مەن نەدە؟
تارىم سەرگارى
نەدە مەن بۈگۈن، قايمۇقتى بېشىم؟
ئەتراپتا كالدىر چۈشىنەلمىدىم.
قېنى ئۇ ھۆيلام باراڭلىق ئۆيىم؟
مەن ئويناپ ئۆسكەن بوستان باغلىرىم.
ئەتراپدا ئىگىز قەۋەتلىك ئۆيلەر،
سارايلا، ماللا، يالتىراق سودا.
يوق ئىدى ئەۋۋەل ژىڭنە كۆز جانلار.
ئەمدى غىچ ئۇلا، يوق بادام دوپپا.
قېنى ئۇ ھەيتكا روھى باھارىم؟
بۇلۇتلا ئارا ھەيكەلنى كۆردبم.
قېنى ئۇ ئوردا ئۇلۇق قاغانىم؟
مامۇت كەپتەرنى پەشتاقدا كۆردىم.
نەدە مەن بۈگۈن ، مەن نەگە كەلدىم؟
كىمنىڭ جايى بۇ، ئۇيغۇر كۆرمىدىم.
يېنىمدا بىرسى بۇ، « خاشى» دىدى،
ئۇ، نىم دىگەن گەپ چۈشىنەلمىدىم.
سورۇدۇم ئۇنىڭدىن، قەشقەر نەدە؟ دەپ،
ئۇ جۇۋاپ قىلدى «مانا شۇ ئۆزى».
سورۇدۇم يانا ئۇيغۇر قېنى دەپ،
«مانا مەن ئۆزەم شىنجاڭ رىن» دىدى.
ماڭا قاراپ ئۇ ، «كىم» دەپ سورىدى،
مەن جاۋاپ قىلدىم ئۇيغۇرنىڭ ئۆزى.
«ئۇيغۇر دىگەن گەپ بۆلگىننىڭ سۆزى»
جاۋاپ قىلدى ئۇ، جۇڭگۇلىق كىشى.
ئايلاندى بېشىم، كۆزىمدە تۇمان،
قەشقەر يوقارمۇ؟ ئويۇمدا گۇمان.
بەرگەنگە كۈلۈپ بۇگۇن تىزلانغان،
ئۇيغۇر قوپارمۇ قەشقەرگە قالقان؟
ئېيتىڭلا سىلەر ئەتراپتا كىملەر؟
ئيتىڭلا نوۋرۇز كىمنىڭ بايرىمى؟
بولامدۇ ئۇيغۇر بولمىسا قەشقەر؟
ئۇيغۇرنىڭ روھى، ئۇيغۇر بايرىقى.
3. 11، 2011. قەشقەر
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: مەن نەدە؟
ئانام كەل دىدى
تويدى بۇ قوساق تولمىدى ھايات،
ماكانىم مىنىڭ بولدى ماڭا يات.
باللىرىم قاچاق، يوللىرىم توساق.
”خەن ئاكام“ ماڭا ئاچتى «كەڭ قۇچاق».
سىقىلدى كۆكسىم، تۈتۇلدى نەپسىم،
ئاجىز بۇ تېنىم گوياكى ياپراق.
يەتمىدى ھاۋا سىقىلدى دىمىم،
شەپقەتسىز ھايات ماكانىم دوزاق.
كۆكسىم تولغىچە تىنماق ئىستىدىم،
ۋەتەندىن يىراق سەرسانە يۈردۇم،
گايى يىغلىدىم، گايى مەن كۈلدىم،
ئامما خوشاللىق، ئارام سەزمىدىم.
يات كەڭرى دۇنيا، ئەركلەر ھاياتى،
ھاۋادا لەيلەپ ئۇچتۇم بىر مەھەل،
ئامماكى جەننەت ياتنىڭ ھاياتى،
ئەسلەتتى ماڭا زاغرا نان ھەسەل.
ئەتراپتا كۈلكە، خوشال نەغمىلەر،
كۆڭلىمدە غىچ غەش، لىۋىمدە كۈلكە،
يىراق ۋەتەندە لوگەي تۈرمىلەر،
ئىڭرىغان جانلار، قۆيۇلغان قانلار.
بارمىدۇ دوزاق ئارتۇق بۇنىڭدىن،
ئەيتقىنا تەڭرىم نە گۇنا قىلدىم؟
ھۆرلىك ئۈمىدىم ، ئىستەكلىرىمدىن،
قالمىدى پۇراق سەرسان يىغلىدىم.
يىللارغا مىندى باھار، ياز، كۈزۈم،
خوشمۇ دىمىدى، تەمتىلەپ ئۇزدى.
زىمىستاندا مەن ئاھ ۋەتەن دىدىم،
ئانام باقىدا، كەل بالام دىدى.
2014 . 8. 19