نورۇز بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!
ئەسسالام ئەلەيكۇم جاھان ئۇيغۇر ئەھلى:
قۇتلۇق يېڭى يىل – نورۇز بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!
قاتار قاتار تۇرنىلار نېمە دەيدۇ؟
”كاككۇك، كاككۇك، كاككۇك…“ نېمە دەيدۇ؟
نورۇز كەلدى ئوتۈگىڭنى سال دەيدۇ،
نورۇز كەلدى ئەتلىسىڭنى كەي دەيدۇ!
ئاق تاش، كۆك تاش، نورۇز كەلدى جان ئاداش،
تال چىۋىقنى ئات ئېتىپ، قېچىپ كەلگىن تىز ئاداش!
ئاق تاش، كۆك تاش، كارىم يوق ئاداش،
ئېرىقلاردا شىلدىرلاپ، سۇلار ئاقتى كۆر ئاداش!
ئاق تاش، كۆك تاش، قوزام بولدى بەش ئاداش،
قۇرتلارمۇ ئويغۇنۇپ، ئۆمىلەپتۇ ھەي ئاداش!
ئاق تاش، كۆك تاش، نورۇز قوشاق ئېيت ئاداش،
نورۇز ئېشى پىشىپتۇ، بىزنىڭ ئۆيگە كەل ئاداش!
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: نورۇز بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!