مەرھۇم پەرىدە قاسىم ناخشىللىرى
ۋەتەن مۇھەببىتى
ئىزلىدىم
تەشنالىق
سۆيەمسەن دۇنيا
سەن بولمىساڭ
كۆكلەم
ئىچىڭ ئاغرىسۇن
چىدىمايمەن
جانانىم
ياخشى قال
قىسمەت
مىڭئۆي
كېلىپ كېتەرمىز
بىر قىزغا مىڭ كۆز
ئانا تۇمار، ئاتا زۇلپىقار
داڭلىق كىنو ۋە ناخشا چولپىنى پەرىدە قاسىم 1963 – يىلى 10 – ئاينىڭ 25 – كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان . 1981- يىلدىن 1985 – يىلغىچە بېيجىڭ كىنو ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان . ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن تەڭرىتاغ كىنو ئىستودىيسىنىڭ كەسپى ئارتىسى بولۇپ ئىشلىگەن . پەرىدە قاسىم ئىلگىرى كېيىن بولۇپ « يۇرتۇمنىڭ كۈيى » ، « دوزاققا سەپەر » ، « ئەللىك سەككىز يېرىم » ، « خاربىندىكى سۇيقەسىت » ، « شىئەندىكى قىرغىنچىلىق » ، « قىزچاق، ئىت ۋە قاچقۇن » ، « ئانىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى » ، « تىنچسىز قۇمباغ » ، « تۇرپانغا مۇھەببەت » ، « چەكسىز مۇھەببەت » ، « مۇھەببەتنىڭ پايانى يوق » ، « مۇھەببەت مەستانىلىرى » ، « سىرلىق لوپنۇر كۆلى » ، « قانلىق دېلونىڭ پاكىتى » ، « نۇرلۇق قەلبلەر » ، « ئۇلار يىراقتىن كەلگەن » ، « پاراشۇت چېچەكلىرى » ، « نۇرلۇق ئابىدىلەر » قاتارلىق نۇرغۇنلىغان كىنو فىلىملىرى ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا باش رول ئالغان . ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ناخشا ئېيتىش جەھەتتىكى تالانتىنى نامايان قىلىپ « تەشنالىق » ، « سۆيىمەن سىنى دۇنيا » ، « ئارزۇ » قاتارلىق لېنتىلىرىنى نەشر قىلغان . ئۆزىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىگە باي ئېكران ئوبرازى ، لىرىكىلىق ناخشىلىرى بىلەن سانسىزلىغان قەلبلەرنى لەرزىگە سالغان بۇ تالانت ئىگىسى 2000- يىلى 1 – ئاينىڭ 8 – كۈنى قازاقىستاندا قاتناش ھادىسىدە قازا قىلدى.
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: مەرھۇم پەرىدە قاسىم ناخشىللىرى