«بۇ ھايات ئالدامچىكەن، ئۆتۈپ كەتكەننى سەزمىدىم»
پاتىگۈل مەخسەتوۋا
خاتىرىڭىز- مەڭگۈ، قەدرىڭىز – ئەبەد، ھەقىقەتەنمۇ، ماخمۇت ئاكا ئابدراخمانوۋ ئۆزى يازغىنىدەك، ئالدامچى ھايات تۇيدۇرماي ئۆتمەكتە. مانا، ھەش-پەش دېگىچە، ئۇستازىمنىڭ مەڭگۈگە كۆز ژۇمۇپ، ئۆزى ئارمان قىلغان غۇلجا يولىنىڭ بويىدا، ھاياتتىمۇ، ئىجاتتىمۇ ئۇستازى بولغان ھېزمەت ئابدۇللىننىڭ يېنىدا ياتقىنىغا بىر ژىل تولۇپتۇ. شۇ ئارقىلىق ئۇ پانىدىمۇ باقىلىق بولغان ئۇستازىغا سادىقلىغىنى، ئۆزى ئۈچۈن ھېزمەت ئاكىنىڭ ئۇلۇقلۇغىنى دەلىللىدى.
ئۇستاز ئۇلۇق ۋە بۈيۈك! ئۇنىڭ ئۇلۇقلۇغى ئىسپات تەلەپ قىلمايدىغان ئاكسىئومىلارنىڭ بىرى! چۈنكى، ئۇستاز ئۈچۈن شاگىرت ھېچكىم — پەرزەندىمۇ، يېقىن قېرىندىشىمۇ ئەمەس، لېكىن ئۇ بىرەۋنىڭ پەرزەندىنىڭ ئادەم بولۇپ يېتىلىشى، ئۇتۇق چوققىلىرىدىن كۆرۈنۈشى ئۈچۈن ئايلارنى، ژىللارنى سەرىپ قىلىپ، جانپىدالىق بىلەن خىزمەت قىلىدۇ. شاگىرتى بىرەر ئۇتۇققا يەتسە، ئۆزىنى بەخىتلىك ھېساپلايدۇ. مانا شۇنداق ئىنسانىي پەزىلىتى يۈكسەك ئۇستازلار ئۇلۇق! جاھان ئەھلىنى قايىل قىلغان ئىسكەندەر زۇلقەرنەيندىن: «نېچۈن ئۇستازىڭىز ئارىستوتېلنى ئاتىڭىزدىن ئارتۇق ھۆرمەت قىلىسىز؟» دەپ سورىغىنىدا، ئۇ: «ئاتام گوياكى مېنى ئاسماندىن يەرگە چۈشەردى، يەنى دۇنىياغا كېلىشىمگە سەۋەپ بولدى. ئۇستازىم مېنى يەردىن ئاسمانغا كۆتەردى، يەنى بىلىم بېرىپ، تەربىيىلەپ، ئىززەت-ھۆرمىتىمنىڭ ئېشىشىغا سەۋەپ بولدى»، دەپ جاۋاپ بەرگەن ئېكەن…
ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ ئۇزۇنتام يېزىسىدىن ئالمۇتىغا ئوقۇش ئىزدەپ كەلگەن مېنىڭ بۈگۈن ئالىمە، شائىرە، ئۇستاز بولۇپ يېتىلىشىمدە زامانىۋىي ئۇيغۇر تارىخىنىڭ ژىلنامىسىدىن سالماقلىق ئورۇن ئېگىلىگەن ماخمۇت ئاكا ئابدراخمانوۋتەك قەدىرلىك ئۇستازىمنىڭ ئۈلۈشى بار، ئەلۋەتتە. ئاباي نامىدىكى قازاق پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىنى تۈگىتىپ، ئالىم، يازغۇچى، ژۇرنالىست، مۇھەررىر، ئۇستاز ئاتالغان يۈزلىگەن مىننەتدار شاگىرتلىرى شۇنداق ئويدا بولسا كېرەك. شۇ تۈپەيلى بۈگۈن ئۇستازىمنىڭ روھىغا تازىم قىلىپ، قولۇمغا قەلەم ئالدىم. بۇ قىسقا يادنامەمدە ماخمۇت ئاكىنىڭ ئىلىمدا، ئەدەبىياتتا يەتكەن ئۇتۇقلىرى توغرىلىق ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئىنسانىي پەزىلەتلىرى ھەققىدە ئەسلەپ ئۆتۈشنى توغرا كۆردۈم.
بىزنىڭ تونۇشلۇغىمىز 1983-ژىلى ماخمۇت ئابدراخمانوۋ ئۇيغۇر بۆلۈمىگە كافېدرا باشلىغى بولۇپ كېلىپ، ئەدەبىياتتىن دەرىس بەرگەن چاغلاردىن باشلاندى. ماخمۇت ئاكا ئۆتكەن شۇ دەرىسلەر قەلبىمدە ئىلىم يولىغا بولغان قىزىقىش ئويغاتقانلىغى ھەق. ئارىدىن ئونلىغان ژىللار ئۆتسىمۇ، ستۇدېنتلىق شۇ گۆزەل دەۋىر ھېلى يادىمدا. يېڭى ئوقۇش ژىلىنىڭ بېشىدىلا مەخسۇس كۇرسلارنى ئىككى توپقا بۆلۈنۈپ، بىر توپ ئۇيغۇر تىلى، بىر توپ ئەدەبىيات بويىچە ئۆتىدىغان بولدۇق. بۇ چاغدا ماخمۇت ئاكا تېخى يېڭىدىن بىزگە ئۇستاز بولۇپ كەلگەن. ئۈچىنچى كۇرستا ئوقۇۋاتساقمۇ، ماخمۇت ئابدراخمانوۋنى ھەم ھۆرمەتلىگىنىمىزدىن، ھەم ياخشى تونۇمىغانلىغىمىزدىن ئۇنىڭغا گەپ قىلىشتىن ئەيمىنەتتۇق. شۇندىمۇ ئەدەبىياتقا قىزىقىشىم ئۈستۈن بولغاچقا، دەسلەپكىلەردىن بولۇپ «بەدىئىي ئەسەرنى تەھلىل قىلىش» مەخسۇس كۇرسىغا يېزىلدىم.
دەرىس باشلىنىپ، ماخمۇت ئاكا مەزكۈر كۇرسنىڭ مەخسىتىنى چۈشەندۈرۈپ بولۇشىغىلا، مەن ئۇنىڭغا «ت.توختەموۋنىڭ «ئاق يېغىن» رومانىدا زىياپەتنىڭ ئۆز بەختى ئۈچۈن كۈرەشمەي ئۆلگىنى دۇرۇسمۇ؟» دېگەن سوئالنى قويدۇم. ماخمۇت ئاكا كۈلۈپ: «مانا، كېيىنكى دەرىستە موشۇ ئەسەر بويىچە دوكلادنى سىز ئوقۇيسىز»، دېدى. مەن بىر ھەپتە داۋامىدا تەييارلاندىم، ئەسەرنى ئۆزەمنىڭ كۆز قارىشىم بويىچە تەھلىل قىلدىم. كېيىنكى دەرىستە دوكلادىمنى ئوقۇپ بولۇشۇمغا ماخمۇت ئاكا: «Первый блин комом» دېگەن ماقال بار. مەن دەرىسكە كىرگىچە شۇنداق بولامدېكىن دەپ ئويلىۋېدىم. ياق، ئۇنداق بولماپتۇ»، دەپ مېنى ماختىدى. ئۇستازىمنىڭ شۇ ماختىغىنىدىن ئىلھاملىنىپ، بۇ ماۋزۇنى كەڭەيتىپ، شۇ بويىچە دىپلوم ئىشىمنى ياقلىدىم.
1998-ژىلى ماخمۇت ئابدراخمانوۋ رەھبەرلىگىدە ئەدەبىيات بويىچە نامزاتلىق دىسسېرتائىيا قوغدىدىم. دىسسېرتائىيانى ئۇيغۇرچە يېزىشقا رۇخسەت ئېلىشتا ماخمۇت ئاكا ئىككىمىز ۋاك (ئالىي ئاتتېستائىيا كومىسسىياسى) باشلىغىنىڭ ئىش بۆلمىسى ئالدىدا تالاي كۈنلەر سارغىيىپ تۇرغان ئېدۇق… ماخمۇت ئاكا مېنىڭ دوكتورلۇق دىسسېرتائىيامنىڭمۇ ئىلمىي مەسلىھەتچىسى بولۇپ بەلگۈلەنگەن ئېدى، ئەپسۇس، بەزىبىر ئوبئېكتىۋ ۋە سۇبئېكتىۋ سەۋەپلەرگە بولا، دوكتورلۇقنى ياقلىماي كەتتىم. ئۇستازىم ئاخىرقى ۋاقىتلارغىچە: «بېكار قىلدىڭىز، پىشتنىڭ ئاچچىغىدا چاپاننى ئوتقا سېلىشنىڭ ھاجىتى يوق ئېدى»، دەپ ژۈردى. بەلكى، ئۇستازىمنىڭ توغرىدۇ، لېكىن مەن يېنىك ئەمەس ھاياتىمدىكى، تەغدىرىمنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتكەن كۈنلەردىكى ژۈرەك دەردىمنى شېئىرلىرىم بىلەن بۆلۈشۈشنى توغرا كۆردۈمدە، تەشنا قەلبىمگە شېئىرىيەتتىن داۋا ئىزدىدىم… شۇ چاغلاردا ئۇستازىمنىڭ مونۇ بىر بەند شېئىرى ماڭا روھىي مەدەت بولدى.
…يەنە يالا، يەنە تۆھمەت، توقۇلغان گەپلەر،
باسقان يولۇڭ پاك بولغاچقا قىلامسەن پەرۋا؟!
ئاڭلاۋېرىپ خاپا بولۇش قالدى ئادەتلەر،
ھەرخىل گەپلەر بارمۇ، دېمەك، بەلەنتتە مەن بار.
ئۇستازىم شېئىرىيەتنىمۇ، ھەقىقىي شائىرلارنىمۇ بەك قەدىرلەتتى. بىللە ئىشلەۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە دەرىسنى تۈگىتىپ، كافېدرىغا كىرسەم، ماخمۇت ئاكا: «ھېچقايسىڭلار كەتمەي ئولتىرىپ تۇرۇڭلار، مەن ھازىر»، دەپ تالاغا چىقىپ كەتتى. ئارىدىن بىراز ۋاقىت ئۆتۈپ، ئۇ قولىغا گۈلدەستە تۇتۇپ كىرىپ كەلدىدە: «ھەممىڭلارنىڭ ئالدىدا شاگىرتىمنى تەبرىكلەي دېدىم. تۈنۈگۈن پاتىگۈلنىڭ «ئۇيغۇر ئاۋازىدا» يورۇق كۆرگەن شېئىرلىرىنى ئوقۇپ، ناھايىتى خوشال بولدۇم. چوڭ ئىلگىرىلەش بار» دەپ، گۈلدەستىنى ماڭا تۇتقۇزۇپ، يانچۇغىدىن شېئىرلىرىم ئېلان قىلىنغان گېزىتنىڭ بىر بېتىنى چىقاردى. قارىسام، ئۆزىگە بەك ياققان مىسرالارغا، شېئىرلارغا قارا سىياسى بىلەن ئۈندەش، «+» بەلگۈلىرىنى قويۇپ چىقىپتۇ. شۇ گېزىت مېنىڭ ئارخىۋىمدا ھېلىغىچە ساقلاقلىق…
خەلقىنى قەلبى بىلەن سۆيگەن، ئەل، ۋەتەن دەردىنى ژۈرەك تارلىرىدا كۈيلەپ ئۆتكەن ماخمۇت ئاكا شائىر-يازغۇچىلارنىڭ تەۋەللۇدلىرىدا ئۇچرىشىشلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئىجاتكارلارنى ئىلھاملاندۇرۇشنى ئۇنتۇماتتى. ھېلى ئېسىمدا، ئابدۇمېجىت دۆلەتوۋ 50 ياشقا تولغاندىمۇ شۇنداق بولدى. خېلىلا كەچ تۈگىگەن ئۇچرىشىشتىن كېيىن ھەممىمىز بىر ماشىنىدا قايتتۇق. ئابدۇمېجىت ئاكا ئىككىمىزنىڭ ئۆيلىرى شەھەرنىڭ بىر تەرىپىدە بولغاچقا، دەسلەپ ماخمۇت ئاكىنىڭ ئۆيىگە يول تۇتتۇق. ئىشىك ئالدىغا كېلىپ ماشىنىدىن چۈشكەن ماخمۇت ئاكا: «بىرى 50كە، بىرى 40قا تولغان تەۋەللۇد ئېگىلىرى — ئىككى شائىر مېنىڭ ئۆيۈمگە كىرىپ لەۋزىمنى ئاڭلىمىسا، رەنجىيمەن»، دەپ قەتئىي تەكلىپ قىلىپ، ئۇنۇمىغىنىمىزغا قويماي، بىزنى ئۆيىگە باشلىدى. ئۇنىڭ كۆڭلىگە بولا ئەگىشىپ ماڭدۇق. ماخمۇت ئاكا بوسۇغىسىنى ئاتلاپلا: «ماھىنۇر، قېنى سەن؟ ئۆيگە شائىرلار كەلدى. سېرۋانتتىكى، ئەڭ ھۆرمەتلىك ئادەملەر كەلگەندە ئاچىمەن دەپ قويۇپ قويغان فران ئۇز كون ياگىنى ئېلىپ بەرگىنە»، دېدى. شۇ كۈنى ماخمۇت ئاكىنىڭ سۆزلىرىدىن تېخىمۇ ئىلھاملىنىپ، ئۆيلەرگە قايتقان ئېدۇق…
ماخمۇت ئاكىنى تونۇپ ئۆتكەن 30 ژىلدا ئۈلگە ئالارلىق مۇنداق ۋاقىئەلەر كۆپ بولدى، ئەلۋەتتە. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر يادنامە ئەتراپىدا ئەسلەپ ئۆتۈش مۈمكىن ئەمەس. كېلەچەكتە ماخمۇت ئاكىدىن ئىبرەت ئالغان شاگىرتلىرى، چوقۇم، ئۇستازى ھەققىدە خاتىرە كىتاپ چىقىرىدۇ. چۈنكى دانا ئۇستازدىن ساۋاق ئالماق بىر مەسىلە، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلماق تېخىمۇ مۇھىمدۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ: «كىم بىرىگە بىر نەرسە ئۈگەتسە، ئۇنىڭدىن ئۈگىنىپ، ئېيتقانلىرىغا ئەمەل قىلغان ئادەم بارىچە سوۋاپ ئالىدۇ»، دېگەن ئېكەن. مەزكۈر يادنامىنى يېزىۋېتىپ، ماخمۇت ئاكىنىڭ ئۆزەم مۇھەررىرى بولغان «تۈگۈنلەر» كىتاۋىغا يېزىپ قالدۇرغان «ئۈمۈت-ئىشەنچىنى ئاقلاپ خۇش قىلىپ كېلىۋاتقان پاتىگۈلگە ئىزگۈ تىلەكلەر بىلەن» دېگەن قولتامغىسىنى قايتا-قايتا ئوقۇدۇم. ئۆزىنىڭ بەرگەن ساۋاقلىرىغا ئەمەل قىلىۋاتقانلىغىمدىن ئۇستازىم كۆزىنىڭ تىرىگىدە خۇش بولغانلىغىمۇ مېنىڭ ئۈچۈن قىممەتتۇر.
بۇ ماقالە قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى تور سەھىپىسىدىن كۆچۇرۇلدى.
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
قوشۇمچە:
تۆۋەندىكى سىن فىلىمىدىكى ناخشا ۋە مۇزىكا سېلىماخۇن زەيىنالوۋ ۋە مەخمۇد ئابدراخمانوۋ ئىجىراسىدا.
ئۇيغۇرنىڭ يۇلتۇزلىرى يەنە ئۆچتى! ئۇيغۇرنىڭ ئاتاقلىق كومپوزىتورى، مائارىپچى ۋە مۇزىكانتلىرىدىن سېلىماخۇن زەينالوف ئەپەندى 2011- يىلى 28-مارت كۈنى ئالمۇتادا 75 يېشىدا، مەخمۇد ئابدراخمانوۋ 20- ئاپرىل 2013 يىلى ئالمۇتىدا ۋاپات بولدى. جانابىي ئاللاھ بۇ سويۇملۇك كىشىللىرىمىزنىڭ ئاخىرەتلىكىنى خەيرلىك قىلغاي ئامىن!
تۆۋەندە مەرھۇم ئاكىمىز سېلىماخۇن زەينالوف ئەپەندىنىڭ 2003- يىلى مەن ئالمۇتا غا بارغاندا ئالمۇتا دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورى ئابدۇراخمان ئاكىمىزنىڭ ئۆيىدە بولغان بىر مېھماندارچىلىقتا ئابدۇراخمان مەخمۇت ئاكىمىز بىلەن بىللە ئورۇندىغان ۋەتەن ئەلەملىرى تېما قىلىنغان ناخشىلاردىن “ئۇيغۇرۇم”، “تۇرنىلار” قاتارلىق ناخشىلارنى فىلىمگە ئالغان ئىدىم.
بۇ ناخشىلار ۋەتەندە ئېيتىش چەكلەنگەن ناخشىلاردۇر. تۆۋەندە بۇ فىلىملارنى كەڭ تورداشلار بىلەن تەڭ كۆرۈشنى ۋە بۇ ئارقىلىق مەرھۇم سېلىماخۇن زەينالوف ئەپەندىنىڭ پۈتۈن ھاياتىدا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ، ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ساھەلىرىگە قوشقان تۆھپىلىرى ئارقىلىق ياد ئېتىشنى ئارزۇ قىلدىم.
مەن مەرھۇم سېلىماخۇن زەينالوف ئەپەندى بىلەن 2003- يىلى بىر قانچە قېتىم كۆرۈشكەن ۋە مېھماندارچىلىقلاردا بولغان. بۇ ئۇچۇرۇشۇشلارغا مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەرنى كەڭ تورداشلار بىلەن پات يېقىندا ئورتاقلىشىشقا تىرىشىمەن. تۆۋەندە بېرىلگەن لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ توربېكىتىدىن مەرھۇم سېلىماخۇن زەينالوف ۋە ئابدۇراخمان مەخمۇت ئاكىلىرىمىز ئىجراسىدىكى “ئۇيغۇرۇم”، “تۇرنىلار” ۋە باشقا قازاقىستاندا 2003- يىلى فىلىمگە ئېلىنغان ناخشىلارنى (ۋىدىولار) لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ توربېكىتىدىن كۆرەلەيسىز.
تۇرنىلار
سەپلەر تۈزۈپ ئېگىز كۆكتە ئاسماندا،
ئۇچۇپ كەلدى ئانا يۇرتتىن تۇرنىلار
قاراپ قالدىم، قاراپ قالدىم ئاسمانغا
ئاۋازىنى ئەجەب مۇڭلۇق ئاڭلىماي…
قايرىلدىڭلار ئېتىراپقا، قات -قات قاقىسەن
قانىتىڭدا ھەسرەت ئېلىپ كەلدىڭمۇ؟
مۇڭلۇق سايراپ نەلەرگىدۇ ئاقىسەن
ئاۋازىڭدا بوزەك ئەلنىڭ دەردىنى…
مۇڭلۇق سايراپ نەلەرگىدۇ ئاقىسەن
ئاۋازىڭدا بوزەك ئەلنىڭ دەردىنى…
تونۇمىدىڭ، مەنمۇ قالدىم تەلمۈرۈپ،
كۆرگەنمۇ دەپ غۇلجا قەشقەر خوتەننى.
يۈرىكىمدە ئازاب قالدى كۆيدۈرۈپ،
كۆرەلمىدىم، كۆرەرمەنمۇ شۇ ئەلنى!
ھەي كۆرەلمىدىم، كۆرەرمەنمۇ شۇ ئەلنى!
http://
http://
http://
يۇقۇرىدىكى يازمىنى ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تەييارلىدى.
يازما ھوقۇقى: لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى توربېكىتى
يازما ئادىرىسى: «بۇ ھايات ئالدامچىكەن، ئۆتۈپ كەتكەننى سەزمىدىم»