خىتاي قەشقەرنى بۇزۇۋاتىدۇ!
ت. سەرگارى
(روھى گېنوتسىد – روھى قىرغىنچىلىق)
ئادەمىزات، تۆرەلگەندىن بۇيان ، ياراتقۇچىنىڭ ياردېمى بىلەن – بۇ، دۇنيادا ناھايېتى مۇرەككەپ ۋە قىيىن مۇساپىىلەرنى بېسىپ ئۆتتى، بەخىتلىك ۋە پاجىئەلىك، تولىراقى قانلىق دەۋىرلەرنى بېشىدىن ئۆتكۆۇزدى. ئاللاھ ئاتا قىلغان ئېقىل – پاراسېتى ۋە ئەمگەك كۈچى بىلەن تەرەققى تېپىپ، گۈزەل سەنئەت ۋە مەدەنىيەت ياراتتى . مىھرىيەتلىق- خۇنۇكلۇق ، سېخلىق- بىخىللىق، شەپقەتلىك – شەپقەتسىزلىك، سەمىمىلىك-ئىككى يۈزلىك، ئىنسانپەرۋەرلىك – قانخورلۇق ۋە باشقا خىسلەتلەرگە ئىگە بولدى. بۇلارنىڭ جۇغمىسى: ”مەن (مەنلىك)“ بىلەن ئىپادىلەندى. مانا شۇ مەن ئۈچۈن ئىنسانلار ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ جانلىرىنى قۇربان قىلدى. خەلىق ۋە مىللەتلەرگە ئۇيۇشتى، دۆلەتلەرنى قۇردى، بىرلىك تۇيغۇسى – مىللى مەن- گە، يەنى ئاتالمىش مىللى روھقا ئىگە بولدى .
خەلىق ۋە مىللەتلەرنىڭ بېسىپ ئۆتكەن ئۇزۇن مۇساپىېلىك تارىخى ھاياتى، ئۇلار ياراتقان ئۇلۇغۋار مەدەنىئەت، گۈزەل سەنئەن ۋە باشقا پائالىيەت ئىزلىرى – ئاتالمىش تارىخى مىراسى – مانا شۇ روھتا ئىپادىلېنىپ، خەلىق ۋە مىللەتكە مەنسۇپ ھەر بىر ئىنساننىڭ ئېڭىدا ۋە ئىسىدە مۇقۇم ئورۇن ئالدى.
مىللى روھ ھەربىر ئىنساننىڭ مەنلىكىنى (كىملىكىنى) ۋە مىللەتنىڭ ئۆزلىكىنى ئېنىقلىغۇچى ئامىلغا ئايلاندى. مەنلىك – مەنمەنلىك ئەمەس، ئۇ، ھەر بىر ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ مىللى تەۋەلىكىنى ۋە مىللېتىنىڭ روھىنى چۇڭقۇر ھىس قىلىش ۋە سىزىش خىسلېتىدۇر. مەنلىك، باشقا مىللەتكە مەنسۇپ ئادەمدىن ئۆزىنى ئۈستۈن ھىس قىلىش، ھاقارەتلەش ۋە ياكى بۆزەك ئىتىش خىسلېتى ئەمەس، ئۇ، ئىنساننىڭ ئۆزىنى باشقىلار بىلەن باراۋەر سىزىش، باراۋەر تۇتۇش، ھىچ كىمنىڭ ئالدىدا باش ئەگمەسلىك، ئۆزىگە ۋە ئۆزىنىڭ قابىلىيېتىگە ئىشىنىش، ئۆز مىللىتىنى ۋە ئۇنىڭ ئۆتمىشىنى ھۆرمەتلەش، ئۇنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئۆز جىنىنى قۇربان قىلىش خسلېتىدۇر. كىملىكىنى ئۇنۇتقان ئادەم ئۆز مىللېتىنىڭ روھىدىن مەستەسنا بولۇپ، ئىنسانلىق خىسلېتىنى يوقۇتۇپ، ئىككى پۇتلۇق نامەلۇم مەخلۇققا ئايلىنىپ قالىدۇ.
مىللى روھلۇق ئىنسانلارنىڭ مىللەت ئىچىدە كۆپىيېشى مىللى روھنى كۈچەيتىپ، مىللەتنىڭ پاسسىئونارلىقىنى (ئۈستۈنلىك ۋە ئىنسانلار جەمىئىيېتىنىڭ ئالدىنقى سىپىنى ئىگەللەش غايسىنى) يۆكسەلدۈرىدۇ. مەنلىكىنى يوقاتقان ۋە ئۆزلىكىنى ئۇنۇتقان ئىنسانلارنىڭ، بولۇپمۇ زىيالىلارنىڭ، مىللەتنىڭ ئىچىدە كۆپىيېشى، ئەكسىنچە، مىللى روھنىڭ يوقۇلىشىغا سەۋەپ بولۇپ، مىللەتنى يوقلىققا دۇچار قىلىدۇ، بۇ، كۆز ژۇمۇپ بولمايدىغان، جەمىئەت (مىللەت ۋە خەلىقلەرنىڭ بەرپالىق) قانۇنىيېتىدۇر.
ئۇزۇن زامان دۇنيانىڭ سىياسى سەھنىسىدە باشلامچىلىق رول ئوينىغان مىللەت سەركېلىرىنىڭ مەنلىكنى – ”مەنمەنلىك“ دەپ چۈشۈنىشى، ئۆزىنىڭ قۇدرېتىنى، دۆلېتىنى ۋە مىللېتىنىڭ باشلامچىلىق رولىنى ”مەڭگۈلىك“ ھىس قىلىپ، مەغرۇرلۇق گەردىشىگە چۈمىشىگە ۋە مىللەتنىڭ پاسسىئونارلىقىنى يوقۇتۇپ، ئۇڭايلا باشقىلارنىڭ ئولجىسىغا ئايلېنىپ قېلىشىغا سەۋەپ بولىدۇ.
ئۆزگىلەر بسىۋالغان مىللەتنىڭ ئۇزۇن زامان قاماللىقدا قېلىشى، ئۇنىڭ مىللى روھىنى يوقۇتۇپ، ئۇنى قۇللۇق روھىقا ئىگە قىلىدۇ. ئەۋۋەلقى باشلامچى مىللەتنىڭ سەركېلىرى قاماللىقدا قۇللۇق روھى بىلەن مەغرۇرلۇق گەردىشىدە بىر- بىرىنىڭ گېپىنى ئاڭلىمايدىغان، ئەمېلى ئىشقا يارىمايدىغان، ئامما ئۆزىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ھىساپلايدىغان ئىككى يۈزلىك سەپسەتەچىلەرگە ئايلېنىپ قالىدۇ.
مىللى روھ غايىبانە تۇيغۇ ئەمەس، ئۇ، ئاسمىنىدا ئەسىرلەر جەريانى ئەجدادلارنىڭ روھلىرى پەرۋاز قىلىپ يۈرگەن، تۇپرىقى ئەجدادلارنىڭ قان- تەرلىرى بىلەن ئەپجەشلىشىپ كەتكەن، ئاتا- بوۋىلار جانلىرىنى قۇربان قىلىپ ساقلاپ، ۋارىسلىرىغا ئۆتكۈزىپ بەرگەن – ”ۋەتەن“ دەپ ئاتىلىدىغان زىمىن؛ ئۇ، ئەجدادلار ئەسىرلەر جەريانى ياراتقان ۋە ئەۋلادلار ساقللاپ كىلىۋاتقان ئۆزىگە خاس ھەر ساھادىكى ئىجادى ۋە ئىجابى ئەسەرلەر، تىل- يېزىق، مائارپ- بىلىم يۇرتلىرى، دىنى ئىتىقاد، ئۈرۈپ – ئادەت، بىنالار، بىناكارلىق سەنئىتى، مىچىت، مازارلار، ئىبادەتخانىلار ۋە باشقا كۆزگە كۆرۇنىدىغان، ئوقۇپ بىلىدىغان، تۇتۇپ سىزىدىغان، مىللەتنى مىللەت قىلغان، خەلىقنى مىللەت سۈپېتىگە ئىگە قىلغۇچى ۋە مىللەتنى ساقلىغۇچى، ئەجدادلارنىڭ ئەۋلادلارغا قالدۇرغان ماددانە نەسلىدۇر (مىراسىلىرىدۇر)؛ ئۇ، پۇلغا سېتىۋىلىشقا بولمايدىغان، ژۈتسە تېپىلمايدىغان، بۇزۇلسا تۈزەلمەيدىغان، جاندىنمۇ قىممەت، بىباھا بايلىقىدۇر. مانا شۇ تارىخى مىراس مىللى روھنىڭ مەنبەئىدۇر – مىللى روھدۇر. مۇشۇ روھ بىلەن ئىنسانلار بىرلىك، مىللەتلەر ئۆزلىك ۋە ھەربىر ئادەم مەنلىك تاپىدۇ ۋە ئۆزلىكىنى تۇنۇيدۇ.
ھەر بىر مىللەت ۋە خەلىقنىڭ تارىخى مىراسى ئۇنى ياراتقان خەلىق ۋە مىللەتكىلا ئەمەس، شۇنداقلا بۇتۇن ئىنسا نىيەتكە مەنسۇپدۇر، چۈنكى ئىنسانىيەتنىڭ مەدېنى تەرەققىياتى (ئاتالمىش سۋىللىكى) جىمى مىللەت ۋە خەلىقلەرنىڭ زىمىندىكى پائالىيەتلىرىنىڭ جۇغما مەھسۇلاتىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانداق مىللەتنىڭ تارىخى مىراسى خەلىق ئارادا قوغدىلىدۇ. بۇ ئەھۋال- ھەر قانداق مىللەتنىڭ تارىخى مىراسىنى قوغداش- بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىىلاتى (ب د ت) – نىڭ ۋە باشقا خەلىق ئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ھۆججەتلىرىدە ئېنىق ئىپادىلەنگەن. ئەپسۇسكى، بەزى بىر مىللەت ۋە دۆلەتلەرنىڭ چوڭ مىللەتچىلىك مەنمەنلىكى تۈپەيلى، ئەمەلىيەتدە تولۇق ئىجرا قىلىنماۋاتىدۇ.
ھەر قانداق مىللەتنىڭ تارىخى مىراسىنى يوقۇتۇش شۇ مىللەتنى يوقۇتىشقا خىرىسدۇر. باشقىچە ئەيتقاندا روھى يوقۇتىشدۇر، خەلىق ئارالىق ئاتالغۇ بىلەن ئەيتقاندا گېنوتسىدقا خىرىسدۇر- روھى گېنوتسىددۇر.
مەلۇمكى، گېنوتسىد ۋە گېنوتسىدقا خىرىس. ب د ت – نىڭ ھۆججەتلىرىگە بىنائەن خەلىقئارالىق جازالاشقا تىگىشلىك ئېغىر جىنايەتدۇر. ئەپسۇسكى، ب د ت – نىڭ ۋە ئۇنىڭ ئورگانلىرىنىڭ ئۇنداق جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەن دۆلەت ۋە دۆلەت تۈزۈملىرىنىڭ جىمىسىنى جازالاش قۇدرىتى يوق. خىتايغا ئوخشاش چوڭ ۋە قۇدرەتلىك دۆلەتلەرگە كۇچى يەتمەيدۇ. ھازىرچە ئۇلارغا: ”ھاي-ھاي“ دەپ پوپۇزا قىلىشدىن باشقا چارىسى يوق. بۇ ئەھۋالدىن پايدىلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمېتى ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىلىرىدە زىمىن ئىگىلىرىگە قارىتا ئوچۇقدىن – ئوچۇق گېنوتسىد ۋە روھى گېنوتسىدنى ئۆزىنىڭ مىللى سىياسېتىگە ئايلاندۇرىۋالدى.
خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمېتى 1949 – يىلدىن باشلاپ، ئۇيغۇر زىمىنىدا يەرلىك خەلىقلەرگە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مىللېتىگە قارىتا، ئاخبارەت قاماللىقىدا، – شەپقەتسىز يوقۇتۇش – گېنوتسىد سىياسېتىنى يۈرگۈزۈپ، مىللىونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت ۋەكىللىرىنى جىسمانى يوقاتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى مىراسىنى ۋەيران قىلدى.
1991- يىلى سوۋېت مۇنقەرز بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا 15 مۇستەققىل دۆلەت پەيدا بولدى، جۈملىدىن غەربى تۈركستاندىكى 5 – ئۇيغۇرلارغا قانداش – تۈرك مىللەتلىرى ئۆز دۆلەتلىرىگە ئىگە بولدى. رۇسىيە ۋە باشقا سابىق سوۋېت تەۋەسىدە يىڭى پەيدابولغان دۆلەتلەر دېموكىرتىيەگە (خەلىقچىللىققا) يۈزلەندى. ئۇيغۇر ئۆزلىك ھەركېتى مۇھاجىرەتدىكى ئۇيغۇرلانىڭ قوللىشىغا ۋە ئۇ دەلەت پۇخرالىرىنىڭ (قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ھىسداشلىقىغا ئىرىشتى. ئاخبارەت ۋاستىلىرىمۇ تەرەققى تېپىپ، خىتاي ئۆز جىنايەتلىرىنى (يەنى گېنوتسىدنى) يوشۇرۇش مۈمكىنچىلىكىنى قىسمەن يوقاتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىك (مىللى ئازادلىق) ھەركېتى كۈچىيىشكە باشلىدى. بۇ ئەۋال خىتاي ئەمەلدارلىرىنى چۇچىتىۋەتتى. ئامما خىتاي ھۆكۈمېتى ئۆزىنىڭ گېنوتسىدلىق مىللى سىياسېتىنى توختۇتىشنىڭ ۋە ئۆز تەۋەلىكىدىكى مۇستەملىكە مىللەتلەرگە ئوزلىك ھۇقىنى بىرىشنىڭ ئورنىغا ئۇ، گېنوتسىدلىق سىياسەتنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋە ئۇيغۇر ئۆزلىك ھەركېتىنى يىتىم قالدۇرۇشقا يول ئىزدىدى.
خىتاي، XIX -XVIII ئەسىرلەردە تۈركستاننى بىللە بۆلىۋالغان ۋە ئۈچ ئەسىرگە يېقىن جەرياندا ئۆزىگە گايى رىقابەتچى، گايى دوس بولۇپ كىلىۋاتقان رۇسىيەگە ھەمكارلىشىش تەكلىپىنى قويدى. سوۋېت دەۋرىدىكى ئۆزىنىڭ قۇدرېتىنى يوقاتقان ۋە ئىختىسادى قىيىنچىلىقدا ئۆزىنىڭ تاشقى سىياسېتىنى تېخى مۇقىملاشتۇرالمىغان رۇسىيە، كۈن ساناپ ئىختىسادى قۇدرەت تېپىۋاتقان مىللىئارددىن ئوشۇق ئاھالىلىك خىتاينىڭ سايىسىدا ئۆزىنىڭ دۇنياۋى چوڭ دۆلەتلىك سۈپېتىنى ساقلاپ قىلىش مەخسىتىدە، ئۇنىڭ (خىتاينىڭ) ھەمكارلىشىش تەكلىبىنى قوبۇل قىلدى. رۇسىيە – قازاقستان، قىرغىزستان ۋە تاجىكستانلارنى ھەرخىىل ئۇسۇللار بىلەن ھەمكارلىشىشقا كۆندۈردى.
1996- يىلى 24- ئاپرىلدا شاڭخەيدە – خىتاي، رۇسىيە، قازاقستان، قىرغىزستان، تاجىكستان – بەش دلۆلەت رەھبەرلىرى يىغىلىپ، ئۆز ئارا ھەمكارلىشىش ھۆججەتلىرىگە قول قويۇشتى. ئۇ تەشكىل: ”شانخەي ھەمكارلىشىش بەشلىكى“ دەپ نام ئالدى. كىيىنرەك ئۇنىڭغا ئۆزبېكستان قوشۇلۇپ، ”ئالتىلىككە ئايلاندى (شا ھە ئا). ئۇ ئالتىلىكنىڭ ھۆججەتلىرىدە ئۇيغۇر ئۆزلىك ھەركېتى (ئۇ ئۆ ھە) – ”سېپاراتىزم“ (”بۆلگۈنچىلىك“) دەپ ئاتىلىپ، ئۇنىڭغا ۋە دىنى ”ئەسەبىلىككە“ قارشى كۈرەش تەشكىل ئەزالىرىنىڭ ”ئالدىنقى ۋەزىپېلىرىنىڭ بىرسى“ دەپ تونۇلدى. خىتاي ئۆزىنىڭ گېنوتسىدلىق سىياسېتىگە قوللاش تېپىپ، ئۇ سىياسەتنى قورقماي داۋاملاشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى. ئۇ، خىتاي سىياسى رەھبەرلىرىنىڭ چوڭ دىپلوماتىك غەلبېسى ئىدى.
1996- يىلى 26- ئاپرېلدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاۋتونوم رايونىدا (ش ئۇ ئا ر): ”مىللى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ۋە قانۇنسىز دىنى پائالىيەتلەرنى چەكلەش“ دىگەن ناملىق، خىتاينىڭ ئۆزىنىڭمۇ قانۇنىغا مۇۋاپىق بولمىغان، ھۆججەت چىقتى. (ئۇ ھۆججەتنىڭ نامى باشقىچە بولىشىمۇ مۇمكىن، بۇ يەردە تەخمىنەن ئاتالدى). ئۇ ھۆججەتدە ”بۆلگۈنچىلەرنى“ ۋە ”قانۇنسىز دىنى پائالىيەتلەرنى“ يوقۇتۇش جەريانىدا ساقچىلارغا قارشىلىق قىلغانلارنى نەق مەيداندا ئېتىش رۇخسەت قىلىندى. شۇندىن باشلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ جىمى پالىيەتلىرى ”بۆلگۈنچىلىك، تتېررورچىلىق، دىنى ئەسەبىلىك“ دىگەن قالپاق ئاستىدا ئوچۇقدىن- ئوچۇق شەپقەتسىز قۇراللىق باستۇرۇلۇپ كەلدى. ھازىر ئۇيغۇر ئۆزلىك ھەركېتى XX ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدىكىدەك كەڭرى ئىلىپ بېرىلمىسىمۇ، ئامما ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى روھى كۈچىيىشكە ۋە خىتاي باسقۇنچىلىرىنىڭ ش ئۇ ئا ر – دا ئېلىپ بېرىۋاتقان گېنوتسىدلىق سىياسېتى، ئۇيغۇرلارنىڭ غەيرىتى بىلەن، خەلىق ئارادا پاش بولۇشقا باشلىدى. خىتاي رەھبەرلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى روھىنى يوقۇتىشقا ئەۋۋەلقىدىن جىددىرەك تۇتۇش قىلىشقا باشلىدى.
2009- يىلى 2- ئايدا ”قەشقەرنى يېڭىلاپ جىق مىللىئونلىق شەھەرگە ۋە ئۇتتۇرا ئاسىيەدە ئېڭ چوڭ سودا مەركىزىگە ئايلاندۇرۇش “ دىگەن چىرايلىق سەرلەۋھە ئاستىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشتراكىسىز، خەلىق ئارادىن ۋە ئۇيغۇر خەلقىدىن يوشۇرۇن ھالدا، قەشقەرنى سلاھەت قىلىش، توغرىراقى يوقۇتۇش لايىھەسىنى ئەمەللەشتۈرىشكە باشلىدىدى. ئۇنىڭغا 20 مىللىئارد يۈۋەن ئاجراتقانلىقى، قەشقەردىن50000 (ئەللىك مىڭ) ئۇيغۇر ئائىلېسىنى باشقا جايلارغا كۆچىرىشنى پلانلىغانلىقى مەلۈم. ”رىنمىن ژىباۋ“ گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا قەشقىەرنىڭ %85 بىنالىرى بۇزۇلماقچىكەن.
مەلۇمكى، قەشقەر مىلادىدىن ئەۋۋەلقى (م. ئە.) تۇر دۆلېتىنىڭ باشلامچىسى ئالىپ ئەر توڭا -ئافرسىياپنىڭ يازلىق پايىتەخەتى، مىلادى (م.) 10- 13- ئەسىرلەردە تۈرك تىلىنى، يېزىقىنى ۋە مەدېنىيېتىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن، ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنىغا ئايلاندۇرغان، قاراخانىلار (توغرىراقى قارا قاغانلار) دۆلېتىنىڭ پايىتەختى ۋە تۈرك مەدېنى- مۇئارىپ ئوچۇقى بولغان. ئەگەر ئېۋروپا ئەللىرىنىڭ مەرىپېتى ئېللادا ۋە رىمدىن باشلانغان بولسا، تۈرك ئەللىرنىڭ مەرىپېتى قەشقەردىن باشلانغان. دىمەك، قەشقەر تۈركلەرنىڭ ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ ئېللادىسى ۋە رىمىدۇر.
ئەپسۇسكى، تۈرك دۇنياسى چىيڭگىز خان ۋە ئەمىر تۈمۈرلەردىن كىيىن چېچىلىشقا باشلىدى. بىرلىكىنى يوقۇتۇپ، غايىبانە دۇنياغا، تۈرك مىللەتلىرى ئۇيغۇرلىقىنى (ئۇيۇشقاقلىقىنى) يوقۇتۇپ، ئۇرۇشقاق ئىقلىمغا ئايلېنىپ قالدى. نەتىجىدە باشقىلارنىڭ قاراملىقىغا چۇشۈپ قىلىپ روھىتىنى يوقۇتۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەي، دۇنيانىڭ سىياسى سەھنېسىدىن چۈشتى. بەش يۈز يىل ئېۋروپا، ئاسىيا ۋە ئاڧرىقا – ئۈچ قىتئەدە كۆرەڭلىگەن ئوسمان ئىپېرىيەسىمۇ روھسىزلىقدا ۋەيران بولۇپ، تۈركىيە جۈمھۆرىيېتىگە ئايلاندى، ئىېللادا ۋە رىم روھتىغا چوقۇنىدىغان بولۇپ قالدى. تۈرك روھىتىدىن مەستەسنا مۇستاڧا كامال، ئۆزىنىڭ ئېۋروپاپەرۋەرلىكى بىلەن تۈركلەرنى لاتىن يېزىقىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلاپ، تۈرك دۇنياسىنى باغلاپ تۇرغان ئاخىرقى ژىپىنى ئۈزۈۋەتتى. مانا ھازىرقى كۈنلەردە، ئۇزۇن زامان رۇسىيەنىڭ قاماللىقىدا مىللى روھىدىن ئايرىلىپ رۇسلارغا باش ئىگىپ ئۈگۈنۈپ قالغان، بىزنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيەدىكى قېرىنداشلىرىمىز، دۆلەتمەن بولغانلقىغا قارىماي، شانخەي ئالتىلىكىدە ئۆزلىرىنىڭ قېرىداشلىرىنى يوقتىۋاتقان خىتاينى قوللىماقدا. ئۆزلىرىنىڭ مەرىپەت يىلدىزىغا پالتا ئۇرۇۋاتسا بىتەرەپ قاراپ تۇماقدا.
خىتايلار ساتۇق بۇغرا خاننىڭ (ساتۇق بۇغرا قارا قاغاننىڭ) قەبرىسىنى يۆتكەپ، ئۇ جايدىكى مازارنى ئۇيغۇرلارنىڭ قولى بىلەن بۇزدى. ماخمۇت قەشقېرىنىڭ قەبرىسىنى ”يېڭىلىدى“ مازىرىنى يوقاتتى. ئۇيغۇر – تۈرك مائارىپىنىڭ ئۇلى بولغان خانلىق مەدرىسىنى يوقاتتى. ئارسلانخاننىڭ مازىرىنى يوقۇتۇپ، ئۇنىڭ جايىغا خەنلەرنى ماكانلاشتۇدى. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مازىرى بۇزۇلۇپ، قەبرىسى قۇلۇپلاغلىق خاراپلاشماقدا. بىر نەچچە مىڭ يىللىق تارىىخقا ئىگە سان- ساناقسىز تارىخى ئەسەر- ئەتىقېلەر بار قەشقەردە ئاپپاق غوجام مازىرىدىن ۋە ھېيتكا مېچىتىدىن بۆلەك ئاممىۋى زىيارەت قىلىدىغان تارىخى ئورۇن قالمىدى. قەشقەرنىڭ ئەتراپىدىكى يىزا، كەنتلەردىكى ئۇيغۇر- تۈركلەر ئۈچۈن مۇقەددەس ۋە، ئەگەر ئاشكارىلانغان بولسا، دۇنيا مىقياسىدا، ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇشقا تىگىشلىك ئۇيغۇر تۈرك دۇنياسىنىڭ تارىخى مىراسى يوقۇتۇلدى ۋە ياكى يوقالماقدا.
ياشللار ئۇياقتا تۇرسۇن، زىيالىلارنىڭ ئىچىدىمۇ ئۇ، مازار ۋە قەبرىلەرنى زىيارەت قىلىدىغانلار يوقالماقدا. قەيەردە كىمنىڭ قەبرىسى بار؟ نىمىشقا ئۇ قەبرىلەرنى ۋە مازارلارنى ئۇيغۇر خەلقى ئەسىرلەر جەريانى ھۆرمەتلەپ، ئۇلارنى تاۋاپ قىلىپ كەلگەن؟ ئۇلار قانداق تارىخى دەۋىر ۋە ۋەقەلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك؟ دىگەن سۇئاللارغا جۇۋاپ ئىزدەيدىغانلار ئازايماقدا، ئۇنداق ئىزگى ئىشلار بىلەن شغۇللانغانلارنى خىتاچنىڭ دۆلەت خەۋىپسىزلىك ئورگانلىرى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن جازالىماقدا. ”مىللەتچى، بۆلگۇنچى ۋە قانۇنسىز دىنى پائاليەتچى ئەسەبى ئۇنسۇرلار“ قاتارىغا قوشماقدا.
خىتاينىڭ قەشقەرنى بۇزۇۋاتقانلىقىنىڭ خەۋىرى، ئاخبارەت قاماللىقىنى بۆسۈپ، 2010 يىلى يىراق ئېروپاغا يېتىپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ تارىخى مىراسىنى كۆزىنىڭ قارچۇقىدەك ئاسرايدىغان ئېۋروپا ئەھلىنى، خىتاي دۆلەت تۈزۈمىنىڭ ۋەھشىلىكى ۋە ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ قانۇنى دائىرېسىدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى مىراسىغا ھۆرمەتسىزلىكى، ھەيران قالدۇردى، ھاياجانغا سالدى.
خەلىق ئارالىق ئاخبارەت ۋاستىسى «Фергана РУ» – نىڭ 2011- يىلى 3- ئاينىڭ 18 دە خەۋەر قىلىشىچە، ئېۋرپا بىرلىكى خىتايغا مۇراجىئەت قىلىپ، قەشقەرنىڭ كونا بىنا ۋە مازارلىرى بىلەن خەلىق ئارالىق ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئەگەر يىڭىلانسا ئۇ ئەھمىيېتىنى يوقۇتىدىغانلىقىنى، يېڭىلاشنى (توغرىراقى بۇزۇشنى) توختۇتۇپ، ب د ت تەرىپىدىن قوغدىلىدىلىدىغان شەھەر سۈپىتىدە UNESCO نىڭ (يۈنېسكونىڭ) تىزىملىقىغا كىرگۈزىشنى تەلەپ قىلغان. خىتاي قەشقەرنى بوزۇشنىڭ سۇرئېتىنى بىر قەدەر ئاستىلاتقان بولسىمۇ، ئامما قەشقەرنىUNESCO نىڭ تىزىملىقىغا كىرگۈزمىدى. دىمەك، بۇ، خىتاينىڭ قەشقەرنى بۇزۇشنى ۋە ئۇنىڭ خەلىق ئارالىق مەدېنى ۋە تارىخى ئەھمىيېتىنى يوقۇتۇپ، ئۇيغۇر- تۈرك روھىيېتىنىڭ مەنبەئى بولغان قەشقەرنى چوقۇم يوقۇتۇشنى ئۈزۈل-كىسىل قاررار قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
”ئۆزىنى دۇنيانىڭ ئىككى قۇدرەتلىك دۆلېتىنىڭ بىرسى، دېموكراتىك ۋە خەلىقپەرۋەر ھىساپلىغۇچى، ئاجىىز خەلىق ۋە مىللەتلەرنى قوغداشنى ئۆزىنىڭ ۋەزىپېسى“ – دەپ دۇنياغا جار سالغۇچى، ئۇيغۇرلارنىڭ قوشنىسى رۇسىيە، بىزنىڭ دۆلەتمەن تۈرك قېرىنداشلىرىمىز ۋە ئۇلارنىڭ دۆلەتلىرىنىڭ بىرسىمۇ خىتايغا ھەتتا ”ھاي“ دەپمۇ قۇيشمىدى. ئەجەپلىنەرلىك ئىش!
بۇ، رۇسىيەنىڭ ئىككى يۈزلىك سىياسېتىنى، تۈرك دۇنياسىنىڭ غايبانىلىقىنى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيە تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ رۇسىيەگە قۇللۇق مىجەزىدىن تېخى قۇتۇلالمىغانلىقىنى ۋە دۇنيانىڭ سىياسى سەھنىسىدە مۇستەققىل چامداش قۇدرېتىدىن مەستەسنا ئىكەنلىكىنى رۇشەن كۆرسىتىدۇ.
ھازىر خەلىق ئارادا مۇقۇملاشقان تەرتىپ بويىچە ب د ت – نىڭ قوغدشىغا تىگىشلىك دۇنياۋى ئەھمىيەتكە ئىگە، ھەر قانداق مىللەتنىڭ تارىخى مىراسى، شۇ مىللەتكە ئىگىدارلىق قىلغۇچى دۆلەت تەرىپىدىن ئېنىقلېنىپ تىزىملىنىدۇ ۋە UNESCO غا تاپشۇرىلىدۇ. ئۇ تىزىملىق تەستىقلانغاندىن كىيىن ب د ت- نىڭ قوغدىشىغا مۇيەسسەر بولىدۇ.
خىتاي ئۆزىنىڭ نۇرغۇنلىغان تارىخى نەسلىنى (قەدىمى شەھەر ۋە ئەسەر ئەتىقىلىرىنى) ب د ت – نىڭ قوغدىشىغا ئىرىشتۈردى، ئامما ئۆزىنىڭ تەركىبىدىكى، خەنلەردىن بۆلەك، بىرمۇ مىللەتنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ، تارىخى مىراسىنىڭ بىرەرسىنى UNESCO نىڭ تىزىملىقىغا سۇنغىنى يوق. بۇ، خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ تەركىبىگە كىرىپ قالغان مىللەتلەرنىڭ تارىخى مىراسىنى ھۆرمەتلىمەيدىغانلىقىنى، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ پىكرىنى ۋە كۆرسەتمىلىرىنى كۆزگە ئىلمايدىغانلىقىنى كۆرسېتىدۇ. خىتايغا – ئۇزىنىڭ قاراملىقىدىكى مىللەتلەتلەر ئەمەس، ئۇلارنىڭ زىمىن ۋە زىمىن بايلىقلىرىلا كىرەكلىكىنى كۆرسېتىدۇ.
بۇ، ھازىرقى دىموكراتىيە تونىنى كىيىۋالغان، ئاتالمىش: ”جۇڭگۇ خەلىق جەھۆرىيېتى – ج خ ج ”- نىڭلا ئەپتى- بەشىرىسى ئەمەس، شۇنداقلا لاۋزىنىڭ “ داۋ“ پەلەسەپەسىگە ئاساسلانغان، ئۇنىڭ – ”ھەقىقى دانىشمەن ئۆزىنىڭ پۇخرالىرىنىڭ يۈرەكللەرىنى قۇرۇقلاپ، قۇساقلىرىنى تولدۇرۇپ ئەل سورايدۇ ”- دىگەن كۆرسەتمىسىىنى دۆلەت ئىدېئولوگىيەسى قىلىۋالغان، ئۇزۇن تارىخلىق خىتاي دۆلېتىنىڭ ماھىيېتىدۇر. بۇ ھازىرقى خىتاي سىياسەتچىلىرىنىڭ ماۋزېيدۇڭنىڭ: ”خەلىق ئاق قەغەز ، نىمە يازسا شۇ بولىدۇ.“ – دىگەن كۆرسەتمىسىگە سادىقلىقىنى كۆرسېتىدۇ.
مىڭ يىللار جەريانىدا خىتاينىڭ دۆلەت تۈزۈمى نۇرغۇن قېتىم ئۆزگەرگەن بولسىمۇ، ئامما ئۇنىڭ دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ خەلىقنى روھسىزلاندۇرۇپ باشقۇرۇش، خەن مىللېتىدىن ئۆزگى مىللەتلەرنى روھسىزلاندۇرۇب، خەن مىللېتىگە قوشۇۋىتىش سىياسېتى ئۆزگەرمىدى. شۇ سەۋەپدىن خىتاي پادىشاھلرى مىڭ يىللار جەريانىدا ئۆز خەلقىنى ساۋاتلىق مىللەتكە ئايلاندۇرىشقا ئۈنتۈلمىدى، مىلادىدىن نۇرغۇن يىللار ئەۋۋەل پەيدا بولغان مۇرەككەپ سۇرەتلىك خەتنى (سۈرەتكە ئاساسلانغان خەتنى) باشقا ئەللەدىكىدەك، خەلىقنىڭ ئۈگۈنىشىگە ئاسان بولغان ھەرىپلىك يېزىققا ئۆزگەرتمىدى. ھازىر ئۇيغۇرلارغا ئۆزىنىڭ شۇ، خېتىنى تاڭماقدا. ئۇيغۇرلارنى روھسىز ساۋادسىز مەنقۇرتلارغا (ئۇيلاش، تەپەككۈر قىلىش، چۈشينىش قابىلىيېتىدىن مەھرۇم قىلىنغان ئىنسانلارغا) ئايلاندۇرىشقا ئۇرۇنماقدا. ئۇيغۇرلارغا ئۆزىنىڭ شانلىق تارىخىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ، ئۇلارنى منىللەت سۈپېتىدە يوقۇتۇش سىياسېتىنى ئېلىپ بارماقدا.
ياراتقۇچىنى ئىتىرا پ قىلمايدىغان – خەلىقنىڭ ماھىيېتى – ئۈنسىز بوي سۇنۇش، داھىلارنىڭ ماھىيېتى ئۆزى بىلگەننى خەلىققە ئايان قىلماي، ئۇنى ئاڭسىزلاندۇرۇپ، ئىگىز راۋاقدا ئولتۇرۇپ باشقۇرۇش– دىگەن ”داو“ پەلەسەپەسىگە ئاساسلانغان مەسلەكدە (پرىنسىپدا) ئەلنى باشقۇرىدىغان خىتاي دۆلېتىنىڭ تەركىبىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى ئۆزلىك ھوقۇقىغا ئىگە بولۇش مەخسېدى ئەمەلگە ئاشمايدىغان خام خىيالدۇر. ئۇ دۆلەت تەركىبىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى مىللەت سۈپېتىدە يوقۇلۇشدۇر.
”جۇڭگۇ – دۇنيانىڭ مەركىزى، جۇڭگۇنىڭ ماھىېتى – ئالەمنى باشقۇرۇش، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ماھىيېتى – جۇڭگۇغا بوي سۇنۇش “ – دىگەن داۋىزىم مەسلەكلىرى بىلەن خىتاي بۈگۈنكى كۈندە دۇنيانىڭ غوجىسىغا ئايلېنىشقا ئۈنتۇلمەكدە. ئۇ، مەخسەتگە يېتىشدە خىتايغا ئۇيغۇرستاننىڭ بايلىقى كىرەك. ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيانىڭ سىىياسى سەھنىسىدە ئۆزلىك ھوقۇقى ئۈچۈن قىلىۋاتقان داۋرىڭى ئۇنىڭغا پۇتلىكاشاڭ.
شۇنىڭ ئۇچۈن خىتاي ئۇيغۇررلارنىڭ روھى مەركىزى بولغان قەشقەرنى يوقۇتۇپ. خىتاي شەھىرىگە ئايلاندۇرۇپ ئۇيغۇررلارنى روھىسىزلاندۇرندۇرۇش ۋە خەنلەشتۈرۈىش پلانىنى ئەمەللەشتۈرمەكدە. ”ئۇيغۇرلار مىللەت سۈپېتىدە يوقالسا، ئۇيغۇر مەسىلېسى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزلىك جىدېلى ئۆز- ئۆزىدىن يوقۇلىدۇ“ – دەپ ئۇيلىماقدا.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ – مەنچىڭ خاندانلىقى 1759 – 1881 – يىللار جەريانىدا رۇسىيەنىڭ ياردېمى بىلەن ئۇيغۇرستاننى قۇراللىق بېسىۋالغاندىن تارتىپ، 1949- يىلى يەنە شۇ رۇسىيەنىڭ ياردېمى بىلەن شەرقى تۈركستان جەمھۆرىيېتىنى يوقۇتۇپ، ئۇيغۇرستاننى ج خ ج – نىڭ تەركىبىگە قوشۇۋالغاندىن كىىيىنكى ئېلىپ بارغان ۋەھشىيانە جىسمانى ۋە روھى گېنوتسىدلىق مىللى سىىياسېتى بىزنىڭ يۇقۇرىدىكى پىكرىمىزنى تەستىقلايدۇ.
ئەگەر خىتاي ئۆزىنىڭ داۋىزم پەلەسەپەسى ۋە ئۇنىڭغا ئاساسلانغان ئىدېئولوگىيەسى بىلەن دۇنيانىڭ ئېڭ قودرەتلىك دۆلېتىگە ئايلانسا، ئۇ، (خىتاي) ھېتلېر ڧاشىزمى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان، دۇنياغا غوجابولۇش مەخسېدىگە يېتىدۇ. دۇنيانىڭ مىھرىيەتلىك تەرەققىياتى ئاخىرلىشىپ، خەلىق ۋە مىللەتلەر زۇلمەتلىك دۆلەت تۈزۈملىرى ئاستىغا غەرق بولىدۇ.
ھازىر ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ مىللى ئۆزلىك ھەركېتىنى ھېچ بىر دۆلەتنىڭ ۋە ياكى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ قوللىشىسىز، قۇرالسىز ئېلىپ بارماقدا. ئۇ ھەركەتنى خىتاي ۋە شا ھە ئا (شاڭخەي ھەمكالىق ئالتىلىك) ئەزالىرى، خەلىق ئارادا ”بۆلگۈنچىلىك، ۋەھشى تېررورلىق، ئەسەبى ئىسلامچىلىق“ دەپ ئەيىپېلەپ، كەڭ تەشۋىق قىلماقدا. يېقىندا، (4- ئاينىڭ بىرىدە) خىتاينىڭ كۇنمىن شەھېرىنىڭ نۆمۈر يول ستانىدا (پويىزستانىدا – پويىز ستانسىيەسىدە) يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەنى خىتاي ”ئۇيغۇر بۆلگۈنچى“- لىرىگە ئارتتى.
ب د ت – نىڭ خەۋىپسىزلىك ھەيئەت ئەزالىرى – ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىك ھەركېتىنى يوقۇتۇش ئۈچۈن خىتاينىڭ ھەر قانداق ئىغۋاغا تەييار ئىكەنلىكىنى ۋە كۇنمىن ۋەقەسىمۇ شۇ جۈملىدىن ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەي، ھەتتا ئويلاپمۇ قويماي، – ئۇيغۇرلارنى ئەيىپلىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رۇسىيە پرېزىدېنتى 4- ئاينىڭ 2- كۈنى شىزىپىنغا تەزىيە بىلدۈرىپ، ”تېررورچىلارغا“ قارشى كۈرەشنى خىتاي بىلەن بىرلىكدە كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. دىمەك، خىتاي يەنە بىر كوزىرغا ئىرىشتى. ئۇنىڭ قەشقەرنى بۇزۇشنى تىزلېتىشى ۋە ئۆزىنىڭ جىسمانى ۋە روھى تېررورلىقنى كۈچەيتىشى ئايدىڭ.
بۇ ئەھۋالدا ئۇيغۇرلار نىمە قىلىش كىرەك؟- دىگەن سۇئالنىڭ تۇغۇلىشى چوقۇم.
مىنىڭچە، ئۇيغۇرلار ھۇدۇقماي، ئۆزىگە ۋە ئۆزىنىڭ كۈرېشىنىڭ ھەققانىلىقىغا ئىشېنىپ، كۈرەشنى داۋاملاشتۇرىشى كىرەك. خىتاي باسقۇنچىلىرىنىڭ سىياسى ئەپتى بەشىرىسىنى دۇنيا ئەھلىگە ئىسپاتلىق ۋە كەڭ ئېچىشى لازىم.
خىتايلارنى پىچاق بىلەن ئۆلتۈرۈپ تۈگەتكىنى بولمايدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئاددى پۇخرالىرىنىڭ گۇنايى يوقلىقىنى چۈشۈنىش كىرەك. ۋەتەننىڭ ئىچىدە – 1949- يىلدىن ئەۋۋەل ئۇيغۇرستاندا يەرلەشكەن خىتايلارنى (خەنلەرنى) ، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى ۋە خىتاي دېموكراتلىرىنى، خىتاينىڭ جىمتارلىق (توتىلىتارلىق) تۈزۈمىگە قارشى بىرلىكتە كۈرەشكە دەۋەت قىلىش لازىم. چەت ئەللەردە، مۈمكىنچىلىك بار دۆلەتلەردە قەشقەرنى بۇزۇشقا قارشى كەڭ كۈلەملىك نامايشلارنى ئۆيۇشتۇرۇش كىرەك. بېجىن ۋ ە باشقا چەت ئەل مۇخپىرلىرى بار خىتاينىڭ چوڭ شەھەرلىرىدە، ئۇ مۇخپىرلارنىڭ نازارېتى ئاستىدا، نامايشلارنى ئۆتكۈزۈش كىرەك.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىك ھەركېتى پەقەتلا مىللى ئازاتلىق ھەركېتىلا ئەمەس، شۇنلاقلا خىتاينىڭ دۇنيانىڭ غوجىسى بولىشىغا يول قويماسلىق ھەركېتى ئىكەنلىكىنى ۋە خىتاي دۆلەت تۈزۈمىنىڭ ئەزەلدىن ۋەھشىلىكىنى ۋە دۇنياغا چوڭ خەۋىپ ئىكەنلىكىننى دۇنيا ئەھلىگە ئىسپاتلىق چۈشەندۈرىش ئىشلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش كىرەك.
قەشقەرنىڭ ئەۋۋەلقى ۋە ھازىرقى سۇرەتلىرىنى دۇنياغا كەڭ تارقىتىش كىرەك. تارىخى سۈرەتلەر چەت ئەل ئارخپلىرىدا ۋە ئىنتېرنەتدە نۇرغۇن.
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: خىتاي قەشقەرنى بۇزۇۋاتىدۇ!