سۆيگۇ ۋە ئىنسانلىق
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن
«سىز ئىنسانلىققا بولغان ئېتىقادىڭىزنى يوقاتماڭ. ئىنسانلىق ئۇ بىر دىڭىزغا ئوخشايدۇ. گەرچە ئوكيانغا بىر قانچە تامچە مەينەت سۇ چۈشسىمۇ ئەمما پۈتۈن ئوكيان سۈيىنى مەينەت قىلالمايدۇ»
– ماھاتما گەندى (ھىندىستاننىڭ تېنىچلىقپەرۋەر مۇستەقىللىق داھىسى)
بىز ھەممىمىز بۇ دۇنياغا سۆيگۈ بىلەن كەلدۇق، سۆيگۈ بىلەن ياشايمىز ۋە ئاخىردا بىز بۇ دۇنيادىن بىزنى سۆيگەنلەرنىڭ سۆيگۈ ياشلىرى بىلەن ۋىدالىشىمىز.
بىز ئادەملەر ئادىمىيلىكنىڭ گۈل تاجى سۆيگۈدۇر. ئادەملەر باشقىلارغا سۆيگۈ ئاتا قىلىش بەدىلىگە ئۆزى سويۇلىدۇ ۋە ئىززەتلىنىدۇ. سۆيگۈ ئادەملەرگە ئوز – ئارا مەدەت، ھۆرمەت، كۈچ قۇۋۋەت ۋە ئىلھام بەخش ئېتىدىغان، ئادەم ھاياتى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان روھىي ساپلىقنىڭ كاپالىتىدۇر. ئەلۋەتتە ئىنسانلىق سۆيگۈ ئۇقۇمى ۋە قوللىنىلىشى نوقۇل ھالدا خاس بىر شەخسكىلا قارىتىلماستىن بەلكى بىز چوڭ بولغان بىر ئويدىن، بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە بولغان كۈنىمىزدىن تارتىپ ئاتا- ئانىمىز بىزگە ھەدىيە قىلغان سۆيگۈدىن باشلىنىپ بىز تەۋە بولغان قەۋم، بىر پۈتۈن جەمئىيەت، بىر پۈتۈن مىللەت ۋە پۈتۈن بىر ۋەتەن، ھەتتا دۇنيانىمۇ ئوز ئىچىگە ئالغان دائىرىدە بولىدۇ.
سۆيگۈ ئىنسان تەبىئىتىدىكى ئەڭ ئېسىل خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ بىرىدۇر. سۆيگۈ كىشىلەرنى ئادىمىيلىككە، ئۆز – ئارا ئىنسانلىقنىڭ بارلىق ياخشى ئەمەللىرىنى قىلىشقا ئۈندەيدىغان ئادەم ئاڭ سېزىمىدىكى تەڭداشسىز بىر ھاياتىي كۈچ. ئادەملەر بىر – بىرلىرىگە سۆيگۈ ئاتا قىلىش ئارقىلىق ئوز – ئارا روھىي ئوزۇق ئالىدۇ، ھاياتىدىكى مەنىۋى ئاجىزلىق ئۇستىدىن غالىب كېلەلەيدۇ ۋە روھتىكى مەنىۋىيەت كەمبىغەللىكنى تولدۇرىدۇ. سۆيگۈ يەنە كەڭ ئۇقۇمدا مېھرى- مۇھەببەت ئاتالغۇسى بىلەن ئادىمىيلىكنىڭ تۈپ خاسلىقى ۋە خاراكتېرىگە سىمۋوللۇق قىلىدىغان بىلىش ئاڭ قۇرۇلمىسىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىقتىدار بولۇش بىلەن بىرگە بۇ ئىقتىدارنىڭ ئادەملەر تۇغۇلغاندا تەبىئىي گېن ئىرسىيەت ئارقىلىق ئوز ئەجدادلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشى بىلەن داۋام ئەتكەن بولىدۇ. مانا بىز ياشاۋاتقان تۈرلۈك جان- جانىۋارلارغا تولغان بۇ يەرشارىمىزدا سۆيگۈ ۋە مېھرى – مۇھەببەتنى ئوز ئىچىگە ئالغان بىلىش، سېزىش، تۇيۇش، پىكىر قىلىش، سۆزلەش ۋە ھايات پائالىيىتىدە ياراتقان كۈلتۇرلىرىنى كېيىنكى ئەۋلادلىرىغىچە مىراس قالدۇرۇش قاتارلىق ئىنسان گېنى ئىقتىدارلىرى پەقەت ۋە پەقەت ئادەملەرگىلا خاس بولغانلىقى ئۈچۈن بىز ئۆزىمىزنى يارىتىلغاندىن بۇيان ئادەم سېزىمىمىز ئادەم دەپ ئاتىغان، باشقا جانلىقلاردىن پەرقلىنىپ ياشايدىغان ھايات ئادەت ۋە قانۇنىيەتلىرىنى بەرپا قىلغان ھەم ئىنسان ھاياتىنى تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىۋاتقان بىر تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىغا جانلىقدۇرمىز.
تۇغۇلۇش ۋە ماماتلىق ئىنسان ھاياتىنىڭ باشلىنىش بىلەن ئاخىرلىشىشتىن ئىبارەت ئىككى نۇقتىدا ئوز مەنىسىنى تاپقىنىغا ئوخشاش مېھىر-مۇھەببەتمۇ سۆيگۈ ۋە نەپرەتنى ئوز ئىچىگە ئالغان ھالدا نۆۋەت بىلەن ئورۇن ئالماشتۇرۇپ تۇرىدۇ. ئىنسان قەلبىدىكى سۆيگۈ ھەر ۋاقىت غەزەپ، نەپرەت بىلەن كۈرەش قىلىپ تۇرىدۇ. غەزەپ كۈچلەنگەندە سۆيگىنى ئولتۇرىدۇ، سۆيگۈ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەندە غەزەپنى يوق قىلىدۇ. ئادەم ئىچكى دۇنياسىدىكى مۇنداق توختاۋسىز تۈردە ھېسسىي تۇيغۇنىڭ دائىم ئالمىشىپ تۇرۇشى ئادەملەرنىڭ ئەقلى بىلىشىنى، ئوز ئەتراپىدىكى ئادەملەرگە، شەيئى ۋە ياشاش مۇھىتىدىكى ھادىسىلەرگە قارتا قانداق مۇئامىلە قىلىش ئىقتىدارلىرىنى ئۈزلۈكسىز تولۇقلايدۇ ۋە تاكامۇللاشتۇرىدۇ.
ھەر قانداق بىر جەمئىيەتتىكى ياشاش مۇھىتى شۇ جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان ئادەملەرنىڭ روھىيىتى ۋە پسىخىكىسىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئادەملەرنىڭ ياشىغان مۇھىتتىن ئىگىلىگەن ھايات كەچۈرمىشلىرى ئاساسىدىكى بىلىشى، تەپەككۇرى مۇئەييەن ھالدا يەنە ئوز جەمئىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تەسىر قىلىدۇ. ماددىي ئېھتىياج ئادەم ھاياتىنىڭ تۈپ ھاياتلىق كاپالىتى بولسا ساپ روھىيەت، گۈزەل ئىنسانىي ئەخلاقنى ئوز ئىچىگە ئالغان مەنىۋى بايلىق، ۋە ھاياتقا تولۇپ-تاشقان قىزغىن سۆيگۈ ئادەم ھاياتىنىڭ ساپا ۋە سۈپەت تارازىسىدۇر. ئەگەر ئادەملەردە ياكى بىر جەمئىيەتتە مۇنداق ئىنسانلىق ساپا تارازىسى خۇنۈكلىشىدىكەن، ئۇنداق ئادەملەر توپىدىن ۋە جەمئىيەتتىن سۆيگۈ يوقىلىدۇ. ئىنسانلىق مېھرى – مۇھەببەت ۋە سۆيگۈدىن مۇستەسنا جەمئىيەت خۇددى بىر ياۋايى ھايۋان- ئاتلار باغچىسىغا ئوخشىغان بولىدۇ. سۆيگۈ يوقالغان جەمئىيەتنى ئاڭلىقلىقتىن مۇستەسنا ھالدا جەمئىيەت تەۋە بولغان ھاكىملىقنىڭ ئىجراچى زورلۇق كۈچلىرى تىزگىننى تۇتقان بۆلىدى. قىسقىسى سۆيگۈ يوقالغان جەمئىيەت بىر بىمار ئادەمگە ئوخشايدۇ. ئەگەر بىر ئادەمنىڭ يۈرەك كېسىلى بار بولسا، ئۇ ئادەم ئوز كېسىلىنى ئۈزۈل-كېسىل داۋالىتىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولغان قالسا، ئەڭ ئاخىرىدا شۇ كېسەللىك سەۋەبلىك ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغانغا ئوخشاش بىر جەمئىيەتمۇ ئۆزىدىكى ئوچۇق ۋە يوشۇرۇن كېسەللىكلىرىنى ئوز ۋاقتىدا تونۇپ، توغرا دىئاگنوز قويۇپ، يىلتىزىدىن داۋالاش ئېلىپ بارمايدىكەن، ئۇ جەمئىيەت روناق تاپالمايدۇ ۋە ئاخىر زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ. دېمەك بىر جەمئىيەت ئادەملىرى ئارىسىدىكى ئىنسانلىق سۆيگۈسى شۇ قەدەر مۇھىمكى ئۇ تىل ۋە دىللىرى ئوخشاش بولمىغان ئادەملەرگە سۆيگۈ، ئىنسانلىق قەدرى-قىممەت، باراۋەرلىكتىن ئىبارەت شىپالىق مەلھەملەر ئارقىلىق ئۆز-ئارا چۈشىنىش، ھۆرمەت ۋە ئىشەنچى يۈكسەلدۈرىدۇ، ئادەملەر ئارا ئىنسانلىقنىڭ ئىنسانلىقنىڭ چى ھەقىقىتىنى تونۇتىدۇ. ئىنسانلىق مېھرى – مۇھەببەتكە تولغان جەمئىيەت خۇددى خۇش – پۇراقلىق گۈل-گىياھلارغا تولغان، غەزەلچى قۇشلار سايراشقان بىر باغچىغا ئوخشايدۇ.
ئىنسانلىق سۆيگۈسىنىڭ كۈچى ۋە شىپالىق رولى ئوز ئارا پەرقلىق بولغان مەدەنىيەت، ئېتىقاد ۋە قىممەت قاراشلىرىغا ئىگە ئادەملەر توپلاملىرى بىرگە توپلىشىپ ياشىغان جەمئىيەتتە تېخىمۇ گەۋدىلىك بولىدۇ. كوپ مىللەتلەر ۋە مەدەنىيەتلەر ئارىلاشمىسىدىكى مۇھىتتا ئادەملەرنىڭ ئۆزلىرىدىكى خاسلىققا ئىگە پەرقلەر تۈپەيلىدىن كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ياكى ئۇنداق ياكى ئۇقۇشماسلىق ياكى كۆڭۈل ئاغرىقلىرىدىن خالى بولالمايدۇ. ئەمما ئەگەر شۇ جەمئىيەت كىشىلىرى ئارىسىدا ئوز – ئارا ئىشەنچ ئاساسىدا يېتىلگەن ئىنسانلىق سۆيگۈسىلا بولىدىكەن ھەرقانداق شەكىلدىكى ئورۇنسىز كۆڭۈلسىزلىك ۋە دىل ئازارلىغىنىڭ، ھەتتا قورقۇنچلۇق ئىنسانلىققا يات بەدەللەرنى تۆلەشلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا قادىر بولالايدۇ چۈنكى ئۇلار ئارىسىدا ئىنسانلىق سۆيگۈ، ئادىمىيلىك ئەخلاق بار بولغان بولىدۇ. شۇڭا ۋاقتى سائىتى كەلگەندە يۈز بېرىپ تۇرىدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا شۇ جەمئىيەتتىكى ئادىل قانۇن يېتەكچى بولسا ئادىمىيلىك، ئىنسانلىق سۆيگۈ تەشەببۇسكار بولغان بولىدۇ ۋە ئاخىر مەسئۇلىيىتىنى ئىنسانلىقنىڭ ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان ئومۇمىي مەنتىقىسى دائىرىسىدە ھەل قىلىشقا قادىر بولالايدۇ.
ئادىمىيلىكنىڭ ئەڭ ئېسىل سۈپىتى ۋە گۈل تاجى بولغان ئىنسانلىق سۆيگۈسىنىڭ ھەم ئىككى قارمۇ قارشى تەرىپى بولغان بولىدۇ. ئەگەر بىر جەمئىيەت توپىدا ياشايدىغان ئادەملەر ئارىسىدا سۆيگۈ يوقالسا بۇنىڭ زىيىنىنى باشقا ئىنسانلار ئەمەس ئەينەن شۇ جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان ئادەملەر تۇنجى تارتىدۇ ۋە بۇ سۆيگۈسىز جەمئىيەت ئۈچۈن سانسىزلىغان روھى ۋە ماددىي قۇربانلىقلارنى تۆلىگەن بولىدۇ.
ئۇنداقتا بىز تەرىپلەۋاتقان ئادەم ئەخلاقىنىڭ گۈل تاجى ئىنسانلىق سۆيگۈسى قايەردە؟ ئۇ ئىككى يەردە. بىرىنچى – ئۇ ھەر بىر ئادەمنىڭ يۈرىكىدە، ئىككىنچى – ئۇ كىتابتا! چۈنكى ئادەم بالىسى تۇنجى ئاپىرىدە بولغاندا ئەڭ ئاۋۋال ئۇنىڭ يۈرىكى سوقۇپ جان كىرىدۇ. كىتاب – يەنى ئوقۇش (مائارىپ) بۇ ئادەم بالىسىغا ھەممە بىلىملەرنى ئۆگىتىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىگە پۈتكۈل ئادەملەرنىڭ دۇنيا ۋە كائىناتنى بىلىش تارىخى ۋە كەلگۈسىدە قانداق ياشاش كېرەكلىكىدەك ھايات قانۇنىيەتلىرى مۇجەسسەملەنگەندۇر.
بىز ئىنسانلىق سۆيگۈسىگە قانداق ئېرىشەلەيمىز؟ – باشقىلارغا مېھرى- مۇھەببەت، شەپقەت يەتكۈزۈش ئارقىلىق. ئەگەر سىز ھاياتىڭىزدا باشقىلارغا مېھرى- مۇھەببەت، سۆيگۈ ئاتا قىلغان بولسىڭىز، سىز ئاتا قىلغان شۇ سۆيگۈ ھامان بىر كۈنى ئۆزىڭىزگە قايتىپ كېلىدۇ. سىز بۇ دۇنيادىن ۋىدالاشقاندىن كېيىنمۇ نۇرغۇن ئادەملەر ھاياتىڭىزدا قىلغان ياخشى ئىشلىرىڭىز ئۈچۈن سىزنى دائىم ئەسلەپ تۇرىدۇ.
سۆيگۈ مۇقەددەستۇر چۈنكى سۆيگۈ ھايات-ماماتلىقتىن تۇغۇلغان. ئۇ ئىنسان قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا يوشۇرۇلغان، ۋاقتى سائىتى كەلگەندە باھارنىڭ سۈزۈك ۋە ساپ تاغ سۇلىرىدەك جىلغىلاردىن شىلدىرلاپ ئېقىپ، ئەڭ ئاخىرقى مەنزىلى دەريا ۋە كۆللەرگە قويۇلۇپ، تەبىئەتنىڭ ھاياتىغا ئۈزۈلمەس ھاياتى كۈچ قوشۇپ تۇرغىنىغا ئوخشاش، غەزەپلەنگەندە خۇددى يانار تاغ ۋولقانلىرى كەبى پارتلاپ چىقىپ، ھاياتلىقتىكى غەزەپ-نەپرەتلىرىنى ھەر تەرەپكە چاچرىتىپ، ئىنسانلىقتىكى رەزىللىكلەرنى ئوز ئوتلىرىدا كۈل قىلىپ كۆيدۈرۈپ تاشلىيالايدۇ. بىز ئىنسانلاردا ئەنە شۇنداق ئۆز تەسەۋۋۇرىمىزدىن ھالقىغان مىسلىسىز جىسمانىي، روھىي كۈچ قۇۋۋەت بولغانلىقى ئۈچۈن بىز بۇ پلانېىتتىكى بارلىق جانلىقلارنى يېڭىپ، ئۆزىمىزنى بۇ زېمىننىڭ خوجايىنى قىلغانمىز.
سۆيگۈ ھاياتلىقنىڭ كاپالەتچىسى ۋە داۋامچىسىدۇر. “سۆيگۈ” بۇ ھەممە ئىنسان تىللىرىدا تەرجىمانسىز ئەڭ ئاسان چۈشىنىلىدىغان سۆزدۇر. دۇنيادىكى ئوخشىمىغان ئېرىق، مىللەت ۋە خەلقلەر ئارىسىدا ئىشەنچ ۋە ئىنسانلىق سۆيگۈگە ئېرىشىنىڭ ئەڭ توغرا يولى ئۆز -ئارا ساقلىنىدىغان پەرقلەرگە ئاڭلىقلىق بىلەن ھۆرمەت قىلىش ئارقىلىق چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتۇر.
بىز ھەممىمىز بۇ دۇنياغا سۆيگۈ بىلەن كەلدۇق، سۆيگۈ بىلەن ياشايمىز ۋە ئاخىردا بىز بۇ دۇنيادىن بىزنى سۆيگەنلەرنىڭ سۆيگۈ ياشلىرى بىلەن ۋىدالىشىمىز. ئادەم ھاياتى قىسقا بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ بىز ئىنسانلاردا سۆيگۈ شۇ قەدەر كۈچلۈكتۇر. سىز ئوز ئۆيىڭىزدە ياكى سىز ياشاۋاتقان جەمئىيەتتە سۆيۈش ۋە سۆيۇلۇشسىز ھاياتنى تەسەۋۋۇر قىلالامسىز؟ ياق، مۇمكىن ئەمەس چۈنكى بۇ دۇنياغا ئادەم ئاپىرىدە بولغاندىن بۇيان ھېچ ئادەم تاكى بۈگۈنگىچە ئىنسانلىق سۆيگۈدىن مەھرۇم ياشاپ باققان ئەمەس.
قېنى دوستۇم، سىزمۇ كېلىڭ، قولنى قولغا، قەلبنى قەلىبلەرگە تۇتاشتۇرايلى، كۆڭلى سۇنۇقلارغا كۆڭۈل، پۇتى سۇنۇقلارغا پۇت قول بولايلى. ئۇيغۇرمۇ ئىنسانلىق سۆيگۈسى بىلەن كۆكلىيەلەيدۇ، ياشنىيالايدۇ ۋە كۈچلىنەلەيدۇ! بۇ ھايات قىسقا، پەقەت بىزدىن كېيىنكى ئەۋلادلارغا قالىدىغىنى بىزدىن سۆيگۈدۇر چۈنكى بۇ سۆيگۇلەرنىمۇ سىزگە ئاتا-بوۋىلىرىڭىز ئامانەتكە قالدۇرغان.
14 – مارت، 2014، لوندون
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
بۇ يازما باغداش توربېكىتىددىن كۆچۇرۇلدى:
http://bbs.bagdax.cn/thread-23736-1-1.html
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: سۆيگۇ ۋە ئىنسانلىق