالىدا ۋېلىۋاي يولداشېۋنىڭ ئىسمى بىر يەردىمۇ ئاتالمايدۇ. بۇ تارىخىي ھەقىقەتكە كۆز ژۇمغانلىق، ئۇنىڭغا قىلغان خىلاپلىق ئەمەسمۇ؟…
«ھەقىقەت كۆمۈلمەس» دېگەن دانا گەپ بار. ياركەنتتە ھاشامەتلىك مەدرىسە-مېچىت سېلىشنىڭ تەشەببۇسكارى ۋە ئۇنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا ماددىي ياردەم كۆرسىتىپ، نازارىتىگە ئالغان ۋېلىۋاي يولداشېۋ ئېكەنلىگى تارىختىن مەلۇم. شۇنداق قىلىپ، 1887-ژىلنىڭ ئاخىرىلىرىدىن باشلاپ كەتمەن، ئاقسۇ، نارىنقول ۋە تىيانشان تاغلىرىنىڭ پۇختا، ئۇزۇن قارىغايلىرى تاللاپ، كەستۈرۈلۈپ، ئارىلىغى يۈز چاقىرىمدىن ئاشىدىغان ياركەنتكە ئات، ئۆكۈز ۋە تۆگىلەر بىلەن توشۇلۇشقا باشلايدۇ. تاللانغان ئۇستىلار باش مېمارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ياغاچلارنى كېسىپ، رەندىلەپ سايىلىق يەرگە تىزىپ، قۇرۇتىدۇ. ئۇمۇمەن، مەدرىسە قۇرۇلۇشىغا يۈزگە يېقىن ماھىر ئۇستىلار قاتناشقان دېگەن مەلۇمات بار. شۇنداقلا مەخسۇس خۇمدانلاردا خىش ۋە گەنچ (گىپس) پىشىرىلىپ تەييارلىنىدۇ. ياغاچلار ئىككى- ئۈچ ژىل ئىچىدە تاغ بولۇپ دوگىلىنىپ كېتىدۇ. باش مېمار غاڭزىسىنى چېكىپ، ياغاچلارنى تەييارلىتىۋېرىدۇ. باي ئەندىشىگە چۈشىدۇدە، خون پىكتىن مەدرىسە قۇرۇلۇشىنى باشلاشنى قەتئىي تەلەپ قىلىدۇ. باش مېمار باينىڭ سەل ئالدىراقسانلىق قىلىۋاتقانلىغىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، كەلگۈسى مەدرىسىنىڭ ئىككى تۈرلۈك ماكېتىنى ياساپ كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ بىرىنچىسى مەدرىسىنىڭ ھازىرقى كۆرۈنۈشى، ئىككىنچىسى بولسا ئۈچ قەۋەتلىك بولۇپ، باش دەرۋازا بىلەن چوڭ جۈمە مېچىتىنىڭ ئارىسى ئىككى قەۋەتلىك دەلىز بىلەن قوشۇلۇپ كېتىدىغان بېنا ئېدى. ۋېلىۋاي بولسا، ئۇنىڭ ھازىرقى نۇسخىسىنى تاللاۋالىدۇ. شۇندا باش مېمار «يەنە ئىككى ژىل ياغاچ توشۇپ، تەييارلىشىمىز كېرەك» دېگەن ئېكەن. ۋېلىۋاي بۇنىڭغا كېلىشمەيدۇ.
1892-ژىلى چوڭ مېچىت، مەدرىسە بۆلمىلىرى (بارلىغى 24 بۆلمە)، كىچىك مېچىت ۋە باش دەرۋازىنىڭ قۇرۇلۇشى ئاياقلىشىپ، ئۇنى پايدىلىنىشقا بېرىش تەنتەنىلىك ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ. بۇ يەردە ياركەنت تەۋەسىدىلا ئەمەس، خوشنا ئىلى ۋە باشقا ژىراق يەرلەردىن كەلگەن تالىپلارمۇ ئوقۇغان، ئۇلار دىنىي بىلىم بىلەن بىر قاتاردا ماتېماتىكا، جۇغراپىيە، تارىخ ۋە باشقا پەنلەر بويىچە ساۋاتىنى ئاچقان.
ۋېلىۋاينىڭ ھاشامەتلىك مەدرىسىسى ئەجايىپ ماھارەت بىلەن بەرپا قىلىنغان، چېكىلگەن ھەرخىل نەقىشلەر، چىرايلىق پۈتۈلگەن يېزىقلار —كىمنىلا بولمىسۇن، ھەيران قالدۇرىدۇ. ئۇ ئەسىردىن ئوشۇق ۋاقىت مابايىنىدا بىر مىقسىز تىك تۇرىدۇ. گۈل كەبى چىرايلىق ئىشلەنگەن، نەچچە مىڭلىغان ياغاچ دانىلىرى بىر-بىرىگە شۇ قەدەر چاپراس كەلتۈرۈلگەنكى، ئۇنىڭ سىرىنى شۇ زاماننىڭ ئۇستىلىرى ئۆزلىرىلا بىلىشى مۈمكىن… شۇڭلاشقا ئۇنىڭغا قارايسەندە ئويلىنىسەن، — ھە، بۇ بېنا ئەقىل ۋە ماھارەت مەھسۇلى. ئۇ XІX ئەسىردە ئاتىلاردىن بىزگە قالغان تارىخىي نادىر مەدەنىي يادىكارلىق. ئۇنى زىيارەت قىلغان ھەرقانداق كىشى بېناغا قاراپ، ھەيران بولۇشۇپ، ئېگىسىنى سورىشى چوقۇم. بۇنىڭغا جاۋاپ سۈپىتىدە كۆرنەكلىك ئالىم-تارىخچى مالىك كېبىروۋنىڭ «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ 1992-ژىلى 3-ئىيۇلь سانىدا يورۇق كۆرگەن «ۋېلىۋاي يولداشېۋ — ئىسلاھاتچى» ناملىق ماقالىسىدىكى مونۇ قۇرلار كۇپايە. ئۇنىڭدا «…شۇنىمۇ ئاتاپ ئۆتۈش ئورۇنلۇققى، مېچىتقا كىرىدىغان ئىشىكنىڭ پېشانىسىگە ئەرەپ يېزىغىدا «ئەگەر سىز چوڭ بېنانىڭ ئېگىسىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، ئۇ مەن بولىمەن — ۋېلىۋاي يولداشېۋ» دېگەن سۆزلەر يېزىلغان». ھازىر بۇ يېزىق يوق.
مەزكۈر مېچىت 1978-ژىلدىن بۇ يان بېناكارلىق بەدىئىي سەنъئەت مىراسگاھىغا ئايلاندۇرۇلۇپ، پائالىيەت ژۈرگۈزۈپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭغا بېغىشلاپ چىقىرىلغان «ياركېنت مەسجىتى» — بەدىئىي سەنئەت مىراسگاھى — «Джаркентская мечеть» — «ئارخىتېكتۇرنو-خۇدوژېستۋېنني مۇزېي» ناملىق كىتاپچىدىمۇ: «Мешітті салуды жоғары дәрежелі көпес Вали Ахун Йолдашев өз мойнына алады…» — «Попечение о сооружений здания взял на себя купец первой гильдии Вали Ахун Юлдашев» — دەپ ئاتاپ ئۆتكەن ئېكەن.
ۋېلىۋاينىڭ مەدەنىيىتىمىزنىڭ رىۋاجلىنىشىغا مۇناسىپ ھەسسە قوشقانلىغى تالاشسىز. ئۇنىڭ تەشەببۇسى بىلەن 1913-ژىلى ئالمۇتىدا يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇش ۋە ئەمەلىي سەنъئەت بۇيۇملىرىنىڭ كۆرگەزمىسى ئۇيۇشتۇرۇلغان، ئۇنى نۇرغۇنلىغان ئادەملەر زىيارەت قىلغان.
شۇنىمۇ ئېيتىش كېرەككى، ۋېلىۋاي باشقا ئىناۋەتلىك بايلار بىلەنمۇ مۇناسىۋەتتە بولۇپ، مەسلىھەتلىشىپ، بىر-بىرىگە ياردەملىشىپ تۇرغان. جۈملىدىن غۇلجىلىق ئاتاقلىق ۋە پەم-پاراسەتلىك بايلار ئاكا-ئۇكا باۋدۇن ۋە ھۈسەن مۇسابائېۋلار بىلەن گېرمانىيا سانائەت شىركىتى ئارىسىدا تۈزۈلگەن شەرتنامە بويىچە غۇلجا شەھىرىدە كەلگۈسىدە سېلىنىدىغان زاۋودنىڭ جابدۇق-ئۈسكۈنىلىرى 1907-ژىلى تولۇق تەييار بولىدۇ. ئۇ تۆمۈر يول ئارقىلىق روسسىيانىڭ ئومسك شەھىرىگە يەتكۈزۈلىدۇ. ئاندىن ئۇ يەردىن پاروخودقا قاچىلىنىپ، ئىرتыش دەرىياسى ئارقىلىق مىڭ كىلومېتر يول ژۈرۈپ، قازاقستاننىڭ شەمەي شەھىرىگە ئېلىپ كېلىنىدۇ.
باۋدۇن باي ئۇنى شەمەيدىن ئارىلىغى مىڭ كىلومېتردىن ئوشۇق ياركەنت شەھىرىگە يەتكۈزۈش چارىسىنى ئويلاشتۇرىدۇ. چۈنكى بۇ يەرگە ئاپىرىدىغان تۆمۈر يولىمۇ، دەرىيا يولىمۇ يوق ئېدى. شۇڭلاشقا باي جابدۇقلارنى باسىدىغان ئەللىكتىن ئوشۇق ھارۋۇ تەييارلىتىپ، ئۇلارغا زاۋود جابدۇقلىرىنى باستۇرۇپ يولغا چىقىدۇ. گېرمانىيادىن كېلىۋاتقان ژىگىرمىدىن ئوشۇق مۇتەخەسسىس ۋە يۈزدىن ئوشۇق ھارۋۇكەشتىن تەركىپ تاپقان بۇ چوڭ كارۋان ئاخىرى ياركەنتكىمۇ يېتىدۇ. ئۇلارنى ۋېلىۋاي يولداشېۋ، غۇلجىدىن كەلگەن ھۈسەنباي مۇسابائېۋ ۋە مىڭلىغان ياركەنتلىكلەر داغدۇغىلىق كۈتۈۋالىدۇ. چوڭ زىياپەت ئۇيۇشتۇرىدۇ. بايلار مۇڭدىشىپ، مەسلىھەتلىشىدۇ.
ياركەنت بىلەن غۇلجا شەھىرى ئارىلىغى يۈز چاقىرىمدىن ئوشۇق يول، ئۇ ئويمان-چوڭقۇر بولۇپ سۈپىتى تولىمۇ ناچار ئېدى. ۋېلىۋاي بۇ يولنى جۆندەش ئىشىنى ھۆددىسىگە ئېلىپ، ياركەنت خەلقىنى مۇسابائېۋلارنىڭ بۇ ئىزگۈ ئىشىغا ياردەملىشىشكە سەپەرۋەر قىلىدۇ. ئۇلار بىر ئاي داۋامىدا قورغاسقىچە بولغان يولنى جۆندەپ، پۈتىرىدۇ. ئەندى قورغاستىن غۇلجىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى يولنى ياساشقا ھۈسەنباي ئىلى دېخانلىرىنى سەپەرۋەر قىلىدۇ.
ئىككى ژىل ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى 1909-ژىلى كۈز پەسلىدە زاۋود قۇرۇلۇشى تولۇق پۈتۈپ، ئىشقا قوشۇلىدۇ. بۇ تەنتەنىگە ۋېلىۋاي يولداشېۋمۇ تەكلىپ قىلىنغان، دېگەن گەپ بار.
ۋېلىۋاي يولداشېۋ ئۆزىنىڭ پەم-پاراسىتى، ھەرتەرەپلىمىلىك پائالىيىتى ۋە تەشكىلىي قابىلىيىتى تۈپەيلى ئىلى، يەتتىسۇ دائىرىسىدىلا ئەمەس، روسسىياگىمۇ كەڭ تونۇلۇپ، شان-شەرەپلەرگە ئېرىشتى. 1892-ژىلى ۋ.يولداشېۋ «روسسىيانىڭ پەخرىي گراژدىنى» ۋە «ئالىي گىلьدىيالىك سودىگەر» دېگەن شەرەپلىك ناملارغا سازاۋەر بولدى. مەدرىسىنى سېلىشتىكى ئەمگىگى ئۈچۈن ئۇنىڭغا «ئاخۇنۇم» دېگەن نام بېرىلدى. شۇنداق قىلىپ، ئىلگەركى ۋېلى — ۋېلىۋاي، ئاندىن ۋېلىئاخۇن يولداشېۋ ئاتىلىپ، ئىناۋەتلىك بايلارنىڭ قاتارىدا تىلغا ئېلىندى. ۋېلىۋاي 1892-ژىلى ئومسك شەھىرى ئەتراپىدا پادىشا تەختىنىڭ مىراسخورى، ياش نىكولاينى چوقاننىڭ ئاتىسى شىڭغىس تۆرە بىلەن بىللە كۈتۈۋېلىش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولدى. سانكت-پېتېربۇرگقا بېرىپ، پادىشا نىكولاي ІІ نىڭ ھوزۇرىدا بولۇش شەرىپىگىمۇ ئېرىشتى. كۆپلىگەن ژۇقۇرى دەرىجىلىك ژىغىن-سورۇنلارغا (تۆۋەندىكى سۈرەت ئەشۇنداق ژىغىنلارنىڭ بىرىدە چۈشىرىلگەن. ئۇنىڭدا ۋېلىۋاي چەمبەر ئارقىلىق كۆرسىتىلگەن) قاتنىشىدۇ. پادىشا ھۆكۈمىتىنىڭ بىرقانچە ئوردېن ۋە مېدالьلىرى بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ. مۇنداق چوڭ ئابروي-ئاتاققا يەتكەن ۋېلىۋاينى يەرلىك خەلىق «يېرىم پادىشا» دەپ ئاتاپ كەتكەن ئېدى. ئۇنىڭ بەرپاكار ئىشلىرىنى ئەۋلاتلىرى ئۇنتۇغىنى يوق.
ئابدۇكېرىم تۇدىياروۋ
قازاقستاننىڭ پەخرىي ژۇرنالىستى.
(ماقالە مەنبەسى: قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى ۋە تور سەھىپىسىدە 2014- يىلى 10- يانۋار ئېلان قىلىنغان)
ماقالىنى يوللىغۇچىدىن ئەسكەرتىش:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم موھتېرەم ئۇيغۇر تور ئەھلى! بۇ ماقالە قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى ۋە تور سەھىپىسىدە 2014- يىلى 10- يانۋاردىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، كەڭ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىگە ئىلى ۋادىسىنىڭ غەربىدىكى ئۇيغۇر يۇرتلىرىدىن بىرى ياركەنت (ھازىر قازاقىستان دۆلىتىگە تەۋە) شەھىرىدە ئۆتكەن ئەسىردە ياشاپ ئۇيغۇر بايلىرىدىن ۋەلىباي (ۋېلىۋا ي) نىڭ ھايات – پائالىيەتلىرنى ، قىسقىسى يېقىنقى زامان ئىلى ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى چۇشنىشكە پايدىسى بولار دىگەن مەقسەتتە بۇ تېمىنى ئوقۇشىڭلارغا تەقدىم قىلدىم. ماقالىدە ئاپتۇر بەزى قازاقچە مەنبەلەرنى ئەينەن بەرگەنلىگى ۋە مېنىڭ بۇ قازاقچە سۆزلەرنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىشقا ھازىرچە قۇربىم يەتمىگەنلىگى سەۋەبلىك سىلەرگىمۇ ئەينەن شەكلى بويىچە ئوقۇشىقا سۇندۇم. توغرا چۇشەنچىدە بولغايسىلەر.
يەنە بىر ئىش دىققىتىڭلاردا بولسۇنكى، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جانلىق ۋە ئەدەبىي تىللىرىدىكى بەزى ئاتالغۇلار ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىكى ئاساسلىق ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىپادىلەش ئوسۇلۇبلىرىدىن ئاز-تولا پەرىقلىنىدۇ، شۇڭا بەزى-بىر سۆزلەردىكى ئۆخشىماسلىقلارغا توغرا مۇئامىلە قىلغايسىلەر.
ھۆرمەت بىلەن: ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
مەنبە باغداش تورى: http://bbs.bagdax.cn/thread-23252-1-1.html
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: ۋېلىۋاي ۋە ئۇنىڭ بەرپاكارلىق ئىشلىرى